خانىملار، ماڭا ئېتىشنى ئۈگۈتۈپ قويۇڭلار!!
تاماق ئېتىش رىسالىرى ، ئۇيغۇر تائاملىرى دېگەندەك كىتابلارغۇ ئاز ئەمەس لىكىن ئوقۇسا بەكلا كىتابى تۇيۇلىدۇ. تۇزدىن مانچە گىرام، زىرە مانچە گىرام، ئاچچىقسۇ مانچە گىرام، سۇ مانچە كىلو، ماي مۇنچە كىلو دېسە ئادەمگە بەكلا غايىۋى تەسىر بىرىپ قويىدىكەن، خۇددىي بۇ تاماقنى پۇشۇرۇپ يېگىلى بولمايدىغاندەكلا. شۇڭا گەپنى بەك كىتابى قىلماي ئاممىباپ تىل بىلەن ئىپادىلەپ ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلىرىڭلار ۋە ئۇنى تەييارلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى ھەققىدە مۇپەسسەل بولمىسىمۇ ئاددىيراق ئۇسۇلدا سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار. ئاۋۋال ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزغا يېقىن ياكى شۇلاردىن شاخلاپ چىققان، بولسا ئۆزۈڭلار كەشىپ قىلغان تائاملار بولسا تېخى ياخشى. ئۇنىڭدىن كىيىن سالات دەمدۇ شۇنىڭدەك ھەر خىل سوغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرغان بولساڭلار. ئەمەلىياتچانلىق يۇقۇرى بولسۇن ئۈچۈن ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە يۇقۇردا ئېيتقاندەك گىرام، مىسقال دېگەندەكلەرنى ئىشلەتمەي، بىر چىمدىم، بىر چاڭگال، بىر قوشۇق، يېرىم قوشۇق دېگەندەك ئىپتائىي بىرلىكلەرنى ئىشلەتكەن بولساڭلار. بالىلىرىمنىڭ ئانىسى ئىزدىنىشتىكى خانىم-چوكانلارنىڭ ئەرلىرىگە قانداق ئېسىل تاماقلارنى ئىتىپ بىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قازان بېشىدىكى بلىمىنى ئاشۇرماقچى، مېنى تېخىمۇ سېمىرتكىسى بار ئىكەن. ئالدىنقى قېتىم يوللىغان زەيتۇن مېيىدا قانداق تائاملارنى تەييارلايسىلەر دېگەن تېمىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋاپتۇ. ھەمدە ئىزدىنىشتىكى چوكانلارنىڭ كۆپكە قابىل تىرىشچانلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قايىل بولماي تۇرالمىدى. مۇشۇ خانىملار ئۆز - ئارا ئوچاق بېشىدىكى تەجىربىلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ باققان بولساق دەيدۇ. ئويلاپ باقسام بۇ ھەممىگە پايدىلىق ئوبدان پىكىر بوپتۇ. قېنى چوكانلار، چۆمۈچ، ساپلىقلىرىڭلارنىڭ مۇڭلۇق تېۋىشىغا قۇلاق سالغاچ مۇنۇ تېمىغا دېققەت - نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرغايسىلەر!
![](\"Images/Emoticons/2.gif\")
![](\"Images/Emoticons/21.gif\")
ئۆزۈڭلار بىلىدىغاننى دىمەمسىلەر... ئاددىيراقلىرى بولسا بىزلەر ئۈگۈنۈپ قويساقمۇ بولىدۇ. ھامىنى بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ. بەك ئۆزگىچە بولغانلىرىنى خانىملار ئۈگۈنۈپ ئەرلىرىنى خوش قىلسۇن! ئىزدىنىش گۈللىرىنىڭ راستىنلا قولى گۈل ئىكەنلىكىنى تامام ئەھلى جاھان كۆرۈپ قويسۇن دېدىمغۇ suzuk:
قايسى تاماقنى ئېتىش ئۇسۇلىنى دېمەكچى؟ قۇمۇللۇق قىزلار بولسا قۇمۇل ياپمىسى(پېتىر ياپما)نى قانداق ئېتىدىغانلىقىنى دېسەڭلار بوپتىكەن تايىنى يوق تالاش-تارتىشلاردىن كۆرە پايدىلىق ھۈنەرلەرنى ئۈگۈنۈپ قويايلى.
سەمىرىپ كەتمەيدىغان،قانچە يىسە ئادەمگە چىڭ تويۇپ كەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدۇردىغان تاماقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسىلە ،ئۇ بولسىمۇ خەنزۇلارنىڭ سەي قورۇش ئۇسۇلى .
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچە تاماقلىرى ماي گۆش بىلەنلا بولىدۇ ،مەن بەك كۆنۈپ بولالمايمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسىنىڭلا تەمى بىر خىلدەكلا بىلىنىدۇ ...شۇڭا ئۆزەممۇ خەنزۇلاردەك ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئايرىم ئايرىم قىلىپ يىگىلى ئامراق،بۇنى ئۆگىتىپ قويسام كۆنەلمەيسىز ھەقىچان.
مەن شۇڭا ئالدىن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ چىنىقىشنى باشلىۋالدىم.![](\"Images/Emoticons/14.gif\")
![](\"Images/Emoticons/14.gif\")
نەقگەپنى دەپتىلا ھەكىم ، مەنمۇ دەل مۇشۇنداق يازمىغا ئىھتىياجلىقتىم ، بۇرۇن جىكمۇ بىرسىنىڭ يازغان تىمىسى بولىدىغان ، مۇنبەرنى قىزىۋەتتىم لىكىن تاپالمىدىم ،
قىنى قىزلار ، ئوچاق بىشىغا مەرھەمەت !
ئىھتىمال، ئۇنىمۇ يوق دېگىلى بولماس. ئەرلەر ھەممە ئىشتا باشلامچى بولۇشى كېرەك؟!! ( خوتۇن ۋەھشىي خوش بولاپ كېتىدىغان بولدىدە)
تارىمى ئاچا ئۇيغۇرلارنىڭ دەپ ئەجەببىر باشقا مىللەتتەك گەپ قىلدىڭىزيا؟سىزمۇ ئۇيغۇردۇرسىز؟؟
ئەمسە ئۆيىڭىزدە مىللىي تەم دەيدىغان نەرسە يوقكەندە؟؟ئ
tarimi:
سەمىرىپ كەتمەيدىغان،قانچە يىسە ئادەمگە چىڭ تويۇپ كەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدۇردىغان تاماقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسىلە ،ئۇ بولسىمۇ خەنزۇلارنىڭ سەي قورۇش ئۇسۇلى .
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچە تاماقلىرى ماي گۆش بىلەنلا بولىدۇ ،مەن بەك كۆنۈپ بولالمايمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسىنىڭلا تەمى بىر خىلدەكلا بىلىنىدۇ ...شۇڭا ئۆزەممۇ خەنزۇلاردەك ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئايرىم ئايرىم قىلىپ يىگىلى ئامراق،بۇنى ئۆگىتىپ قويسام كۆنەلمەيسىز ھەقىچان.
ئۇنىمۇ دەۋىرىڭ . ئىشقىلىپ مۇسۇلمانچە بولسىلا مەيلى قەيەرنىڭ تامىقى بولسا ئېتىپ يەپ باقىلى ... تۈركلەرنىڭ تامىقىغا ئۇستىلارمۇ دەڭلار ، يەنە ئىتالىيەنىڭ 面条 لىرىنىمۇ ...
Birzat:
شۇ تويدىن كىيىن ئورۇقلىغان ئىدىم. يېقىندىن بىرى يەنە سەل سېمىرىپ قالدىم. لىكىن ھازىر كۈندە ئەتتىگىنى يۈگۈرەۋاتىمەن تۈنۈگۈندىن بىرى...
ھېلىقى يىتىپ تۇرۇپ ھەيدەيدىغان موتولىرىنى تاشلاپ ، 11 نۇمۇرلۇق تاكسىغا چىقىپ بەرسىلە ، سەللىمازا ئوروقلايلا ھەكىم
ئاران تۇرۇپتىكەنسىلە باللا، چوكانلارغا شۇنچىلىك تەكلىپنى قويالماي ...
قېنى ئەتتىگەنلىككە ناشتىدىلا تەييارلاپ ئىتىپ باقىدىغانغا بىرەر تاماق بولسىمۇ ئۈگۈتۈڭلار، ئەمەلىي خىزمەتكە ئۆتۈپ...
Birzat:
ئىھتىمال، ئۇنىمۇ يوق دېگىلى بولماس. ئەرلەر ھەممە ئىشتا باشلامچى بولۇشى كېرەك؟!! ( خوتۇن ۋەھشىي خوش بولاپ كېتىدىغان بولدىدە
)
ئۇيغۇر ئەرلىرى ئالدىراپ كۆنەلمەيدىكەن ، نىمە ئۇ تەمسىز ،تۇزسىز .....رەڭسىز دەپ .مەنمۇ ئۆزۈم قورۇپ يەپ يۈرۈپ ئاران كۆندۈرگەن.
شۇڭا گۆشلۈك تاماقنى يەپ زېرىككەندە ،ئاندىن مەن مەيدانغا چىقاي .
ruslan007:
Birzat:
شۇ تويدىن كىيىن ئورۇقلىغان ئىدىم. يېقىندىن بىرى يەنە سەل سېمىرىپ قالدىم. لىكىن ھازىر كۈندە ئەتتىگىنى يۈگۈرەۋاتىمەن تۈنۈگۈندىن بىرى...
ھېلىقى يىتىپ تۇرۇپ ھەيدەيدىغان موتولىرىنى تاشلاپ ، 11 نۇمۇرلۇق تاكسىغا چىقىپ بەرسىلە ، سەللىمازا ئوروقلايلا ھەكىم
شۇ ھارۋىنى زاڭلىق قىلمىغاندىن سىلى قاپتىكەنلا. يېتىپ تۇرۇپ ھەيدەيدىغان موتو مىنىۋالغاندىكىن دەپ سالاممۇ قىلماپلا دە؟!!
بولدۇرۇپ ئىتىش،خېمىرنى ئىچچىتقۇ سىلىپ بۇش يۇغىرىۋالىمىز، ئازىراق تۇز قۇيىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بىر چىمدىملا. (خىمىر بۇلغاندا سودا چەيلىمەڭ، سودا سالامەتلىككە زىيانلىق)قورمىنى پېتىر ياپما بىلەن ئۇخشاش تەييارلايمىز ،لىكىن قازان كاۋىسى ياپمىداكەم قالسا بۇلمايدۇ، ئۇنى قورما قورۇلۇپ بۇلۇپ خېمىرنى سىلىشتىن بۇرۇن سالىمىز ،5مىنۇت بۇش قاينىغاندىن كىيىن ئاندىن خىمىرنى تۇۋاقسىمان يىيىپ قازانغا بىر كەلتۇرۇپ سالىمىز، بۇنى25مىنۇت سۇس ئوتتا دۇملىسەك بۇلىدۇ، قىنى سىزمۇ سىناپ بىقىڭ!
بۇ ياپنىڭ يەنە بىر خىل ئېتىش ئۇسۇلى بار ، ئۇ ھەقىقى قۇمۇل ياپمىسى مەخپى رىستىپى ،،،ما دىگەنلىرىم ئائىلىدە ئېتىش ئۇسۇلى
![](\"Images/Emoticons/24.gif\")
ھەكىم ۋە كۆكلىماخون قاتارلىق ئەھلى يولداشلار بۇ يەرگە قايلاپ بىقىشسىلا : http://www.axpaz.cn/.
ئۆزەم ئىتىشنى بىلىدىغان تائاملارنىڭ ئىتىش ئۇسۇلىنى يىزىقچە چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن .