كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىۋىلىڭ
كەيپىيات ھەممىدىن مۇھىم ،
ئۇزۇن مۇددەت بىر خىل ئۆلۈك خىزمەت مۇھىتىدا ئىشلەۋەرسە ئادەمدە بۇلۇقتۇرما كەيپىيات پەيدا بولىدۇ ، بۇ خىل كەيپىيات سالامەتلىككە بەك زىيانلىق ، ئاسانلا كەسپى كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،خىزمەتتىلا ئەمەس تۇرمۇشتا بۇنداق كەيپىيات ھەر خىل بېسىملاردىن ئاسانلا پەيدا بولىدۇ ،
تۇۋەندە بۇ بۇلۇقتۇرمىلىقتىن ئازات بۇلۇشنىڭ ئاددى بىر ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىمەن ،
ئورنىڭىزدىن دەست تۇرۇپ ، مۇشىڭىزنى چىڭ تۈگۈڭ ، ئوڭغا بەش قېتىم ، سولغا بەش قېتىم مۇسكۇللىرىڭىز سىلكىنگىدەك مۇش ئېتىڭ ، دىققەت ، ياندىكىلەرنى زەخمىلەندۈرۈپ قويماڭ !
ئاندىن پەسكە سەل ئىڭىشىپ ئوڭغا بەشنى سولغا بەشنى ،
دەرھال قەددىڭىزنى رۇسلاپ ، يۇقىرىغا قاراپ ھا ھا ھا ھا ھا دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈڭ.
ئاندىن پەسكە قاراپ ھى ھى ھى ھى ھى ،
مۇشۇ يۇسۇندا ھەر قېتىمدا بىردىن كىمەيتىپ ئورۇنداڭ ،
ئىشىنىمەنكىن ئەڭ ئاخىرىدا كۆكسىڭىزنى تولدۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلمىسىڭىز ھىساپ ئەمەس ،
ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ،
مەنبە ،،، مەن ھەم پىخسىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەۋسىيەسى
نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئالدىنى پىخسىكىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئالغىلى بولىدۇ ،
bikarchi:
بىزنىڭ ئىدارىدە كۈلۈشكە رۇخسەت يوق، مۇشت ئېتىشقا تېخىمۇ رۇخسەت يوق. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بارغاندا سىناپ باقسام بولغۇدەك.
ھويلىغا چىقىپ ئادەم يوق يەردە سىناپ باقساڭلارمۇ بولمىدىما؟
نىمىلا قىلسام مەن بىلەن كارى بولىدىغان ئادەم يوق
ئورنۇمدىن قوپۇشتىن ئېرىنۋاتىمەن
كاللامدا قۇرساق ئاتلاشتىن 100نى،يەر بېغىرلاشتىن 100نى،تورنىكتىن 30نى تارتىۋەتتىم.
ھەجەپ ھېرىپ كەتتىما ئويلاپ بولغىچە
ziyali:
نىمىلا قىلسام مەن بىلەن كارى بولىدىغان ئادەم يوق
ئورنۇمدىن قوپۇشتىن ئېرىنۋاتىمەن
كاللامدا قۇرساق ئاتلاشتىن 100نى،يەر بېغىرلاشتىن 100نى،تورنىكتىن 30نى تارتىۋەتتىم.
ھەجەپ ھېرىپ كەتتىما ئويلاپ بولغىچە
سامسىدىن 20 نى ياۋاتقان قىياپىتىڭىزنى قوشۇپ ئۆيلاپ قويۇڭ
Kanji:
مەن سىز دىگەنگە ئوخشاش قىلۋىدىم...ئىشخانامدىكى يولداش قېچىپ چىكەتتى.. قاچان قايتىپ كىرە ئەمدى
ياخشى بوپتىغۇ ،، ئوڭچەقاپتۇ ،
قۇرسۇقۇم توق
ھە راسىت
سامسىغا ئۆچ مەن
ئورنىغا پىتىر مانتا دەڭە
ئىككى تەخسە لەغمەننىڭ ئۈستىگە بىر قاسقان مانتىنى كۆرمىدىم دەپ ئولتۇرۇپ سوقىۋېتەلەيمەن
ziyali:
قۇرسۇقۇم توق
ھە راسىت
سامسىغا ئۆچ مەن
ئورنىغا پىتىر مانتا دەڭە
ئىككى تەخسە لەغمەننىڭ ئۈستىگە بىر قاسقان مانتىنى كۆرمىدىم دەپ ئولتۇرۇپ سوقىۋېتەلەيمەن
ئەمسە بەھۇزور شۇنى ئويلاۋىرىڭ ،ئويلاپ ئويلاپ قوپۇپلا ئەينەككە قارىتىپ بىر مۇش سىلىڭدە دەرھال سەگىيسىز ،
مەن سىناپ باقاي.
بېسىم يامان چوڭ بوپكەتتى بۇ كۈنلەردە.
پايدىسى بولمىسا سەت تىللىۋېتىمەن.
يېغى ئېقىپ تۇرغان قىززىق سامسا بولسا ، سوغۇق سۇغا پاتۇرۇپ يەۋىلىپ ، قىززىق چاي ئىچىپ تازا بىر كىكىرۋالسا ئادەم .... ھاۋاغا مۇش ئېتىش ئەرلەرگە لايىق ھەركەتمىكىن ، بىزلەرنىڭ يوقمۇ ، ھەركەتلىرى سىلىق سىپايە دېگەندەك ...يۇرتتىكى ئۆيىمىز باغچىنىڭ قېشىدا ئىدى، دائىم ئەتتىگەندە چىقىپ يۈگۈرۈپ بىر مۇنچە ھەركەتلەرنى قىلىپ يېنىپ كىرەتتىم. شۇ چاغدا بىر قېرى خەنزۇ يولداش بولىدىغان كۈندە دەرەخنى تۇتىۋېلىپ ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋېتىپ ۋاقىرايدىغان. بەك كۈلەتتىم ئۇنىڭغا قاراپ...
بۇنى كۆرۈپ شۇ ئېسىمگە كەپ قالدى. بۇ چاغقىچە ئۆلۈپ كەتتىمىكىن ئۇ بوۋاي...
ھى ھى ...
كىم پىساغا چۈشەلەيدۇ؟ پەقەت 5 مىنۇتلا.
مەن .
Toghrak:
كىم پىساغا چۈشەلەيدۇ؟ پەقەت 5 مىنۇتلا.
مەن چۈشەلەيمەن (ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىلگىرى شۇنداقتى يېقىننىڭ ياغى سىناپ باقمىدىم ) لىكىن قىزلار پىساغا چۈشسە بولماسمىكىن .
يەر بېغىرلىغان يەدە بۇنى قىلساق نىمىشكە بولمايدۇ؟ بۇمۇ تەنھەركەتنىڭ بىر تۈرىغۇ؟ مىنىڭچە سىز ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتكەندەك تۇرىسىز.شۇنداق مەن قىزلاردىن بەك ئەنىسرەيمەن . سىلەر بەك نازۇك ھەم ئاجىز .
ھەركەتنىڭ خاراكتىرى جەھەتتىن يەر بېغىرلاش بىلەن پەرقلىنىدۇ .