bakawul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 21:27:25

سەيپىدىن ﺋەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ، ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ، دراماتورگ بولۇپ، ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1934 – يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان . 1935- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان .1937 -يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ ، شېڭشىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم-تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان. 1938-يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغاتاي گېزىتخانسىدا ئىشلىگەن . كۆچۈرگۈچى ، كوررېكتور ، مۇھەرىر ، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن .جاھانگىرلىككە قارشى ئويۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكرىتارى بولغان. تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1944-يىلى ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىرى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى ھەربى سوتىنىڭ كاتىپى ، تەنجاڭ بولغان .1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ ، مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان . 1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت خەلىق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ مەركىزىي كومتېتنىڭ ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان .1946- يىلى 7 -ئايدا 7 – ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىمى ھاسىل قىلىپ ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .
1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن ، غۇلجىغا قايتىپ داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان . 1948 – يىلى ئۇ شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى » غا قاتنىشىپ ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان .«ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان . كىيىن شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى »نىڭ رەئىسى بولغان .1949-يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ 1- نۆۋەتلىك جوڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومومىي يىغىنىغا قاتناشقان . 1 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئەزاسى . قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان .1949-يىلى 10 -ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىگە ئەزا بولغان .1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .
1951 – يىلى ج ك پ مەركىزىي كومتېت شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمى كومتېت ئەزاسى ، مىللىي ئىشلار بۆلۈمنىڭ باشلىقى ، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو – پاكىستان دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى بولغان ، 1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ 4- شۇجسى بولغان . 1953-يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان . 1953- يىلى 8 – ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 3- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .1954 – يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان . 1955- يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغاندا ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ،ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولغان .1958 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان .
1972 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ موۋەققەت 1-شۇجىسى ،ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومتېتنىڭ مۇدىرى بولغان . 1973- يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى ،شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى ، 1- شۇجىسى بولغان . 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان .ج ك پ 8 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، 9- 10 – 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،10 – نوۋەتلىك ، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان . يازغۇچى ، شائىر ، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى – ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك « تەڭرىتاغ ئوغلى » ، بئوگرافىك ئەسەر « ئۆمۈر داستانى » (1،-2،- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا « ئاماننىساخان » ، ھېكايە ،نەسىرلىرى توپلىمى « ئەۋلىيا ئاتا » ، « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » ، « شانلىق يىللار » قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان . 500 دىن ئارتۇق روبائىي ، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان .
ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى « سۇتۇق بۇغراخان » دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ،قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل ،شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان . ئۇنىڭ « ئاماننىساخان » ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان . بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى .

<div class=entry>

http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=1599

</div>
بەت: [1]
: سەيپىدىن ﺋەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى