بىر تورچى ئاياللارنى مۇنداق تۈرگە ئايرىيدۇ
قاتتىق دېسكا (硬盘|HardDisk) تىپىدىكى ئاياللار:
ھېچنېمىنى ئۇنتۇپ قالماي ئېسىدە ساقلاپ، ۋاقتى كەلگەندە يۈزىڭىزگە سالالايدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچ (内存|RAM) تىپىدىكى ئاياللار:
ئىشىڭىز تۈگىگەندە سىزنى بىراقلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
ۋىندوۋس (Windows) تىپىدىكى ئاياللار:
تازا كۆڭۈلدىكىدەك لايىق ئەمەسلىكىنى ھەممەيلەن بىلسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.
مۇلازىمېتىر (服务器|Server) تىپىدىكى ئاياللار:
ئېھتىياجىڭىز چۈشكەندە ئۇ ھەر ۋاقىت ئالدىراش.
ئېلخەت (电邮|E-mail) تىپىدىكى ئاياللار:
ئادەتتە ئون ئېغىز گېپىنىڭ توققۇزى قۇرۇق گەپ.
ئېكسېل (Excel) تىپىدىكى ئاياللار:
ئۆزى ناھايتى قابىلىيەتلىك، ئەمما ئۇنى دائىم ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا سالىسىز.
ۋىرۇس (病毒|Virus) تىپىدىكى ئاياللار:
يەنە بىر ئىسمى "خوتۇن". خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ سىزنى ئاۋارە قىلالايدۇ، بىر نەرسىلىرىڭىزنى قالايمىقان قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىز چوقۇم مەلۇم نەرسىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز، قۇتۇلالمىسىڭىز ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
مەنبە: توردىكى ئىزدىنىشلىرىم.
Antivirus تىپىدىكىلەر چۇ؟
ۋىروس بولغۇم كىلىۋاتىدۇ ..... لىنۇكس Linux تىپىدىكى ئاياللاردەسلىۋىدە چىقىشماق سەل تەس، ئەمما سەۋىرچانلىق بىلەن كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ ،توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەنسە باشقا ئايالغا قارىماس بولىدۇ

umakkulke:
ۋىروس بولغۇم كىلىۋاتىدۇ .....
ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاۋازىمنى ئىنچىكە چىقىرىپ كۈلۈپ كېتىپ، ئاندىن ئۆزەم ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
ھېلىقى \"شاسىڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى\" دە مۇنداق بىر گەپ بار ئىدى:
رەڭ دېمەڭ يوق دېمەك، يوق دېمەك رەڭ دېمەك...
يېقىندىن ياقى ھەجەپ يوق بولۇپ باققىم كېلىۋاتىدۇ.
umakkulke:
ۋىروس بولغۇم كىلىۋاتىدۇ .....
ماڭا يۇقۇملۇنىشنى سىناپ بېقىڭە مەندە ۋىروس يوقتى

Hechkim:
ۋىرۇس (病毒|Virus) تىپىدىكى ئاياللار:
يەنە بىر ئىسمى \"خوتۇن\". خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ سىزنى ئاۋارە قىلالايدۇ، بىر نەرسىلىرىڭىزنى قالايمىقان قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىز چوقۇم مەلۇم نەرسىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز، قۇتۇلالمىسىڭىز ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
90 % خوتۇن شۇنداق
ۋىرۇسىخور تىپىدىكى ئاياللار : سىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئەيىپىڭىزنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ مىڭىشىڭىزغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ ، شۇنداقلا ھەم ئاشۇ ئەيىپ - نۇقسانلىرىڭىزنى يوقىتىش ئۈچۈن بەزىدە ئۆزى ھەم سىزنىڭ يوقىتىدىغانلىرىڭىز بىلەنمۇ ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ .Mac تىپىدىكى ئاياللار:
ئۆزى يامان گۈزەل، ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ، ئەمما ئوقۇرى يامان ئېگىز، يامان چىقىمدار قىلىپ قويىدۇ.
Hechkim:
Mac تىپىدىكى ئاياللار:
ئۆزى يامان گۈزەل، ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ، ئەمما ئوقۇرى يامان ئېگىز، يامان چىقىمدار قىلىپ قويىدۇ.
ئاچكۆزراق، ئىشلەتمەيدىغان نەرسىنىمۇ يېغىۋېلىشقا ئامراق، ئۆزى ئىشلەتمىسىمۇ ئەمما باشقىلارنىمۇ ئىشلەتكىلى قويمايدىغان خۇيىمۇ بار بۇنداق ئاياللارنىڭ .
QQتىپىدىكى ئاياللار جىق ھە...قۇلاق-مىڭىنى يەپ كېتىدىغان...
Firewallتىپىدىكى ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس،بەرىبىر ئەسقاتمايدىغىنىنى بىلىپ-بىلمەي يانچۇق ئاختۇرۇپ،تېلىفون تىڭشاپ...
UPSتىپلىق ئاياللارنى ئۇنتۇپ قالىسىز،جان چىققۇدەك بولغاندا شۇلار قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
ۋىرۇس يۇقتۇرىدىغان ۋىندوۋىس بولغىلى بولمامدا ماڭا؟
正版تىپىدىكى ئاياللار بىلەن 盗版 ، 破解版تىپىدىكى ئاياللارنىمۇ يېزىپ قويايلى

ۋاي ۋۇي ماۋۇلارنى،ئىنساننى رازى قىلماق تەس ھە
wasdnoasdw:
umakkulke:
ۋىروس بولغۇم كىلىۋاتىدۇ .....
ماڭا يۇقۇملۇنىشنى سىناپ بېقىڭە مەندە ۋىروس يوقتى
سىزدە ۋىروس يوقلۇقىدىن قارىغاندا ،ۋىرووسخورىڭىز بەك يامان ئوخشايدۇ، ئوماق كۈلكە ئەڭ ياخشىسى ۋىروس يوقلارغا ئەمەس ،ۋىروسخورى يوقلارغا يۇقۇڭ ..
بارماق دېسكا تىپىدىكى ئاياللار نەگە بارسىڭىز يېنىڭىزدىن ئايرىلمايدۇ ،تەلىپى يۇقىرى ئەمەس ،لېكىن بەك كەڭ قوساق ،ئىچىگە نۇرغۇن ئىشلارنى سىغدۇرالايدۇ. باشقىلارنىڭ كەينىدىن تىڭتىڭلاپ ،مەخپىيەتلىكىنىڭ ھەممىسىنى سىزگە دەپ بېرىدۇ ،يۇسرانغا ئوخشاش ...