قىزىقارلىق يول سوراش دىئالوگلىرى
- ھەي بالا، ماۋۇ ئادرېسقا قانداق بارىدۇ؟
- مېڭىپ.
- بۇرادەر، ماۋۇ ئادرېسقا قانداق بارالايمەن؟
- بىلمەيمەن، سەن بىلەمسەن؟
- ئاكا، ماۋۇ قەغەزگە يېزىقلىق ئادرېسقا قانداق بارىمەن؟
- ئەكىلە كۆرەي قەغىزىڭنى... كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن؟ قەغەزدە قەشقەر دەيدۇ، بۇ دېگەن ئۈرۈمچى...
- كەچۈرۈڭ خانىم، ماۋۇ ئادرېسقا قانداق بارغىلى بولىدۇ؟
- ئۇنى قويۇپ ماۋۇ ئادرېسقا بېرىڭ، بۇ يەر تېخىمۇ ياخشى...
- ئاغىنە، ماۋۇ يەرگە قانداق بارىمەن؟ -
كەچۈر، مەنمۇ مۇساپىر بۇ يەرگە.
- بۇنى سورىمىدىم، ماۋۇ يەرگە قانداق بارىدۇ دەيمەن...
- ئاكا، ماۋۇ ئادرېسقا قانداق بارىمەن؟
- نى شو سا؟ شو پۇ توڭ خۇا...
- (ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە) تۈفى، ئاكا دەپتىمىنا، بىرەرسى ئاڭلاپ قالمىغاندۇ؟...
- ئەپەندىم، ماۋۇ ئادرېسقا قانداق بارىمەن؟
- نېمە قىلىسەن ئۇ يەردە؟
- QQ دا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم، كۆرۈشمەكچىدۇق، مۇشۇ ئادرېسنى بەرگەن.
- ھۇ ئەبلەخ، بۇ ئادرېستىكى مېنىڭ ئۆيۈم! ھۇ بېشىنى يەيدىغان قىز، مەكتەپتىن بىر قايتقىن قېنى، قانداق قىلىمەنكىن...
- تۈگەشتىم...
- ئاكا، ئاكا، ماۋۇ يەرگە قانداق بارىمەن؟
- مېڭىپ بارىمەن دېسەڭ ئۇزۇن يول ئۇكا، شۇڭا...
- يۈگۈرۈپ بارسامچۇ؟
- ...
- ئاكا، ماۋۇ ئادرېسقا قانداق بارىمەن؟
- كۆزۈمدىن يوقالساڭ بارالايسەن.
مەنبە: ئىزدىنىشلىرىم.
كۇچلۈك~~~~ ۋەھشىي ..................... دەششەت....سەللىمازا- بۇ يول نەگە بارىدۇ؟
- بۇ يول ھېچ يەرگە بارمايدۇ ، مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ، - دېگەندەك گەپ بوپتۇ.
قولىدا ئادرېس تۇرسا يول سورىغاندىكىن خوپ بوپتۇ. ئادرېس دېگەن سورىغان يولنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ پاساھەت ئىكەن ماۋۇ تىما.... ياخشى يېزىپتۇ.... ھاھا........................-ئاكا،ئاكا ماۋۇ يەرگە قانداق بارىمەن›
-ئوخخو...googleلاپ باقمامسەن بالاڭزا~
-ياكى قارا ئىزدىنىشقا كىرىپ تېما ياز ،ئىنكاستىن ئۆلىسە~~
تاققا -تۇققۇ ئىنكاسلار كۆپكەنغۇ