Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 07:49:07

چوكانلارغا يەنە بىر دەرس!!!

يازمىلاردا ھورۇنلارغا باھانە بولۇپ بىرىدىغان "تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ" دەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش مودا بولدى. شۇنىڭ بىلەن قىز-چوكانلار ئەرلىرى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پەلەي، پايپاق، پوپايكا توقۇپ بىرەلمەيدىغان توغرىسى توقۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىغۇ مەيلى دەيلى قازان بېشىدا تاماق ئېتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ كەتسە بىر نېمە دېمىسەك بولمايدۇ ئەركەكلەر. نان ناۋايخانىدا تەييار، لەغمەننىڭ پىلتىسى بازاردا، كېسىگلىك ئۈگرە بازاردا، پىلتە قۇيماق بازاردا، سوغۇق سەيلەر بازاردا... ھەممىسى بازاردا بولۇپ كەتسە خوتۇن - قىزلارنىڭ ئەرلىرى، پەرزەنتلىرىگە مىھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانغا يەنە نېمە قالدى؟!!! قىز-چوكانلار سىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ئەرلەرنى تالىشىش رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىسىلەر. ئەرلىرىڭلارغا ئائىلىدىن تولۇق زوق ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىڭلار. سىلەرگە خىيانەت قىلىش يولىغا ماڭغىلىۋاتقان بولسا (ما گەپ سەل ئىشىپ كەتتى)، مانا ئەمدى سىرتتا زوقلانغۇدەك نەرسە قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسۇن! خەيرىلىك ئىشنى كېچىكتۈرمەي يا بىسمىللا دەپ ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ - ئېرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ جەلىپكار خوتۇن، پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ مىھرىبان  ئانا بولۇش ئۈچۈن قازان بېشىغا ئۆتۈڭ، - دە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوخشىتىپ ھېيتلىق پىلتە قۇيماق (ساڭزا) سىلىڭ! بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويچە سىلىشنى ئۈگۈنۈڭ:

______________ بىرزات

خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا  سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ.

پىچىنە پىرەنىكلەر بەكمۇ تاتلىق،
بار يەنە شاھ يېمەكلىك ساڭزا ئاتلىق.
تىزىلسا داستىخانغا بۇ يېمەكلەر،
مېھماننىڭ دىلى يايراپ قۇچار شاتلىق.

پايدىلىنىش ماتىرىيالى:ئۇيغۇر تائاملىرى.

يەنە بىر تورداشنىڭ قىيىقچا سىلىشنى ئۈگۈتۈپ يازغان يازمىسى بار ئىكەن، ئۇنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويغۇلۇق ئىكەن.

ھازىر نۇرغۇن ئانىلار ھېيتلىق پىشۇرۇقلارنى بازاردىنلا ئالغاچقا قىزلار ساڭزا، بوغۇرساق، قىيىقچا قاتارلىقلارنى سېلىشنى بىلمەي چوڭ بولىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ساڭزا ھەم ساڭزا تۈرىدىكى مايلىق پىشۇرۇقلار ئەنئەنىۋىي مىللىي تائاملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكىم ھېيت - ئايەملىرىمىزدىكى داستىخىنىمىزنىڭ گۈل تاجى بولۇپ كەلگەن. ھازىر بازارلاردا ھەممە نەرسە تەييار بولىۋاتقان بولسىمۇ پەقەت قىزلىرىمىزغا ئۈگۈتۈشكە تېگىشلىكلەرنى چوقۇم ئۈگەتمىسەك بولمايدۇ. ساڭزىنىغۇ داۋاملىق بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ ئەمما قىيىقچىنى ھەممىلا جايدىن تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە قىيىقچا سېلىشنى دەپ بېرەي. خانىم - قىزلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

قىيىقچىنىڭ خېمىرىغا تۇخۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە ئارلاشتۇرۇلمايدۇ.

مۇۋاپىق ئاق ئۇنغا خېمىر ھالىتىگە كەلگۈدەك تۇخۇم قۇيۇپ چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغىچە خېمىرنى تىندۇرىمىز. ئاندىن  خېمىرنى تەكشى نېپىز يېيىپ، سامبۇسا كەسكۈچ (چىشلىق چاق شەكلىدىكى خېمىر كەسكۈچ) بىلەن يۇمۇلاق ئايلاندۇرۇپ كېسىۋالىمىز، كېسىلگەن خېمىرنىڭ كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ياغ چۈچىگەندىن كېيىن تېمپۇراتۇرسىنى 80 سېلسىيە گرادۇسقا تەڭشەپ كېسىلگەن قىيىقچىنىڭ دېئامېتىرىنى  تەخسىگە دەل كەلگۈدەك چوڭلۇقتا يۆگەپ قازاندىكى مايغا سالىمىز. بەك قىزارتىۋەتمەي سۇس سېرىق رەڭگە كىرگەندىلا ئۆرۈپ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ سارغايتىپ سۈزىۋالساق بولىدۇ. خېمىرنىڭ تۇزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پىشقان قىيىقچىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك ئېزىلگەن قەنت سېپىمىز. قىيىقچىنىڭ تەمى تاتلىق، چۈرۈك، يىيىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىك بولىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى: 80خالتا بلوگى بولۇپ ئۇ يەردە ئىنكاسلار قىززىغاندۇرلەر.

nurul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-10 10:13:26

مەن ماۋۇ تېمىدىكى يەنە بىر ئىنكاسنى كۆرەلمىدىم،شەھلانىڭ تۇنجى ئىمكاسىنىمۇ ھەم.ئۆتكەندە پاسپورت تېمىسىدىكى بىر ئىنكاسمۇ كۆرۈنمەيدۇ.

بىر زات ھەكىم،ماۋۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرنى بىر ئوڭشىسىلا بولاتتى!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 07:58:40

قىيىقچا ساڭزا سېلىپ بېقىشنى ئويلاشقانتىم. لېكىن دېئامىتىرى تەخسىگە توغرا كەلگۈدەك چوڭلۇقتا يۆگەپ قازاندىكى مايغا سالىمىز دېگەن يېرىنى چۈشەنمىدىم....نېمىگە يۆگەيمىز؟ قانداق سالىمىز؟ سەل تەپسىلىي دەپ بېرىڭلارچۇ!

nurul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 08:08:42

قولغىلا يۆگىسىڭىز بولىدۇ مەستۇرە،دىققەت خېمىرنى چوقۇم تۇخۇم بىلەنلا يۇغۇرىسىز،سۇ ئارىلاشتۇرسىڭىز بولمايدۇ.كۆركەم، نېپىز چەم چۈرۈك چىقىشنىڭ بىر شەرتى بۇ.دىئامىتىرى تەخسىگە توغرا كەلگۈدەك دېگىنى سىز ئاۋۇ قىيىقچا ساڭزا(بىز بۇ يەردە يوپۇرماق ساڭزا ديمىز)نى پۇشۇرۇپ بولۇپ تىزىدىغان تەخسىنى كۆرسىتىدۇ.بولسا خىرۇستال تاۋاق دېگەندەكلەرگە سالسىڭىز چىرايلىق كۆرىنىدۇ.

nurul يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 08:13:40

خېمىرنى يېيىپ بولغاندىن كېيىن سىز قىيىقچا بىلەن خېمىرنى ئۈستىدە دېيىلگەن ياكى ئۆزىڭىز خالىغان كەڭلىكتە كېسىىز،ئاندىن پۇشۇرغان چاغدا ئەڭ چېتىدىن باشلاپ يەنى .ئەڭ چوڭ كېسىلگەن دۈگىلەك خېمىرنى يۆگەپ پۇشۇرۇڭ،ئاندىن ئۇنىڭدىن كىچىكىنى...دېگەندەك.شۇنداق ھالەتتە تاۋاققا تىزسىڭىز قىيىقچا ساڭزا پىرامىدا شەكلىدە ،كۆركەم چىقىدۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 08:30:15

رەھمەت جېنىم دوستۇم، كۆرۈنمەسلا بولۇپ كەتتىڭىزغۇ؟ يېڭى شىئېرلار يوقمۇ؟
مۇشۇنى قىلىمەن دەپ ئاتايىن يىراق بىر يەرگە بېرىپ قىيىقچا كېسىدىغان نەرسىمۇ ئەكەپ قويغانتىم، قانداق قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن، ئەتىلا سىناپ باقايچۇ، ئاللا خالىسا.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 09:10:25

شەھلا، ئەمىسە ئېغىر كۆرمەي تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ رېتسىپلىرىنىمۇ يېزىۋېتىڭە.
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يالغۇز بولغاچقا ئۆيگە جىق ئادەم ھېيتلاپ كەلمەيدۇ دەپ خىيالىي يۈرۈيتتىم، بۇ قېتىم ئەمدى پۈتۈن شەھەردىكى ئۇيغۇرلار دېگۈدەك كېلىدۇ ھەقىچان. تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭمۇ جىقراق قىلمىسام بولمايدۇ.
باقالى، قات-قات، بال پىرەنىك....يەنە ئۆزىڭىز بىلىپ خۇرۇچلىرىنى دەپ بېرىڭە. ئالدىنئالا رەھمەت دېگەن تۇراي.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 09:39:07

ئەمسە ئاۋال باققالىنى دەي ، سىز سىناپ بىقىڭ ، كىتىدىغان لازىمەتلىكلىرى ،

ئۇن ، ياڭاق ، ھەسەل ،قۇرۇق ئۇزۇم ،سېرىق ماي ،ئاق شىكەر ،سۇت ،سودا،تۇخۇم

ئادەتتە سەل ئارا پىيالىدە بىر پىيالە ئۇن بولسا نورمال بىر لىس باققالى بۇلۇشقا يىتىدۇ ،قالغان خۇرۇچلارنىمۇ  شۇنداق ئولچەمدە تەييارلايمەن ، لىكىن ياڭاق بىلەن ئۇزۇمنى ئارلاشتۇرۇپ بىر پىيالە قىلىمەن ،بەك جىق بوپ كەتسىمۇ  ئادەمنى بىئارام قىلىدىغاندەكلا . سىز مىھمانلىىرىڭىزنى سانىغا قاراپ ئۆزىڭىز مۇلچەرلىۋالارسىز ، كىچىكىمىزدە ئاپام كاكائۇ تالقىنى ئىشلىتەتتى ، لىكىن مەن بۇ تالقاننىڭ تەركىۋىدىن گۇمانلانغاچقا ئىشلەتمەيمەن ، يەنە كىلىپ كاكائۇ سىلىنسا باقالىنىڭ تەبىئىي رەڭگى چىقمايدىكەن ، پۇراقمۇ تازا ۋايىغا يەتمىگەندەك ھىس قىلىمەن ،

تەييارلاش ئۇسۇلۇم ،

سېرىق ماينى سودا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۆپۈك ھالەتكە ئەكىۋالىمەن ،ئاندىن تۇخۇمنى قوشىمەن ، ئۇنىمۇ شۇنداق ئارلاشتۇرىمەن ، ئاندىن ھەسەل ، شىكەر ،سۇتلەرنى قوشىمەن ، ھەممىسىنى ئېرىپ توللۇق ئارلاشقىچە قوچىمەن ، بۇ بەك مۇھىم ، سەل قول تۇتىدۇ ،بىراق چىدام غەيرەت بىلەن نىشانغا يەتمىسەك بولمايدۇ ،

ئارلاشما ۋايىغا يەتكەندە ياڭاق ئۇزۇملەرنى ئۇنلارنى سالىمىز ، دىققەت ، ياڭاق ئۇزۇملەرنى سەل ئىغىزغا تاقاشمىغىدەك چانىۋىتىش كېرەك ، سۇيۇقتەك بىلىنسە سەل ئۇن قاتساقمۇ بولىدۇ ، لىكىن ھەممە خۇرۇچ ئوخشاش پىيالىدە تەڭشەلسە ئاساسەن چاتاق چىقمايدۇ .

ئارلاشما تەييار بولغاندا دوخۇپكىنى قىزىتىپ لىسنى مايلاپ شېرىنى توكىمىز ، ئاندىن ئوتتۇرا ئوتتا كوپتۇرىمىز ، كوپكەندىن كىيىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت تۇرغۇزىمىز ،بۇ جەرياندا باقالى قېلىنلاپ پىشىدۇ ، پىشقان پىشمىقانلىغىنى باقالىغا ئىنچىكىرەك ياغاچ تاياقچە سانجىپ باقسىڭىز چاپلاشمىسا پىشقان ھىساپلىساق بولىدۇ ،

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 09:45:41

باشتىكى ئىنكاسىم كامغۇ ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 09:46:36

xahla91:

ئۇششۇق

تۇرمامدۇ ئەنە

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 09:46:46

ما تىمىغا خەتكۇچ سەپ قوياي،لازىم بولۇپ قالار ئىنشائاللاھ

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:13:10

تاماق ،كىيىم كىچەك ،بويتاقلار تېمىسى ، ھى ھى ھى ....

پەرھات شېرىن لايىق تۇنۇشتۇرۇش سەھىپىسىدىن بىرنى ئاچىلى بولمىسا

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:43:15

ئامما لىكىن مىنىڭ رەپىقەم بۇنداق ساڭزا ، قىيىقچا ، مۇراببالارنى دەششەت ئوخشىتىۋىتىدۇ . ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا مۇراببا سال دەپ 2 سېۋەت ئەنجۈر ئەكلىببەرسەم ۋوڭ كورىدا 2 كورا مۇراببا سېلىپتۇ بىر كورىنى يەپبۇلاي دىدىم ..

ئەتىگەن ھېيتلىق ساڭزا سالىمەن دەپ قالغان چۈشلەردە ئۇنىڭغىمۇ ئېغىز تىگىمەن ھە قاچان .......

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 10:53:40

lonelyness:

تاماق ،كىيىم كىچەك ،بويتاقلار تېمىسى ، ھى ھى ھى ....

پەرھات شېرىن لايىق تۇنۇشتۇرۇش سەھىپىسىدىن بىرنى ئاچىلى بولمىسا

جىڭ ئىزدىنىشتا مۇشۇ كام،،،

بۇبولسا خاتىرجەم ....قىزلانى ئويلىماي،مۇھابىتىمنىمۇ تاشۋىتىپ ئۈگۈنىشىمنى قىلاتتىم

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:05:09

bughra-oghli:
lonelyness:

تاماق ،كىيىم كىچەك ،بويتاقلار تېمىسى ، ھى ھى ھى ....

پەرھات شېرىن لايىق تۇنۇشتۇرۇش سەھىپىسىدىن بىرنى ئاچىلى بولمىسا

جىڭ ئىزدىنىشتا مۇشۇ كام،،،

بۇبولسا خاتىرجەم ....قىزلانى ئويلىماي،مۇھابىتىمنىمۇ تاشۋىتىپ ئۈگۈنىشىمنى قىلاتتىم

    ھازىرقىسىنى تاشلىۋەتسىڭىز سەللىمازاسويۇق بالىكەنسىز جۇمۇ.

مەن قۇلاقتىن تۇتۇپ ئەكىلىپ ماۋۇ تېمىنى كۆرسىتىپ قوياي دېسەممۇ يوق مېنىڭ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:07:08

شەھلانىڭ بىر ئىنكاسى يوق تۇرىدۇيا توۋا. بەك پەيزى ئىنكاسكەنتۇق.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:12:49

ئالدىيماي تۇيۇڭ، سىزنىڭ ئاڭلايدىغان كۈنىڭىز كىلىدۇ بىر كۈنى.

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:31:43

ئاپام پىشۇرغاندەكلا چىرايلىك پىشۇرۋىتىپتا.....

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:38:41

mastura:
شەھلانىڭ بىر ئىنكاسى يوق تۇرىدۇيا توۋا. بەك پەيزى ئىنكاسكەنتۇق.

شۇنىڭ  گىپىنى   قىلسام ما زىيالى ئۇششۇق دەيدىغۇ مىنى توۋا .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 11:41:11

توۋا

بار ئىنكاسىڭىزنى كۆرسىتىپ قويدۇم شۇ

بەت: [1] 2 3 4
: چوكانلارغا يەنە بىر دەرس!!!