begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 19:18:17

تىرناق گۆش ئىچىگە ئۆسۈپ قىلىشنىڭ داۋاسى بارمۇ؟

ماڭا ئىككى-ئۈچ يىل بولدى پۇتۇمنىڭ باش بارمىقىنىڭ تىرنىقى ئىككى يان گۆش تەرەپكە ئۆسۈپ ماڭا نۇرغۇن ئازاپ ۋە قولايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلدى، بۇ توغرىسىدا دوختۇرلاردىن مەسلەھەت سورىسام، تىرناقنى تارتىۋەتسە ساقىيىشى مۇمكىن دىگەندىن كىيىن تىرناقنىمۇ ئىككى قىتىم تارتقۇزۇپ بولدۇم، لىكىن يەنىلا ساقايمىدى. مىنىڭكىدەك ئەھۋالغا ئۇچىرغانلار بارمۇ؟قانداق داۋالاپ ساقايتتىڭلار؟داۋاسىنى دەپ بەرسەڭلار؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 19:34:20

مېنىڭ داۋاملىق شۇنداق ئۆسۋالىدۇ . بۇنىڭ چارىسى باشتىلا تىرناقنىڭ يان تۈۋىنى قالايمىقان كولىماسلىقكەن ، بىر قېتىم كولىدىڭىزما شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈپ تۇرىدىكەن . ئامال يوق ، ھەر قېتىم ئۆسۈپ ئاغىرتىشقا باشلىغاندا ئېلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ !

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 19:38:16

مېنىڭمۇ دائىم شۇنداق ئىچىگە ئۆسۇپ قالىدۇ، كولىمايتتىم بولمىسا يېنىنى، لېكىن بىر قېتىم ئىچىگە ئۆسۇپ قالغاندىن كىيىن، دوختۇر تارتىۋەتكەن، كىيىن يەنە ئاشۇنداق ئىچىگە ئۆسۇپ قالاي دېگەندە ئۆزۇملا كىسىپ تاشلايمەن.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 19:43:49

مەن بۇ كىسەلنى قىسىمدا يېڭى ئەسكەر ۋاقتىمدا تېپىۋالغان ، ئۇلار ماڭا كىچىك رازمىرلىق ئاياق بىرىپتىكەن ، 3 ئاي شۇ ئاياقنى كىيىپ يۈرۈپ ......

داۋاسى يوق ، تارتىسىڭىز  يەنە چىقىدۇ ، باش بارماقنى كىسۋەتسىڭىز قانداق بولاكىن ، مىنىڭچە ئۆسۈپ چىقمايدۇ .

تەجىرىبەمنى سۆزلەپ بىرەي :

بازالاردىن ئۇچى مايماق تىرناق ئالغۇچ بار ، 日美 ماركىلىق .

پۇتىڭىزنى قايناقسۇغا تازا چىلايسىز ( بۇنداق بولغاندا تىرناق يۇمشايدۇ ، تىرناقنىڭ يىرىلىپ كىتىپ ، ئىككىنجى جاراھەت بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، تەخمىنەن 18 مىنۇت چىلايسىز ( ئىسسىق سۇ ، ئىلمان بۇلاپ قالسا ئالماشتۇرۇڭ  ) .

ئاندىن مايماق ئۇچلۇق تىناق ئالغۇچ بىلەن ياننى ئېلىۋىتىڭ ، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پەسىلدە بىر قىلىپ تۇرىسىز ....

شۇنىڭ بىلەن ، يولدا يولۋاس ئۇچرىسىمۇ تىپىۋەتسىڭىز ، پۇتىڭىز سەللىمازا ئاغرىمغانلىقىنى ھىس قىلىسىز .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 19:45:36

تىرناقنى ئۆسمەيدىغان قىلىشنىڭ داۋاسى يوقمىدۇ؟
مەن مۇشۇ سەۋەپلىك توپمۇ ئوينىيالمايمەن، بۇرۇن توپ ئويناشقا بەك ئامراقتىم.

Derwaza يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 19:48:28

مەنمۇ ئوخشاش ئىشقا دۈچ كەلگەن، دوختۇرلارنىڭ قشىغا بارماڭ.
مەن بارسام يودتا تازىلاپ داكا بىلەن تېكىپ قويغانتى، ئەتىسى چۈشتىن كيىن ئاچسام، يود پايدا قىلىپ، ياندىكى گۆش ئۆسۈپ تىرناقنى يپىپ كىتەي دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چىداپ تۇرۇپ، نېرۋا تالالىلىرى تېخى ئۆسمىگەن گۆشلەرنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ، تۇز سېلىنغان ئىسسىق سۇغا پۇتۇمنى تىقىپ، ئاندىن يەنە گۆشلەرنى ئېلىۋەتكۈدەكنى ئېلىۋەتتىم. ئاندىن بىر ئۇچۇم تۇزنى يارا ئاغزىغا سەپتىم، (قورقماڭ، ئانچە ئاغرىمايدىكەن) شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئۈچ كەچ موشۇ ئۇسۇلدا داۋالىغانتىم، گۆشلەر قۇرۇشۇپ، تېرە پەيدا بوپتۇ. بۇ ئۇسۇل قارىماققا سەل قوپالدەك قىلغان بىلەن، خېلى ئۈنۈم بىرىدىكەن.
يەنە بىرگەپ، قەتئىي شەخسىي دوختۇرخانىلارغا بارماڭ. رەسمىي دوختۇرخانىغا بارسىڭىز، تىرناقنى تارتىۋەتسىمۇ، رەسمىي ئوپراتسىيە قائىدىسى بويىچە تىكىپ، تىرناقنىڭ قايتا قىڭغىر ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:07:18

مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ ئىككىنچى دوختۇرخانىدا ئۆتكەن يىلى ئەتە قۇربان ھېيىت دېگەن كۈنى ئالغۇزىۋەتكەن مانا بىر يىل بولدى تىرنىقىممۇ شۇنداق چىرايلىق ئۆستى ئەمما ئۇ كۈنى يەنە شۇنداق بىر ئاغرىغاندەك ھېس قىلىپ تاس قالدىم ھوشۇمدىن كەتكىلى بەك ئاغرىغان ئوپېراتسىيە قىلغاندا  

قانداق قىلارمەن دەپ دادامغا دېسەم  ھەر يىلى بىر قېتىم ئوپىراتسىيە قىلغۇزۇپ تارتتۇرۇپ تۇرامىز ئەمدى دەيدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:09:20

تىرناقنى تارتىشنى ئويلىساملا تەنلىرىم جۇغۇلداپ كېتىدۇ مېنىڭ ، باشتىن بىر تال چاچنى يۇلسىمۇ خېلى ئاغرىيدۇ ، ئەمدى بۇ تىرناقنى يۇلسا

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:11:57

qaynam:

مەن بۇ كىسەلنى قىسىمدا يېڭى ئەسكەر ۋاقتىمدا تېپىۋالغان ، ئۇلار ماڭا كىچىك رازمىرلىق ئاياق بىرىپتىكەن ، 3 ئاي شۇ ئاياقنى كىيىپ يۈرۈپ ......

داۋاسى يوق ، تارتىسىڭىز  يەنە چىقىدۇ ، باش بارماقنى كىسۋەتسىڭىز قانداق بولاكىن ، مىنىڭچە ئۆسۈپ چىقمايدۇ .

تەجىرىبەمنى سۆزلەپ بىرەي :

بازالاردىن ئۇچى مايماق تىرناق ئالغۇچ بار ، 日美 ماركىلىق .

پۇتىڭىزنى قايناقسۇغا تازا چىلايسىز ( بۇنداق بولغاندا تىرناق يۇمشايدۇ ، تىرناقنىڭ يىرىلىپ كىتىپ ، ئىككىنجى جاراھەت بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، تەخمىنەن 18 مىنۇت چىلايسىز ( ئىسسىق سۇ ، ئىلمان بۇلاپ قالسا ئالماشتۇرۇڭ  ) .

ئاندىن مايماق ئۇچلۇق تىناق ئالغۇچ بىلەن ياننى ئېلىۋىتىڭ ، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پەسىلدە بىر قىلىپ تۇرىسىز ....

شۇنىڭ بىلەن ، يولدا يولۋاس ئۇچرىسىمۇ تىپىۋەتسىڭىز ، پۇتىڭىز سەللىمازا ئاغرىمغانلىقىنى ھىس قىلىسىز .


مەن 15 كۈندە بىر تىرنىقىمنى ئالىمەن بولمىسا، يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆسۈپ چىقتىغۇ.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:14:16

مېنىڭ بىر قېتىم شۇنداق بولغان ، بىر قېتىم ۋاسكىتبول ئويناۋىتىپ بىرى پتۇمغا دەسسىۋالدى دەل شۇ باش بارماققا دەسسەپتىكەن ، كىيىن باش بارماقنىۇ ترنىقى چىقىپكەتتى ، قايتا ئۆسكەندە ، يان تەرەپنى ئاغرىتىپ يول ماڭغىلى قويمىدى ، شۇنىڭ بىلەن تىرناق ئالغۇچتا يان تەرەپنى چۇڭقۇر ئويۇپ ئېلىۋەتتىم ئەمما گۆشنىڭ ئىچىدە ئىنچىكە بىرسى قاپتىكەن، ئۇ بەك ئاغرىتتى ئاخىرى گۆشىنى قانىتىپ يۈرۈپ ئۇنىمۇ يۇلىۋەتتىم كىيىن ئاغرىماس بولۇپ قالدى، مېنىڭچە ئۆسۈپ قالغان تەرپنى ئەڭ چۇقۇر يېرىگىچە تىرناق ئالغۇچ، ياكى ئوپراتىسيە پىچىقىدا تىرناقنى ئېلىۋىتىڭ ساق تەرەپ بىلەن ئوخشاشقىلىپ ،ئازراق ئاغرىق ئازابى تارتىسىز لىكىن ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:15:26

kainam:
تىرناقنى تارتىشنى ئويلىساملا تەنلىرىم جۇغۇلداپ كېتىدۇ مېنىڭ ، باشتىن بىر تال چاچنى يۇلسىمۇ خېلى ئاغرىيدۇ ، ئەمدى بۇ تىرناقنى يۇلسا

ئەلۋەتتە مەس قىپ قويۇپ تارتىدۇ، لىكىن ئۇنچە چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاغىرمايدىكەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:21:13

yusran:

مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ ئىككىنچى دوختۇرخانىدا ئۆتكەن يىلى ئەتە قۇربان ھېيىت دېگەن كۈنى ئالغۇزىۋەتكەن مانا بىر يىل بولدى تىرنىقىممۇ شۇنداق چىرايلىق ئۆستى ئەمما ئۇ كۈنى يەنە شۇنداق بىر ئاغرىغاندەك ھېس قىلىپ تاس قالدىم ھوشۇمدىن كەتكىلى بەك ئاغرىغان ئوپېراتسىيە قىلغاندا  

قانداق قىلارمەن دەپ دادامغا دېسەم  ھەر يىلى بىر قېتىم ئوپىراتسىيە قىلغۇزۇپ تارتتۇرۇپ تۇرامىز ئەمدى دەيدۇ


بىر ئاغىنەممۇ 3-دوختۇرخانىدا ئىككى پۇتىنىڭ باش بارمىقىنى تارتقۇزغان، بىرسى سەللىمازا ساقىيىپتىكەن. ئۇ چاغدا مىنىڭ تىرنىقىم ئۇنداق بەك ئۆسۈپ كەتمىگەن بولغاچقا تارتقۇزمىغان، خوتەنگە كەلگەندىن كىيىن شۇنداق بولوپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن شەخسىي دوختۇرخانىدا تارتقۇزغان،  قارىغاندا ئۈرۈمچىگە بىرىپ كەلسەم بولغۇدەك.

ROCK731 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:22:56

تارتقۇزغان بىلەن باكا!!!ۋاقىتلىق....  ئازادىرەك ئاياق كىيىڭ..ئاغرىشقا باشلىمىغاندىلا ئەگرى تىغلىق تىرناق ئالغۇچتا ئېلىۋېتىڭ! ئىككى يان تەرىپىنى..

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:39:37

بۇنىڭ ئازابىنى مەندەك تارىتقانلار بولمىسا كىرەك. 6 قېتىم تىرناقنى يۇلغۇزۇپ بولدۇم.

ھەرخىل ئۇسۇللارنى قىلساممۇ ئامال بولمىغاندىكىن ئاخىرى ئۆزەم ئۇستا تاشقى كىسەللەر دوختۇرى بۇلۇپ كەتتىم. ھازىر تىرنىقىم گۆشنىڭ ئىچىگە ئۆسىمەن دەپ قالسا پىچاقنى دىزىنفىكسىيە قىلىۋېتىپلا تىرناقنىڭ يىلتىز ئاستىدىن ئۈستىگە قارتىپ  ئوڭ سول تەرەپلىرىنى  كىسىۋىتىمەن. بىر مۇنچە قانلىرىم چىقىپ كىتىدۇ  بىر ئاماللارنى قىلىپ قاننى توختىتىپ ئاموشىلىن بىلەن تېڭىپ قۇيۇپ يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئېلىۋېتىپ يەنە يۈرۈۋېرمەن.

ئاغرىقلىرىغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.  بۇ خىل كىسەلگە باشقا داۋا يوقكەن. تىرناقنى چىقما دىسەك  بارماقلارنى كىسىۋەتسەك بولىدۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:44:46

تىرىنىقىڭىز 15 كۈندە بىر ئۆسۈپ چىقسا ، تىرناق ئۆستۈردىغان قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئاز يەڭ ...

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:54:19

ئىزدىنىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا تىرنىقى گۆشنىڭ ئىچىگە ئۆسىدىغانلارمۇ نېمە؟؟؟ مېنىڭمۇ تىرنىقىم دائىم شۇنداق ئۆسىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ دادامدىن ماڭا قالغان ئېرسىيەت، دادام بۇرۇن تارتقۇزۇپ بېقىپتىكەن، ئەمما كىيىن يەنە شۇنداق ئۆسۈپتۇ، شۇڭا ئۇ مېنى تارتقۇزغىنى قويمىغان، مەنمۇ ھازىرغىچە ئىچىگە ئۆسىدىغان تەرىپىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش ئامالىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن.

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 20:58:10

تىرناقنى تارتىۋەتكەندىن كېيىن تىرناق چىقىدىغان يىلدىزىنى بۇزىۋەتسە، تىرناق قايتا ئۆسۈپ چىقمايدۇ، كۆپىنچە دوختۇرلار تىرناقنى تارتىۋېتىپلا بولدى قىلىدۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 22:36:33

تىرناقنى ئۇنداق قانىتىپ ئىلىۋەرسە قان يۇقۇملىنىش خەۋىپى بارمىش، شۇڭا قورقۇپ قالدىم.

dohturdora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 12:30:17

مەن يۇلىۋەتكەنلەرنىڭ بىرسىنىڭمۇ قايتا ئۈسىۋالمىدى، يىراق كۆرمىسىڭىز كىلىڭ مەنلا بىرتەرەپ قىلىۋېتەي ، قايتىلانماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمەن.

dohturdora يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 12:40:39

مىنىڭ ئىنكاسىم قېنى؟
بەت: [1] 2
: تىرناق گۆش ئىچىگە ئۆسۈپ قىلىشنىڭ داۋاسى بارمۇ؟