UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 14:06:54

تارىختا بۈگۈن (7-نويابىر )

1874-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پىل ئامېركا جۇمھۇريەتچىلەر پارتېيسىنىڭ سمۋولى بولۇپ قالغان .

1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گومىنداڭ شىمال ھۆكۈمىتى <روسيە -مۇڭغۇلىيە شەرىتنامىسى>نى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان .

1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو چىڭداۋدىكى گىرمانىيە ئارمىيسى ياپونىيە ئارمىيسغا تەسلىم بولغان .

1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پولشا جۇمھۇريىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان .

بۇ كۈندە يەنە گىرمانيە مىيونخندا قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن .

1921-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مۇسسۇلىن ئىتالىيە فاشىستلار پارتىيسىنىڭ(Partito Nazionale Fascista) قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان .

1928-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خوۋېر(Herbert Clark Hoover) ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە <تۈرك ئېنقىلاپ ئىنىستىتوتى>قۇرۇلغان.

1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندەروزۋېلىتFranklin D. Roosevelt  يەنە بىر قېتىم  ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نېكسون Richard Milhous Nixonيەنە بىر قېتىم ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان .

1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ چىگرىدىن چىقىش چەكلىمىسىنى بوشاتقان .

2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بوش زوڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان .

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تالىبان ھۆكۈمىتى بېتچىت بولغان .

مەنبە؛ۋېكپىدىيە قامۇسى

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 21:03:30

مەن ئاۋۇ رەسىمنى مۇنبەرنىڭ باش بېتىدە كۆرۈپ زۇڭتۇڭلۇقتىن خەلە بۇرۇنلا چۈشۈپ بولغان تۇرسا   بۇ ساراڭ  بۇشقا يەنە كىم چۇخەي بومبا ئاتقاندۇ دەپ كىرىپتىمەن دىسە..

dilara يوللانغان ۋاقتى 2010-11-7 21:24:39

1910-يىلى مۇشۇ كۈندە رۇسسىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى تولىستوي ۋاپات بولغان.

1982-يىلى تۈركىيدە ئاساسىي قانۇن خەلق ئاۋازى بىلەن تۈزىتىلگەن.

مەنبە: ئۆيدىكى ئاسما كالىندار 7-نويابىر

izdiney يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 10:23:15

بۇ رادىئودا بىرىدىغىنى شۇممۇ؟مەن ماشىندا ئاڭلىغاندەك قىلىمەن
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(7-نويابىر)