تارىختا بۈگۈن (6-نويابىر )
1860-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لېنكولىن(Abraham Lincoln) ئامېركنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان .ئۇ ئامېرىكا تارىخىدا جۇمھۇريەتچىلەر پارتيىسىدىن بولغان تۇنجى زوڭتۇڭ ھېسابلىنىدۇ . 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ياشىغان .لېنكولىن يەنە ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈلگەن زوڭتۇڭ ھېسابلىندۇ .
1903-يىلى بۈگۈنكى كۈندە <نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى>شىياڭگاڭدا نەشىر قىلىغنان بولۇپ ،بۇ شىياڭگاڭدىكى تۇنجى ئېنگىلىز يېزىقىدىكى گېزىت ھېسابلىنىدۇ .
1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پولشا مۇستەقىل بولغان .
1937-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزى شەكىللەنگەن .
1952-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا دۇنيا بوينچە تۇنجى قېتىم ۋودرودبومبىسىنى پارتىلاتقان .
1970-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتمىز ئىتالىيە بىلەن دېپلۇماتېك مۇناسىۋەت ئورناتقان .
1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز مادىغاسقار بىلەن دېپلۇماتېك مۇناسىۋەت ئورناتقان .
1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يۈننەن ئۆلكىسىدە ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قېتىم يەر تەۋرەپ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر 722ئادىمنىڭ ئۆلىشىنى 2225ئادەمنىڭ ئېغىر يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۇۋەيىت نېفىت قۇدۇقىغا كەتكەن ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋېلىغان .1991-يىلى ئېراق كۇۋەيىتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە جەمئى 727قۇدۇققا ئوت قۇيىۋەتكەن .
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كېلىنتون ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ ھايتى ۋە كۇۋەيىتتىن چىكىنىش پىلانىنى تەستىقلىغان .
دەل بۈگۈنكى كۈندە يەنىي 2010-يىل 11-ئاينىڭ6 -كۈنى سائەت 10 دىن 12مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ چەرچەن ناھىيسىدە بەش بال يەر تەۋرىگەن. لېنكولېن ئەركىنلىك خىتاپ نامىسنى.1863 يىلى 1 ئاينىڭ 1 كۇنى ئېلان قىلىنغانمۇ......
Faith:
دەل بۈگۈنكى كۈندە يەنىي 2010-يىل 11-ئاينىڭ6 -كۈنى سائەت 10 دىن 12مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ چەرچەن ناھىيسىدە بەش بال يەر تەۋرىگەن.
بۇ تۈنۈگۈنكى خەۋەكەنغۇ؟ قىرىنداشلار ساقمۇ؟ زىيان - زەخمەت كۆرۈلدىمۇ؟ تەپسىلىراق ئۇچۇر بەرمەمسىزلەر.
Bidar-Qutlan:
Faith:
دەل بۈگۈنكى كۈندە يەنىي 2010-يىل 11-ئاينىڭ6 -كۈنى سائەت 10 دىن 12مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ چەرچەن ناھىيسىدە بەش بال يەر تەۋرىگەن.بۇ تۈنۈگۈنكى خەۋەكەنغۇ؟ قىرىنداشلار ساقمۇ؟ زىيان - زەخمەت كۆرۈلدىمۇ؟ تەپسىلىراق ئۇچۇر بەرمەمسىزلەر.
ئۆلۈش، يارلىنىش، زىيانغا ئۇچراشقا دائىر خەۋەرلەر تېخى يوق ئىكەن. چ چ دا ئېتىلىپ چىققان خەۋەردىن كۆرگەن.