helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:45:50

سالام دۇنيانىڭ لاغايلاش خاتىرسى


شاڭخەي ئەكىسپونىڭ كىرىش ئېغىزى مۇشۇنداقكەن ، 6 ئايدا بەك تەكشۈرگەن ، 8 ئايدا ئۇلارمۇ ھېرىپ قاپتۇ ، تەكشۈرۈش ئانچە قاتتىق ئەمەس



ئاۋىستىرالىيە زالىنىڭ ئالدىدا رەسىم ئويناپ قويدۇق ، قىزلار كۈيۈپ يۈرمىسۇن دەپ يۈزۈمنى تۇسۇپ قويدۇم ھە ....


شەھەر دىگەن مۇنداق بۇلدۇ دىگەن زالكەن ، ھەيكەللىرى راستەكلا ....



ماۋۇنى مۇنبەردىكى كۆلتىگىننىڭ تېشىمىكى دەپ قالماڭلار ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۇقۇپ يۈرگەن كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشىنى موزىيدىن نەق ئۆزىنى ئەكەپ تۇركىيە زالىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ .



تۈركىيە زالىدىكى ماۋۇ ئايپاتەم قانداقكەن ؟ شۇغىنىسى خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلمەيدىكەن

ماۋۇ قىرغىزىستان زالىدىكى ئايپاتەم ، يامان قىزغىنكەن ، رەسىمگە نازلىنىپ چۈشۋالدى بىكارلىق تارتتى دەپ ......



<p>چاۋشىيەنلىك ئايپاتەمكەن ، رەسىمگە تارتسا قاپاقنى تۈرتۈپ ....جوڭگوغا يەپ ئىچكىلى كەلگەندەك .....


ئىككىنچى قېتىم بارغاندا ئىران كۈنى گە بېرىپ قاپتىكەنمەن ، نىجاتكامنى كىلىدۇ دەپ مەشرەپكە چۈشۈپ كىتىپتۇ . گىلەملىرى چىرايلىقكەن ، لېكىن نۇسخا ئوغۇرلايسەن دەپ رەسىمگە تارتقۇزمىدى ، مەنمۇ گىلەمچى بولمىغاندىكىن مەيلى دىدىم . بولمىسا ئاتۇم بومبىسى ياسايمىز دەپ يۈرگەنلەر بىلەن دىيىشىپ قالساممۇ تاياق يەيدىغان چىراي .....


ئاېىستىريىلىك دىگەن يامان رومانتىك مۇزىكا خۇماركەن ، غىتتاڭشىپ ساز چېلىشىپ ۋارۇ ۋۇرى قىلشىپ ئولتۇرۇپتۇ


گىرمانىيە زالىدا خىزمەتچى قىز بىلەن رەسىمگە چۈشۈشۈپ كەتتى يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىم دىگەن ئوغرى ......   بىر ئېغىز نىمىس تىلى بىلسە نىمە قىلار بولغىيدى .....


ئىرانلىق دىگەن ھەممە ئەدەم قاراپ تۇرسا لەغمەن يەيدىغان خەقكەن .....



ئەرەبلەر ئۇسۇلنى خالىسا ئولتۇرۇپ خالىسا ئۆرە تۇرۇپ ئوينايدىكەن،لېكىن بۇ ئۇسۇلدا قولىدىكى ھاسسىنى يەرگە ئۇردىكەن توختىماي ، نىفىت ئىزدەش ئۇسۇلى ئوخشايدۇ


داۋامى بار ھە

ئۇف......... ئاران تەھرىرلەپ بولدۇم

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:26:21

سالام دۇنيا ئاتا بولغاننىڭ ياقى ئەجەپ كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇپ كېتىپتۇ

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:31:11

ئاپارات تازا دېگەندەك ئەمەسمۇ يا قول تىترەپمۇ

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:32:29

رەسىمگە تارتىشنى تازا ئۇقمايدىغان ئاداش بۇ

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 20:47:02

ئايپاتەمگە قارايمەن دەپ شۇ

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 09:42:52

ئەمىسە شاڭخەيدىن قاناسقا كەتتۇق باللا ، چىڭ ئولتۇرۇڭلار ھە ....

قاناسقا بارغۇچە قارىمايدىن ئۈتۈپ مۇنبەردىكى گاچا دىگەن دوستىمىزنى ئېلۋالدىم ، ئۇ بولمىسا كۆڭلۈم يېرىم ، ئاغىنىدارچىلىققا يارامدىكەنمەن ؟ ماۋۇ قارىمايدىكى ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلىغان ئېرىق . توققۇز ئەجداھارمۇ دىگەن يېرى .

قاناسنىڭ دەرۋازىسى مۇشۇنداقكەن ، ئالتە شەدىن چىققان مۇساپىردەك تۇرۇپ چۈشۈپ قويدۇق .

رىۋايەتلەردىكى قاناس كۆلى مۇشۇ ، بىردەم قاراپ تۇرساڭلار غەلىتە مەخلۇق سەكرەپ سۇدىن چىقىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيدۇ .

تاغنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرسا مۇنداق كۈرنىدىكەن بۇ كۆل .

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:02:04

بىر تالاي پەلەمپەيدىن يامىشىپ چىققاندىن كىيىن تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قېلىپ ئۇمۇمى مەنزىرىسنى تارتىۋالدۇق .

ماۋۇ مەنزىرنى تارتىمەن دەپ تاس قالدىم يېقىلىپ كەتكىلى ،  يالغاندىن بولسىمۇ ئاجايىپ تارتىپسەن دەپ قۇيۇڭلار ، بولمىسا ئايەت قاتمىسا ئەيفىيفىينىڭ كۆڭلىگە كەلگەندەك كۆڭلۈمگە كىلۋالدۇ .

مۇنبەردىكى گاچا ئاغىنىمىز بەك يۈزى تۆۋەن بالا بولغاچ يۈزۈمنى يۆگەپ رەسىم ئونايمەن دەپ تۇرۋالدى ، بۇ قاناسنىڭ تۇلۇنئاي ئەگىمى دىگەن يېرىكەن .

ھەسەن ھۈسەننى كۈرۈپ باققانما ؟

ماۋۇ قاناستىن قايتىپ ماڭغاندا ئۇچرايدىغان جوڭغارىيە ياۋا ئېتى ، ئاڭلىسام چېڭ لوڭمۇ بىر ئىككىنى بېقىپ قۇيۇپتىمىش .

بۇ ئاتنىڭ گۆشىدە قىزا قىلسا چۇقۇم تەمى بەك ياخشى چىقىدۇ .

ياۋا تۆگىنى كۆرگەنما ؟ تۆگىنىڭ ياۋىسى مۇشۇنداق بۇلدۇ .

مەن قارىسام ياۋىدەك ئەمەس ، ساياھەتچى جەلىپ قىلايلى دەپ قازاق ئاغىنىلەرنىڭ تۈگىىسىنى يولغا ھەيدەپ قويدىمىكى يا دادۈيجاڭلار

فۇخەي دىگەن يەردە سۇغا چۈمۈلۈپ بىلىق يەپ باققانما ؟ ئىت بىلىقى دەپ بىر بىلىق باركەن ئىت ئوخشاش چىشى بار . رەسىمدىكى مەن ، ئىت بىلىقى ئەمەس ھە .

ئەمدى غولجا تەرەپكە كىتىمىز ھە ، ساقلاڭلار .

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:04:57

چىرايىڭلىغا بېلەت ئېلىپ يولغا سېلىپ قويدىڭلىما

rixta يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:18:23

تور بەتكە بايام كىرىشىم،تىمىلارنىڭ دائىم يېڭى مەزمۇندا بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:20:00

تور بەتكە بايام كىرىشىم،تىمىلارنىڭ دائىم يېڭى مەزمۇندا بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

-----------

كەسىلە ئايپاتەم ، سىلىدىن باشقا ھەممەيلەن كەپ بولدى

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:23:38

پايپاقلا تارتىۋالماي

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:24:50

ئىسىت 4000 亿 。بارغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ۋۇييۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم  .  400 مىليارىد  

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

danko يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:53:15

رەسىم قېنى ھوي

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:53:25

بۇ قانداق بوپ كەتتى؟

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:56:25

تىمىنى ئوقىماي تەھرىرلەمدىكىن دىسەم ،كۆرۈپمۇ قويمايدىكەن --ھە

tashnur يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:02:17

رەسىم يوققۇ

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:06:26

ئاۋۇ ئادرىسنى چەكسەك ئىچىلىدىكەن مۇنداق .

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:45:02

مەسكەنسەندە كاساپەت...

turkex يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 12:36:59

باشلىق قېنى...ماۋۇ تېمىنى بىر تەھرىرلەپ قويمامسىلە ،
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: سالام دۇنيانىڭ لاغايلاش خاتىرسى