Windows7.iso بۇنۇسخىدىكىسىنى قانداق قاچىلاش توغۇرسىدا ياردەم
مەن باياتتىن توردىن Windows7 نىڭ iso ھۆججەت شەكلىدىكىسىنى چۈشۈرگەن ئىدىم،ئەمدى شۇنى كومپىيوتىرمغا قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەنتىم،لىكىن قانداق قاچىلاشنى بىلەلمىدىم،شۇڭا بۇخىل نۇسخىدىكى Windows7 نى قاتتىق دىسكا ئارقىلىق كومپىيوتىرغا قانداق قاچىلايمەن،ياردەم قىلساڭلار،مېنىڭ چۈشۈرگىنىم 3.08 GB سىغىمدىكى نۇسخىسى ئىكەن،
بىر DVD تاۋاققا ئويىسىزدە قاچىلاشنى باشلايسىز. كومپيۇتېرىڭىزدا ئاۋۇ 硬盘安装.exe نى ئىجرا قىلىپلا قاچىلاپ كېتىڭ. ئالۋاستى نۇسخسىكەن. isoھالەتتە بولغانكەن يەنىلا تەخسىگە ئۇيۇپ قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن. پاكىزە قاچىلىندۇalimjan15:
كومپيۇتېرىڭىزدا ئاۋۇ 硬盘安装.exe نى ئىجرا قىلىپلا قاچىلاپ كېتىڭ. ئالۋاستى نۇسخسىكەن.
مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللايمەن، مەن بىرەر يىل بولوپ قالدى ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇسۇلدا قاچىلاپ كىلىۋاتىمەن، ئۇبۇنتۇنىمۇ دىسكىغا ئويمايلا قاچىلىغان. قاچىلىغاندا ئەسلى ھۆججەت (چۈشۈرگەن ھۆججەت)نى Cدىسكىدىن باشقا دىسكىغا قويۇڭ.
ئاۋۋال winRarبىلەن ISO ھۆججىتىنى يىشىۋېلىڭ، C: دىن باشقا رايۇنغا.
ئاندىن بىۋاستە 硬盘安装.exe دېگەننى ئىجرا قىلسىڭىز بىردەمدىن كىيىن قايتا قوزغىلىپ قاچىلاشنى باشلايدۇ. ئاپتۇماتىك باشلىيالمىسا سىستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئۇسۇل بىلەن windows7.0.GHO دېگەننى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا بولدى.
ISO شەكلىدە بولسا سىز 虚拟光驱 ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. پىرىستىن يىشىش ھاجەتسىز.... سىز 虚拟光驱 نى قاچىلاپلا ھەممىنى ھەل قىلالايسىز.... ھىچقانداق سېستىما قاچىلانمىغان كومپىيۇتېرغا قاچىلىماقچى بولسىڭىز نۇر دېسكىغا ئۇيۇۋېلىپ قاچىلايسىز، نۇر دېسكىغا ئويغاندا «刻录镜像» دىگەن تۈرنى تاللاپ ئۇيىسىز، ھەرگىز 数据دىگەن تۈرنى تاللىماڭ. سېستىما بار كومپىيۇتېرغا قاچىلىماقچى بولسىڭىز بىۋاستە 硬盘安装 دىگەن تۈرنى قوش چەكسىڭىز قاچىلاشنى باشلايدۇ.ياردىمىڭلارغا رەھمەت دوسلار مەن بەيسەي نۇسخسى دەپ بىر نۇسخانى چۈشۈرۈپ قاچىلاپتىم، ئېلان دېگەن توشاقكەن بۇنىڭدا، تەتىل توشسا، سېتىمىنى باشقىدىن قاچىلىماقچىتىم، تەجرىبىلىك ئۇستازلار ياخشىراق نۇسخاسىنىڭ تور ئادىرىسىنى تەۋسىيە قىلىپ باقساڭلار بولاتتى.
9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بەيسەي نۇسخسى دەپ بىر نۇسخانى چۈشۈرۈپ قاچىلاپتىم، ئېلان دېگەن توشاقكەن بۇنىڭدا، تەتىل توشسا، سېتىمىنى باشقىدىن قاچىلىماقچىتىم، تەجرىبىلىك ئۇستازلار ياخشىراق نۇسخاسىنىڭ تور ئادىرىسىنى تەۋسىيە قىلىپ باقساڭلار بولاتتى.
ھالال مال:
http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/shop
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، ھارام نەرسىلەردىن نېرى تۇرايلى.
مەن بارماق دىسكىغا ئويۇپ اقچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بۇ ئۇسۇل بەك بىخەتەر ۋاقتى كەلسە بارماق دىسكىنى فورمات قىلۋىتىپ يەنە ئىشلەتسەك بولىدۇ ، ھەم دىسكىغا ئويغاندىن ياخشى چۈنكى كومپىيوتېرنىڭ دىسكا ئوقۇغۇچىسى ئايىلىپ قالىدۇ ، مەن ئۇزۇن زامانلار بوپ كەتتى ۋىندوۋىس 7 ئىنگىلىزچە ئورگان تەرەپنىڭ كارخانا نەشرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن
بەت:
[1]