بالىلىرىم ، قۇلاق سېلىڭلار
1. ئەخمەق ، ئەقىلسىز ئادەم قوشنىسىدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ ، قوشنىسىنى ھاقارەتلەيدۇ . سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار ، قوشناڭلار ، باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار .
2 . ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگىچە بىر خەزىنە . بالىلىرىم ، ئۆز مەدەنىيىتىڭلارنى قەدىرلەش بىلەن بىللە ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنىمۇ ئۆگىنىشكە سەل قارىماڭلار .
3 . بىلىڭلاركى ، بىزنىڭ تەربىيىچىمىز ئۈچ : 1 ) قۇچىقى كەڭ تەبىئەت ؛ 2 ) كىتاب ( پۈتۈكلەر ) ، ۋاقىت ؛ 3 ) ئاتا – ئانا ، ئۇستاز ، جەمئىيەت .
4 . سەمىڭلاردا بولسۇنكى ، قانچىكى كۆپ تىل بىلسەڭلەر ئىشىڭلار شۇنچە ئاسان بولىدۇ ، بىلىمنى قانچىكى كۆپ ، ئەتراپلىق ئىگىلىسەڭلار شۇنچە روناق تاپىسىلەر . ئەقىل – پاراسىتىڭلار قانچىكى كۈچلۈك بولسا ، ئەل ئىچىدە شۇنچە ئىززەت – ھۆرمەت تاپىسىلەر . ئۆزۈڭلارنى ئاسرىساڭلار ساغلام تەن ، ساپ ئەقىل يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەڭلەر ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ، ئەلگىمۇ نەپ يەتكۈزەلەيدىغان بولۇسىلەر .
5 . ياشلىقتىكى كۈچ – غەيرىتىڭلاردىن ، گۈزەللىكىڭلاردىن ، جۇشقۇن – شوخلۇقۇڭلاردىن ، كېلىشكەن قامىتىڭلاردىن مەغرۇرلانماڭلار ، ياشلىقنىڭ تەلۋىلىكى ، ئالدىراڭغۇلۇقىغا بېرىلمەڭلەر . ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ‹‹ يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش ›› نى ئۆگىنىۋېلىڭلار .
6 . پىشقەدەم ، تەجرىبىلىك كىشىلەرنى دوست – ئۇستاز تۇتۇڭلار ، ئۇلارنىڭ بارىدا قورسىقىدىكى بىلىمىنى ئىگىلىۋېلىڭلار ، ئۇلارغا ھەمىشە ھەمدەم بولۇشقا تىرىشىڭلار ، ئۇلاردىكى ئادىمىيلىك پەزىلەت ، جاپاغا چىداش ، ئۈمىدۋارلىقلارنى تاكامۇل ئۆزلەشتۈرۈۋېلىڭلار .
7 . ھاياتىڭلارنىڭ ئالتۇن پەسلى بولغان ياشلىقىڭلارنى ھاياتىڭلارنىڭ كېيىنكى دەملىرىگە ئۇل سېلىشقا سەرپ قىلىڭلار ، ئۇنىڭ ھەربىر دەقىقىسىدە ئۆمۈر بېغىڭلارغا بېزەك بولىدىغانلىكى بىلىم ، ئارتۇقچىلىقلارنى ئىگىلەڭلار .
8 . ئاز سۆزلەپ ، كۆپ ئاڭلاشقا ئادەتلىنىڭلار ، بوھتان ، قۇرۇق گەپتىن يىراق تۇرۇڭلار .
9. قەيسەر ، ئىرادىلىك ، كەڭ قورساق بولۇڭلار ، ئېغىز ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇڭلار .
10. باشقىلارنىڭ ئەيىبى ، يېتەرسىزلىكىگە كۈلمەڭلەر ، ناچارلارغا ئازار بەرمەڭلەر .
11. ئادەتتە ياشلارنىڭ شەيتىنى كۈچلۈك ، كۈلكىسى كۆپ بولىدۇ . ئەمەلىيەتتىغۇ كۈلۈش سالامەتلىككە پايدىلىق . بىراق ، كۈلدۈم دەپ ئورۇنسىز كۈلۈۋېرىش ، ئارتۇقچە مەسخىرىۋازلىق قىلماسلىق كېرەك .
12. ناۋادا بىرەر يىغىلىش – سورۇنلاردا سۆزلەش نۆۋىتى بېرىلسە ، ئاڭلىغۇچىلارنى بىزار قىلىدىغان باش – ئاخىر يوق تۈگىمەس ۋالاقتەگكۈرۈپلىكتىن كۆرە ئاز ، ئەمما ساز سۆزلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار .
13. كىشىلەر بىلەن ئوچۇق چىراي ، قىزغىن مۇئامىلە قىلىڭلار ، ئەدەپلىك ، قائىدىلىك بولۇڭلار ، مىسكىن چىرايلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى ، رەزىللىككە نەپرەت ياغدۇرۇشنى بىلىۋېلىڭلار .
14. ھايات بىلەن ماددىي بايلىق تەبىئەتنىڭ ئىنساننىڭ ئەجرىگە يارىشا بېرىدىغان سوۋغىسى . ئۇنىڭدىن تىرىشچانلىق ، قانائەتچانلىق بىلەن پايدىلىنىشنى بىلىش ئاقىلانىلىك .
15. بالىلىرىم ، مېنىڭچە ، ھاياتلىقتا ئەڭ ۋاپادار دوست كىتابتۇر . كىتاب ئوقۇمىغان دەملىرىڭلارنى جاھالەت چاغلىرى ھېسابلاڭلار .
16. بىلىملىك ، ھىممەتلىك ، ئىنتىلىشچان كىشىلەر ھامان ئانچىكى نەتىجە بىلەن قانائەتلەنمەيدۇ ، يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىشكە تىرىشىدۇ . بىلىڭلاركى ، بۇ ئىنساننى روناق تاپقۇزىدىغان قۇتلۇق يول .
17. سەمىڭلاردا بولسۇنكى ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى تېتىماي ، دوقاللىرىنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ ، ئۇنىڭ ‹‹ جەننىتى ›› دىن بەھرىلىنىش مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ، ‹‹ جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق ›› تە .
18. بالىلىرىم ، ‹‹ ۋاقىت ئاتقان ئوق ›› دېگەن ھېكمەتنىڭ مېغىزىنى ئوبدان چېقىشنى بىلىۋېلىڭلار . بىزدە يەنە ‹‹ ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى ›› ، ‹‹ ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ›› دېگەندەك ئەقلىيىلەر كۆپ . بۇلارغا ئەھمىيەت بېرىڭلار ، ھاياتىڭلارنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىككە تىرىشىڭلار .
19. بالىلىرىم ، سىلەردىن تەكرار – تەكرار ئۆتۈنىدىغىنىم يۈرۈش – تۇرۇش ، كىيىنىشتە مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىڭلار . بىلىڭلاركى ، ھەرقانچە قىلىپمۇ يا ئۇ ، يا بۇ بولالمايسىلەر . دەۋرىمىزدە خاسلىقنىڭ تەكىتلىنىۋاتقانلىقىمۇ شۇ .
20. سادىغاڭ كېتەي بالىلىرىم ، ‹‹ ساغلام تەندە ساپ ئەقىل ›› دېگەن ھېكمەتنىڭ روھى بويىچە تەنتەربىيە ( چېنىقىش ) قا سەل قارىماڭلار . چۈنكى ، ساغلاملىق ھەممىنىڭ كاپالىتى . بالىلىرىم ، ئۇنىڭسىز نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىش مۇمكىن ؟ !
ئوبۇلھەسەن داۋۇت تۈزگەن

ماقۇل موما
بىر ئادەمنىڭ ئەجىر ئەمگىگى ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن،ئۇنىڭغا يۇقارقىدەك مۇئامىلىدە بولۇش سېپى ئۈزىدىن بەدبەخلىقنىڭ ئىپادىسى. دېمەككە ئوڭاي، قىلماق مۈشكۈل تەدبىراخون، نىم بولۇۋاتىمىز؟ نەسىھەت دىگەن ئاچچىق بولمامدۇ بۇزرۇكۋار مۇما.
