BlackBerry يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 17:42:40

BlackBerry توغرىسىدا مەسلىھەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

مۇشۇ BlackBerry ماركىلىق يانفۇن بار دەپ ئاڭلىدىم ! توردىنمۇ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقتىم !

بۇ BlackBerryزادى قانداق ئالاھېدىلىكى بار يانفۇن ؟ قانداق ئالاھېدىلىكلىرى ،ئارتۇقچىلىقى بار؟ باھاسى قانچە پۇل  ؟ قايسى دۆلەتنىڭ ؟ سېتىۋىلىشقا توغرا كەلسە قانداق سېتىۋالىمىز ؟

مۇشۇ مەسىلىدە كەڭ ئىزدىنىش ئەھلىدىن مەسلىھەت ئالماقچىمەن !

كۆپچىلىكنىڭ توغرا مەسلىھەتىگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۇرىمەن !!!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:23:30

قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق، قارا بۆلجۈرگەن سېستىمىسىنى ئىشلەتكەن يانفوندۇ؟
خەقنىڭ قولىدا ئەڭ جىق كۆرىدىغىنىم قارا بۆلجۈرگەنمىكىن دەيمەن. ئىشقىلىپ ئايفوندىن قېلىشمايدۇ ئىشلىتىدىغان ئادەملىرىنىڭ كۆپلىكى.
ھەرقانداق يەردە تېلىفون ئىشلەتمەڭ دېمەكچى بولسا «بارلىق يانفون ۋە قارا بۆلجۈرگەننى بۇ رايوندا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىپ قويىدىكەن.
كانادانىڭ بىردىنبىر يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركىتى دەيدىكەن.
بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك.

turbo يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:24:00

ئازىراق ئىزدەنمەي تۇرۇپ سورىسا تازا قاملاشماس

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:26:54

سورىمىسۇن دېمىدىم. سوراشتىن ئاۋال ئۆزىمۇ ئىزدىنىپ باقتىمۇ يوق، ئۆزىمۇ ئىزدەنگەن بولسا، ئىزدەپ تاپقانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويسۇن، شۇنىڭغا قاراپ بىزمۇ تولۇقلايلى دېمەكچى.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:48:00

بايا بەيدۇ تورىدىن مۇشۇ قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق تىلفۇن توغۇرسىدا ئۇچۇر كۈرۈپ باقاي دەپ ئىزدىسەم   ، قار بۆلجۈرگەن ماركىلىق تىلفۇنلارنى بەزى دۆلەتلەردە ئىشىلتىش چەكلىندۇ دىگەن دەك گەپلەر باركەن  بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ئەمدى  مۇشۇ يەرگە كۈچۈرۈپ قويسام تورداشلار تەپسىلى تەرجىمە قىلىپ قويمامسىلەر

看到报道中说,因黑莓手机可能危害国家安全,沙特、印度等国限制黑莓手机的使用,它是怎么个危害的呢?请高知告诉我,谢谢了
那个是它的数据服务……貌似可以加密
,政府就掌控不了你所发的信息了!! 懂不???  就好像我们现在发的信息
,政府如果有兴趣,他就可以知道你每天和什么人聊天
,聊了什么!!!  而用上黑莓的数据服务后
,就不行了,黑莓的数据加密太强大了
!!!  所以,如果信息走的是黑莓的数据服务
,就没有办法监控了!!!  吓人吧???   政府怕了!!!  so 和谐 了!!! 
<!-- 导入 在此 参考资料--><!-- end 参考资料-->

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:48:41

يېڭى ئەزاكەن ، سۇئال سورىغانغا خىجىل قىلدۇرۋەتمەڭلار ئەمدى ...

بۇ تېلىفۇننىڭمۇ باھاسى ئارزان ئەمەسكەن 4800 يۈەن دەيدۇ ، لېكىن ماڭا قويسا مەن يەنىلا ئايفوننى تاللايمەن ...

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 17:57:05

قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق تىلفۇن ئىكەن كانادانىڭ RIM شىركىتى ياسىغان بۇلىشى مۇمكىن ئامىرىكا بازىردا ئالما تىلفۇندىن قالسا مۇشۇ قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق تىلفۇن ئۈستۈن تۇردۇ دەپ ئاڭلىغان بەزىلەر  ئامىرىكا مەھسۇلاتى دەيدىكەن

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 18:06:27

كانادانىڭ RIM شېركىتى 1997-يىلى بازارغا سالغان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇن. ياۋروپا، ئامېرىكا بازارلىرىدا كۆپرەك ئشلىتىلىدۇ. دۇنيادا 175 دولەتتە 46 مىليۇندىن ئارتۇق ئابونىتلىرى بار. ھازىرقى ئامېرىكا ئەلباشى باراك ئوباما مۇ بۇ تېلفوننىڭ ئامراق ئىشلەتكۈچىسى ئىكەن.  مودېللىرى خېلى كۆپ بار ئىكەن.

بەزىدە ئويلۇنۇپ قالىمەن. مۇشۇ تورغا ، XXXX نى بىلەمسىلەر ؟ ياردەم سورايمەن دەپ تېما يازىدىغانلار، ئاۋال ئۆزى قانچىلىك ئىزدىنىپ باققاندۇ ؟ ھېچ بولمىغاندا ، مەن مۇنداقراق ئۇچۇر تاپقان ئىدىم، تولۇقلاپ بېرىدىغانلار بارمۇ دېسە ، قالغانلىرىمىز تولۇقلاپ ماڭساق ، مۇكەممەلراق بولغان بىر ئۇچۇرغا ئېرىشمەسمىتۇق.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 18:06:32

مۇشۇ قارا بۆلجۈرگەن تېلفۇنلىرنىڭ تاۋباۋ تورىدىكى مەخسۇس سېتىش ئۇرۇنلىرى باركەن

http://item.taobao.com/item.htm?id=7417797433

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 18:35:13

Galaxy:

كانادانىڭ RIM شېركىتى 1997-يىلى بازارغا سالغان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇن. ياۋروپا، ئامېرىكا بازارلىرىدا كۆپرەك ئشلىتىلىدۇ. دۇنيادا 175 دولەتتە 46 مىليۇندىن ئارتۇق ئابونىتلىرى بار. ھازىرقى ئامېرىكا ئەلباشى باراك ئوباما مۇ بۇ تېلفوننىڭ ئامراق ئىشلەتكۈچىسى ئىكەن.  مودېللىرى خېلى كۆپ بار ئىكەن.

بەزىدە ئويلۇنۇپ قالىمەن. مۇشۇ تورغا ، XXXX نى بىلەمسىلەر ؟ ياردەم سورايمەن دەپ تېما يازىدىغانلار، ئاۋال ئۆزى قانچىلىك ئىزدىنىپ باققاندۇ ؟ ھېچ بولمىغاندا ، مەن مۇنداقراق ئۇچۇر تاپقان ئىدىم، تولۇقلاپ بېرىدىغانلار بارمۇ دېسە ، قالغانلىرىمىز تولۇقلاپ ماڭساق ، مۇكەممەلراق بولغان بىر ئۇچۇرغا ئېرىشمەسمىتۇق.

ئاۋۋال ئۆزى تىرىشىپ ئاندىن ياردە م سورىسا ،خۇددى ئۆمىلەۋەتقان بوۋا ق ئۆ زىنى تە   -تە ئېتىشكە ياردە م سورىغاندەك ياخشى خىسلەت!

بىرا ق ياتقان ئادە م مېنى ماڭدۇر دېسە تازا قاملاشمايدۇ!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 18:39:00

قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق تېلفۇن ئەمەس ، قارا بۆلقۈرگەن مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن تېلفۇن

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 19:59:29

مېنىڭچە بىلمىگەننى سورىغاننىڭ زىيىنى يوق. شۇ باھانىدە كۆپچىلىكمۇ بىلمىگەننى بىلىۋالىدىغان گەپ. مېنىڭچە بىلمىگەننى سوراشتىن باشقا يەنە بىلگەنلەرنىمۇ سوراپ ، تورداشلاردا سۇئال - جاۋاب تەرىقىسىدە بىلىم ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:54:17

سەئۇدىدا خەقلەر قارا بۆلجۈرگەننى ئىشلىتىپ سېرىق ئۇچۇر تارقاتقاننى ھۆكۈمەت بىلەلمەيدىكەن، شۇنداق ئىشلار ئاۋۇپ كېتىپ شۇڭا چەكلىۋېتىپتىكەن. ھىندىستاننىڭكىنى بىلمىدىم.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:05:15

ئازراق مەلۇماتقا ئىگە بۇلۇپ قالدىم قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق تىلفۇنلاردا مۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدار باركەن قىسقا ئۇچۇر يوللىغان چاغدا سىز يوللىماقچى بولغان ئۇچۇرنى (جامىي)مەخپيەتلەشتۈرۋاتسڭىز سىز يوللىغان ئۇچۇرلارنى دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرمۇ كۈرەممەيدىكەن  يەنە دۆلىتىمىز تورلىردا چىقىشقا بولمايدىغان ھەم ئىتىۋىتىلگەن توربەتلەر قارا بۆلجۈرگەن تىلفۇنىدا بىمالال چىققىلى بۇلدىكەن بۇنىڭغا دۆلىتىمىزمۇ ئامال قىلالمايدىكەن شۇڭا ھىندىستان سەئۇدى ئەرەبىستان لاردا چەكلەنگەن تىلفۇنلاركەن ئەمەسمۇ

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:08:53

مەخسۇس مۇشۇ سوئال ئۈچۈن تىزىملىتىپتىكەن

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:15:28

باغرىم تورداش بۇ تىلفۇنلارنى ئۈرۈمچى جۇڭسەنلەردە 400  500 لەرگە ئادەتتىكىسىنى ئالغىلى بۇلامىشقۇ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:16:44

400-500 يۈزدە-يۈزدە تاغتۇرا. كانادانىڭ ئۆزىدە ئەڭ ئادەتتىكىسىنى 300 دوللارغا ئالىسىز، دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى. يېڭى نۇسخىسىنى 600 دوللارغا ئالىسىز. ئۈرۈمچىدە 400-500 يۇەن بولسا بۇ يەردىكىلەرمۇ ئۈرۈمچىدىن ئەكەپ ساتار بولغىيتى.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:31:35

مۇشۇ تاپتا يېنىمدا بىر قازاق دوستۇم بار بۇرۇن جوڭسەندىن بىرنى ئاپتىكەن 500  ئەتراپىدا ئالغان دەيدۇ تېخى GPS ئىقتىدارىمۇ باركەن دوستۇم 3 ئاي ئىشلىتىپ پۈتۈن ئىنگىلىزچە بولغاندىكىن  گۇڭنىڭغا كۈنۈپ بۇلالماي تۇرسا باشلىقى كۈرۈپ قېلىپ سېتىپ بەر دەپ تۇرۋېلىپ بىرىۋاتقان دەيدۇ زاپەر بىلەن جىڭ پەر تىلفۇننى يۈز پىرسەنىت ئارىيالايدۇ دوستۇمنىڭ يېنىدىمۇ ھازىر ئايفوننىڭ 4 ئەۋلاد نۇسخىسى بار   سىز بەرمەيدۇ دىگەن بىلەن باج تۆلىمەي كىرگەن تىلفۇنلار يەنە باشقىلار ئوغۇرلاپ ساتقان تىلفۇنلار ئۇنچىۋالا قىممەتمۇ ئەمەس( شۈخو) سىنى ئالسا بۇلىۋىردۇ   يەنە مىنىمۇ تىلفۇن بىلمەيدىغانغا چىقىرۋەتمەڭلار يەنە  تىلفۇنچىلىق مىنىڭ كەسپىم جۇمۇ ھېچ بولمىسا تىلفۇننىڭ زاپەر ياكى جېڭ پەرنى بىلەن خاڭ خو بىلەن شۈ خونى مۇ ئارىيمەن   ماۋۇ گەپنى سىز مەستۇرەگە دىمىدىم

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:37:15

ھازىر تاغتۇرا تېلىفونلاردىمۇ بارغۇ GPS دېگەن؟
ھەرقانچە باج تۆلىمەي كىرسىمۇ كانادادىنمۇ ئەرزان بولامدا سىزنىڭچە؟ جوڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ باھاسىنى 1/5 قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرسە قانداقكىن.
ئەگەر ئوغرىلىغان تېلىفون بولسا شۇڭا ئەرزاندۇ دېسىڭىز ئىشىنىشىم مۇمكىن. ئىشقىلىپ بۇ گەپتە گۇمان بار.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 21:49:38

سىز بىلەن تالىشىپ ئولتامايمەن ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ماندا بازا ئايلانغاچ بېرىپ كۈرۈپ كىلىپ جوڭسەن خەلقىئارا تىلفۇن بازىرنىڭ 2 -3 قەۋەتلىرنى خۇدايىم بۇيرىسا ھېيىتتىن يېنىشىغا ئۈرۈمچىگە بېرىشقا ئېرادە قىلدىم شۇ ۋاقىتتا سىزگە پاكىتى بىلەن سۈرەتلىك قىلىپ ئىسپاتى بىلەن تىما يوللاپ كۆرسىتىپ قۇياي راست قارا بۆلجۈرگەن مىكەن ياكى تاغ تۇرا نۇسخىسىمىكەن  بىلمىسەم بىرمۇنچە ئىنكاس يازمايتىم  ئىشقىلىپ 90 پىرسەنت نوكىيا سەنشىڭ موتوروللا تىلفۇنلارنىمۇ قۇلۇمغىمۇ ئالماي تۇرۇپ باشقىلار گۇڭنىڭغا كىرسە بىر قاراپ جىڭ مال ياكى تاغ تۇرا نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بىلۋالايمەن
بەت: [1] 2
: BlackBerry توغرىسىدا مەسلىھەت