-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 14:51:56

پروگرامما ئۆگىنەي دىگەن، تەكلىپ بەرسەڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدىنىش ئەھلى ياخشىمۇسىلەر!

مىنىڭ بىر نەۋەرە ئىنىم بولىدىغان، بۇ يىل 22 ياش، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپكە بارمىدى(شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ئونۋېرسىتىتىغا ئۆتكەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بارمىدى)، ئىنىمنىڭ ئېنگىلىزچىسى خېلى يامان ئەمەس، پروگراممغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار، ئۈرۈمچىدە ئوقۇسۇنمىكىن دىسەم ياخشاراق بىر ئۆگىتىدىغان كۇرۇس ياكى مەكتەپلەرنى ئۇقۇشالمىدىم، شۇڭا ئىچكىرىدە مۇنتىزىم ئۆتىدىغان، ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى يەر بولسا ئوقۇسۇنمىكىن دەيمەن، ئوقۇش پۇلىدا چاتاق يوق، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، شۇڭىلاشقا ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلار مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار.

ئىچكىرىدە قانداق ياخشىراق مەكتەپلەر بار؟ ئوقۇش مۇددىتى قانچىلىك؟ ئوقۇش پۇلىچۇ؟ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى قانداغىراق؟

رەھمەت.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 15:23:46

قارلۇق شىركىتىچۇ؟ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، پرگراممىغا ئوقۇغۇچى ئېلىۋاتىدۇ.

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 16:04:21

ئۈرۈمچىدىكى كۇرسلاردا ئوقۇمىسۇن.ئىچكىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەن بىلمەيمەن.پەقەت مەكتەپ ئۇقۇشقىلى بولمىسا،ئۆزى ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ.ئىنگىلىزچە بىلسە مەن توردىن head first java دېگەن كىتابنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.vb نى يولدا كېتىۋېتىپ ئۆگىنىۋالىدۇ.چوقۇم java ئۆگەنسۇن،ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 16:18:11

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!

ئاۋال شۇنى بىلىپ باقساق، ئىنىڭىزنىڭ ھازىرقى كومپيۇتېر سەۋىيىسى قانچىلىك ، ئىنىڭىز كومپيۇتېر پروگرامما تېلىنىڭ قايسى قىسىمىغا بەكرەك ئىشتىياق باغلاپتۇ، ئۈستەل يۈزى پروگراممىسىغىمۇ ياكى تور پروگراممىسىغىمۇ، ئىچكىرگە بىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىنىڭزنىڭ خەنزۇتېلى سەۋىيىسى، ۋە كومپيۇتېر سەۋىيىسى ياخشى بولۇش كىرەك، تېلدا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقوغان بولسا بۇباشقاگەپ ، بولمىسا نەچچە يىل ۋاقتى كىنو كۆرگەندەك ئۆتۈپ كىتىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 16:24:11

VISUAL STUDIO 2010 نى ئۆگەنسۇن. كومپيۇتېر، تېلېفۇن، PDA ، تور بەت... قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىگە پروگرامما يازالايدۇ.

ئاۋال ئۆيدە بىرەر ئاي ئۆزى ئۆگىنىپ، سەل ئاساس سېلىپ، ئاندىن كاللىسىدا قانچىلىك نەرسە ئۆگىنىمەن، دىگەن نەرسە ئايدىڭلاشسا ئاندىن كۇرس تاللىسا بولىدۇ، بولمىسا كۇرس ئۇنى تاللاپ قويىدۇ.

Visual Studio 2010نىڭ ئۆگىتىش مەزمۇنى توردىن ئېچىلىدۇ.. ئۆگىنىش بەك ئاسان..

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 17:37:58

دۇنيادا كىتاپتىنمۇ پەيزى مەكتەپ بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 18:00:58

مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئىنىڭىزنى پۇل تۆلەپ بولسىمۇ كومپيۇتېر كەسىپتىكى بىرەر مۇنتىزىم مەكتەپكە ئەۋەتىڭ، پۇلدا چاتاق يوق بولغاندىكىن.

يۇقىرىقى تورداشلارمۇ ياخشى تەكلىپ بېرىپتۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەۋرگە تەۋە تېخنىكىلار بولۇپ، بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ پىروگرامما تىللىرى يەنە مەۋجۇد بولامدۇ-يوق؟ ئۇكىڭىز ئۆگەنگەن بۇيرۇق-كود يېزىش تېخنىكىلىرىنىڭ گىرامماتىكا شەكلى ئۆزگىرەمدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا ھېچكىم «مۇنداق بولىدۇ» دەپ كاپالەت بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇكىڭىز يەنە ھېچنىمە بىلمەيدىغانلار قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ، ھەم مەلۇم بىر تىلغا باغلىنىپ قالسا خىزمەت تېپىشى ياكى جان بېقىشىمۇ تەسكە چۈشىدۇ.

پىروگراممېر بولۇش مەلۇم بىر تىلنى بىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ھەتتا، پىروگرامما تىلى بىلمەيمۇ ياخشى پىروگراممېر بولغىلى بولىۋېرىدۇ. پىروگرامما سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى تەرتىپ، يەنى مەلۇم بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى پائالىيەت تەرتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىروگرامما تىلى بولسا، ئاشۇ پائالىيەت تەرتىپىنى كونكرېت ئورۇنلاش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان بىرقاتار ئىنگلىزچە بۇيرۇق-كودلار بولۇپ، سىزنىڭ پائالىيەت تەرتىپىڭىز ياخشى بولمىسا، ئۇنى بۇيرۇق-كودلار بىلەن تەسۋىرلەپ چىققىلى بولمايدۇ ياكى تەسۋىرلەپ يېزىپ چىققان تەغدىردىمۇ، پائالىيەت تەرتىپىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن بەرىبىر مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ، پائالىيەت تەرتىپى ياخشى بولغان تەغدىردىمۇ، بىر ئادەمنىڭ قىلالايدىغىنى ھامان چەكلىك، بىر ئىشچى بىر بىنانى پۈتتۈرۈپ بولالمىغاندەك، بىر مۇكەممەل ئىمارەتنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا ئىنژېنېردىن تارتىپ تاكى تامچى، سىرچىغا قەدەر ھەرخىل كەسىپتىكى كىشىلەر كېرەك بولغىنىدەك، بىر مۇكەممەل يۇمشاق دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىغىمۇ نەچچە خىل پىروگرامما تىلى ۋەياكى ئوخشىمىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر كېرەك بولىدۇ. بىر ئادەم پۈتكۈل پائالىيەت تەرتىپىنى ئۆزى ئورۇنلىيالىشى ناتايىن، ئەمما، پۈتكۈل پائالىيەت تەرتىپىنى لايىھىلەپ چىقالىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.

... ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئالدى بىلەن، ئىنىڭىزنىڭ قانداق غايىسى بارلىقىغا قاراپ بېقىڭ، ئەگەر داڭلىق پىروگراممېر بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن خىزمەت تاپماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى، خەنزۇتىلى... قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت تىلى قىلغان مەلۇم بىر ئىنسان تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدىكى قوللىنىلغان قاتتىق دېتال تېخنىكىلىرى، يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى توغرىلىق نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى بىر قۇر كۆرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، كومپيۇتېر ئاتالغۇسىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىگە يېتىشى كېرەك، كومپيۇتېر بىز ئىزدىنىش مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىدىغان ئاددىي شەخسلەر كومپيۇتېرىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، دۇنيادا نۇرغۇن تۈردىكى كومپيۇتېرلار بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى 0 بىلەن 1 دىن ئىبارەت ئىككىلىك ساناق سىستېمىسى ھېسابلاشتىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا، ئۇكىڭىز ئالدى بىلەن ئاشۇ ساناق سىستېمىسىدىن تارتىپ، كومپيۇتېرنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپى، پىروگرامما تىلى تەرجىمە پىرىنسىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى ۋە بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىشتە ئەڭ زۆرۈر بولغان ماتېماتىكا پېنىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى (مەسىلەن ئالگىبرا، دىسكرېت ئالگىبرا، ئالىي ماتىماتىكا، سانلار نەزەرىيىسى ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى... دېگەندەك)نى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىرىنسىپى..... قاتارلىق يەنە بىرقاتار مۇھىم پەنلەر بار، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كام دېگەندىمۇ بىرەر قۇر ئالدىدىن ئۆتكۈزمىسە، ئاخىرىدا چوڭ يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىدىن خىزمەت تېپىش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.

يۇقىرىقى پەنلەر ئاساسەن ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرغا ئالاقىدار كەسىپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ تۇرغۇزۇلغان، ئەمما، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار بۇ پەنلەرنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەي، نېمىشقا بىزگە Flash ئۆتمەيدۇ؟ نېمىشقا بىزگە Photoshop ئۆگەتمەيدۇ؟..... بىزگە نېمىشقا ئويۇن لايىھىلەشنى ئۆگەتمەيدۇ؟..... دېگەندەك ئاددىي ئويلار بىلەن ئالىي مەكتەپ كەسىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنكار قىلىپ، ئاقىۋەتتە مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كومپيۇتېرغا ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن ھېچقانچە تېخنىكا كەتمەيدۇ، كاللىسى ئوچۇق بولسىلا بىرەر كۇرسانت ئورۇنلىرىدا ياكى شۇ خىزمەت ئورنىنىڭ بىرنەچچە ئايلىق تېخنىكا تەربىيىلەش قارارلىرىدا ئوقۇسىلا، شۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىن چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئەمما، مەخسۇس پىروگراممېرلار ئىشلەيدىغان خىزمەتنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىش بىر-ئىككى كۇرسانت ئورۇنلىرىدا ئوقۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس.

ئىلگىرى مەن پىروگراممېر بولۇش، يەنى يۇمشاق دېتال تۈزگۈچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلار تۈزگەن يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتىم. كېيىن چۈشەندىمكى، ماشىنا ياساش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلار ياساپ باققان ماشىنىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوقكەن، چۈنكى، ماشىنا ياساپ باققان ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلار ياسىغان ماشىنىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش تارىخى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا تۇنجى ماشىنىنى ياسىغان كىشى مەۋجۇد بولماي قالىدۇ. پىروگرامما لايىھىلەشى بىر ئىجادىي خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ. ئىجادىي خىزمەت بولغانىكەن، چوقۇم باشقىلار ماڭغان يولدا مېڭىش ھاجەتسىز. ئەگەر بىز پىروگرامما لايىھىلەشتىن بۇرۇن قايسى تۈردىكى يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشكە پىششىق بولساق، بەلكىم پىروگرامما لايىھىلىگەندە ئاشۇ ئۆزىمىز پىششىق بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ لايىھە ئەندىزىسى چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشىمىز تەسكە توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭىلىق يارىتىشمۇ تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
بۇنداق دېگەنلىك، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئۆگىنىپ يۈرمەڭ دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما بۇنى پىروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىنىشنىڭ بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يولى قىلىۋېلىش ھاجەتسىز دېمەكچىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى پىروگراممېر بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھەرقايسى پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ خىزمەت قائىدىسى، چوڭ يۇمشاق دېتاللارنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى توغرىلىق كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بەرسە، شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ قايسى خىزمەت ھالقىسىغا باب كېلىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىۋاتقان بىلىملىرىنىڭ قايسى جايغا ئەسقاتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆز غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئاستا-ئاستا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايدۇ.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قايسى بىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتىدۇ، قايسى بىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ..... بۇلارنى ئېنىق ئايرىۋېلىش كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك ۋاقتى ئۆتىدىغان بىلىملەرنى ئۆگەنمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى ئىگىلەشكە بىرنەچچە ھەپتە ياكى ئېشىپ كەتسە بىرەر ئاي ۋاقىت كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما، توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھىتى ھېسابلىنىدىغان، چوڭ تىپتىكى پىروگرامما لايىھىلەش تىللىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مېنىڭچە بىر ئادەم قىلىپ بولالايدىغان ئىش ئەمەس. مەسىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھىتى بولغان Visual Studio نى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭدا نەچچە مىڭلىغان «تۈر» ئۇقۇملىرى بار، بۇلارنىڭ سانى مۇقىم ئەمەس بولۇپ، پىروگراممېرلار يەنە ئۆزىگە لازىملىق «تۈر» لەرنى توختىماستىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ، بەزى مۇھىمراق «تۈر»دىن بىرنى لايىھىلەشكىمۇ نەچچە يۈز ئادەم نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا، نەچچە مىڭ پىروگراممېر نۇرغۇن يىللارنى سەرپ قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتقان بۇ «تۈر»لەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالىمەن دېيىش بىر ئاخمىقانە خىيال. چۈنكى سىز نەچچە سائەت ياكى نەچچە كۈن سەرپ قىلىپ ئۆگەنگەن مەلۇم بىر «تۈر»نىڭ تېخنىكىسىنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئىشلەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن. نەچچە مىڭ «تۈر»نىڭ ئىچىدە قايسىلىرى سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزدە لازىم بولىدۇ بۇنىڭغىمۇ بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئالتۇندەك ۋاقىتنى بۇلارغا سەرپ قىلسىڭىز، نەچچە يىل ئۆتۈپلا تېخىمۇ ئاددىي ۋەياكى ئوخشىمايدىغان پىروگرامما لايىھىلەش ئۇسۇلى چىقىپ قالسا، سىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ پايدىسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە بىرمۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ يېڭى چىققان تىلنى ئۆگىنىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بىلىم دېگىنىمىز يۇقىرىقى ماتىماتىكىغا ئائىت پەنلەر بىلەن ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىدىكى ئۇقۇملار ۋە ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىلەش ئۇقۇملىرى ۋە شۇنداقلا، كەلگۈسىدە ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدىغان تىل ++C نى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. Java نى ئۆگەنسىمۇ مەيلى، ئەمما، كەسىپ ئەھلى بولىمەن دېسە يەنىلا ++C ۋە شۇنىڭدەك ئاساسى پۇختا بولغان تىللارنى ئۆگەنسە بولىدۇ. مۇشۇ تىلنى ئۆگىنىش جەريانىدىلا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنى بايان قىلىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ماتېماتىكا بىلىملىرى ۋە قاتتىق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى... قاتارلىق ئۇقۇملار تەبىئىيلا ئېغىزغا چىقىدۇ. دېمەك، ئالدى بىلەن تىل ئۆگىنىپ ئاندىن نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ قايتىدىن كەلگەندىن كۆرە، ھازىرلا ئاشۇ ئاساسلارنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن مەخسۇس تىل ئۆگىنىشكە باشلىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئۆگىنىش جەريانىدىكى زۆرۈر بولغان مەشىق-تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىچ-پۇشقىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەيلى قايسى تىل بولسۇن، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى يانداش ئۆگىنىپ ماڭسا بولىدۇ، بۇنىڭغا مەيلى ئاسان ياكى قىيىن بولسۇن، قايسى تىلغا قىزىقسا شۇ كۇپايە.

پۇل بولسا ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن زور دەرىجىدە ياخشى، بىزلەر بىرەر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ چۈشىنەلمىگەن مەلۇم قىيىن نۇقتىلارنى ئەگەر ياخشى بىر ئېنژىنېر ياكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلغار بولغان ياخشى پىروفېسسور بولسا نەچچە مىنۇت ياكى نەچچە سائەتتىلا كاللىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ. شۇڭا، مەكتەپنىڭمۇ ياخشى-ناچارلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى كۇرس يەنىلا ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 18:01:54

مەنمۇ ئۆزى ئۆگەنسۇ دەيمىكى دەپ ، قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپكەمدەك بوپ قالمىسۇن دەپ گەپ قىلمىغان .   كىتاب بىلەن تورنى مۇئەللىم قىلىپ ئۆگەنسە بولىدۇ ، كىتابتىن چۈشىنەلمىگەننى توردىن سورىسا جاۋاب چىقىدۇ . ھازىر توردىكى ئۇچۇرلار تورغا گېپىنى ئۇقتۇرالىسىلا جاۋاب چىققۇدەك دەرىجىدە موللىشىپ كەتتى .

uyghuroglani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 19:44:18

مېنىڭچە قارلۇقتا ئوقۇسا ياخشى ..

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 20:13:13

كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ تەكلىپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت، بولۇپمۇ بىخلان ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈر.

كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپىنى چوقۇم ياخشى ئويلىنىمەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-9 00:31:42

بىخلاننىڭ ئىنكاسى بەك ياخشى چىقىپتۇ ...

توغرا ،ياخشى بىر پروگىراممېرنىڭ چوقۇم پروگىرامما تىلىنى ۋە شۇنىڭدىكى بارلىق بۇيرۇق كودلارنى يادا بىلىشى ناتايىن ، ئاساسلىق مەسىلە كومپيوتېرغا نىمىنىڭ ئارقىدىن نىمىنى قىلىدۇ ، ئۇنداق بولۇپ قالسا قانداق قىلىدۇ ، مۇنداق بولۇپ قالسىچۇ؟ ئۇنداقمۇ مۇنداقمۇ بولماي قالسىچۇ؟ دىگەندەك مەلۇم بىر بۇيرۇق - ئىجرا قىلىش - نەتىجە جەريانىنى تولۇق چۈشەندۈرۈش كېرەك ....

يۇقارقى تورداشقا سەمىمى تەكلىبىم شۇكى : ئۆزلىگىدىنمەلۇم بىر تىل ( Visual studio ياكى Java)تۇتۇپ پىششىق ئۆگەنسۇن ، ئاساسەن چۈشىنىپ قالدىم دەپ قارىغان ۋاقتىدا مەخسۇس شۇ تىلدا بىلىم ئاشۇرسۇن ( پۇللا بولسا ئۇنداق مەكتەپلەر دىگەن ساماندەك) ، ئاندىن شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان يەردە ئىشلىسۇن ( خۇدايىم نېسىپ قىلغان بولسا ) .

migyil يوللانغان ۋاقتى 2010-11-21 09:40:40

مېنىڭچە ئىچىكىرىدە ئوقۇسا بولىدۇ . ياكى بولمىسا بىزنىڭ شىركەتتە تەربىيلەنسىمۇ بولىدۇ ! ئەمما بۇ شەھەرنىڭ ئىستمال سەۋىيىسى سەل يۇقىرى ، مۇشۇنىڭغا چىدىيالىسىلا بىز تەربىيلىسەكمۇ بولىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 12:06:20

بىخلاننىڭ ئىنكاسلىرى ئادەمنى تىگىدىن قايىل قىلىدۇ .مۇكەممەل كاللا ،مۇكەممەل نىشان ،پۇختا ئاساس ،ناھايىتى چوڭ بولغان نەزەر دائىرە بۇلغاندا ئەڭ ئاددى بولغان بىر دىتالىمىز ناھايىتى مۇكەممەل چىقىشى مۇمكىن

kamal-turk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-27 12:38:15

مىنىڭچە ئختىسادىڭىز يار بەرسە چەتئەلدە ئوقوتسىڭىز ياخشىراقمىكىن دەپ قارايمەن   . يا بوممىساقايتا ئىمتاھان بىرىپمۇنتىزىم ئالى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقوسامۇمكىن بولسا بەكرەك كۇچەپ ئىچكىردىكى 理工تۈردىكى ئۇنۋىرسىتلارغا كىرىپ ئوقوسا تىخىمۇ مۇكەممەلرەك بولامدىكىن دەيمەن !
بەت: [1]
: پروگرامما ئۆگىنەي دىگەن، تەكلىپ بەرسەڭلار