tilmix يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 11:41:28

ئىككى تەڭگە

بايام سىنىپقا ماڭغاچ يولدا ئىككى تەڭگىنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم، ياۋرو ئوخشايدۇ دىسەم، بىر يۈەنلىكتىن ئككى يۈەن خەلق پۇلى ئىكەن، بىرسى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ دە دەپ قارىسام ھېچكىم يوق، بۇ پۇلغۇ چۈشۈرۈپ قويغۇچى ئۈچۈن ھېچ قانچىلىك پۇل ئەمەستۇ بەلكىم. شۇنداقتىمۇ بۇنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرەي دىسەم ئەسلا، نىمە قىلىشنى بىلمىدىم ، ئەسلىدىلا ئالماي جايىغا قويۇپ قويسام قانداق بولار ئىدى ؟ بۇنداق ئەھۋال كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ھەممىزگە كۆپ ئۇچراپتۇرىدىغۇ دەيمەن، بۇ خىل ئەھۋالدا سىلەر قانداق قىلاتتىڭلار؟ ناۋادا ئېلىپ قالساڭلار ئىگىسىنى تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق بىر تەرەپ قىلار ئىدىڭلار؟ بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار............

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 12:44:52

سائىلغا بېرەتتىم .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 12:54:26

ماڭا تەڭگە تولا كېرەك بولغاچقا ئۇچرىسا ئېۋالىمەن، مەخسۇس تەڭگە سالىدىغان بىر پۇل قاپچۇقۇم بار لېكىن تىلەمچىلەر ئۇچراپ قالسا بېرىۋېتىمەن...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 13:16:01

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا موتو مېنىپ كىتىۋېتىپ يېزا بازىرىدىكى دوقمۇشقا كەلگەندە 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنەچچىسى ئۇچرىدى، موتونى ئاستىلىتىپ پۇلنى ئالاي دەپ ئەتراپىمغا قارىسام ئون نەچچە قەدىم نېرىدا بىر توپ ئادەم پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ ئادەملەردىن خېجىل بۇلۇپ پۇلنى ئالماي كەتتىم، كېتىپ 30 مېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن كەينىمگە يېنىپ كىلىپ پۇلنى ئېلىپ يانچۇققا سېلىپ ماڭدىم، ھېلىقى خەقلەر قاراپلا قالدى. ئۆيگە كېلىپ سانىسام 400 يۈەندىن ئاتۇق پۇلكەن، خۇدايىم بەردى دەپ خەجلىۋەتتىم.

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 13:31:19

ماڭا تولا ئۇچرايتتى، كارىم بولماي ئالماي ماڭاتتىم ، باشقا كۈن چۈشۈپ قالغاندا بولسا يەنە ئۇچراپ قالارمۇ دەپ شۇنچە يەرگە قاراپ مېڭىپ باقتىم ، ھېچ ئۇچرايدىغاندەك ئەمەس ، بۇرۇن ئالماڭ ماڭغىنىمنىڭ جازاسى ئوخشايدۇ !

Bestboy918 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 13:56:57

ھىلىمۇ ياخشى بىزنىڭ بالىلارغا ئۇچراپ قالماپسىز.

قايسى بىرقېتىم بانكىدا پۇل ساناش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇلدىن نەچچىنى تېپىپ كەپتىكەن بىرسى، قارىساق سىرتى 100يۇەنلىك خەلق پۇلىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كۆپرەك ئۆتىدىغان يولغا قۇيۇپ قۇيۇپ ئۆزىمىز نېرى برىپ كۈزىتىپ تۇردۇق. 10 قېتىم سىناق قىلدۇق، پۈۋدىۋىتىپ يانچۇقىغا سالىدىغان ئادەمدىن بىرى چىقمىدى. بىرئايالتېخى بالسىنى يۈتىلەپ كەپتىكەن، توختاپ ئېلىشتىن نۇمۇس قىلدىمۇ ئشىقىلىپ، نەچچە قەدەم ئۆتكەندىن كىيىن بالىسىغا .ېلىپ كىلىشىنى تاپىلاپ ئۆزى ئالدىدا كىتىپ بارىدۇ......    كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمىز.

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 14:12:14

تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تەكرارغا ماڭساق ،بىر قاپ ئۇچىرىدى قارىساقم پ 3 ئىكەن .2004.يىللىرى ئۇ نەرسە ئەمدىلا چىققان چاغلار .شۇنداق جىدديلىشىپ كەتتۈق .ئەتىسى يۈتكەن نەرسە ئىزدەش ئېلانىغا قارىساق ئۈ دۆت قىزچاق 南主楼دا ئۈنئالغۇسىنى ،پەستىكى چىملىقتا م پ 3 نى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپتۇ .بىر كۈندىمۇ ئىككى نەرسىنى يۈتتۇرگەن بارمۇ ؟دوستۇم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ قايتۇرۇپ بەرسەكمۇ ئۇ قىز يەنە يۈتتۈرگۇدەك ،بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاپ بىرەيلى دەپ ئۇ قىزغا بىر ياردەم قىلغانىدۇق .

چېڭدۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئايلىنىۋىتىپ بىر يەرگە كىرىپ قالدۇق ،قارىساق كىشىلەر بىر نەرسىنى ئىككى قوللاپ سىلاپ چۈگىلىتىۋىتىپتۇ .بىزمۇ دوستلىرىمىز بىلەن تەڭ چۈگىلىتىپ كىتىپتۇق .ئايلىنىپ ئايلىنىپ قارىساق ئەسلى بۇ بىر بۇتخانا ئىكەن.نىمە دەپ باغچىنىڭ ئىچىگە بۇتخانا قىلىپ قويدىكىنە ،كىرگىچە گەپ بىلەن بۇلۇپ پەقەتلا دىققەت قىلماپتىكەنمىز ،دەرھال يېنىپ چىكەتتۇق .....يېنىپ چىقىپ نەچچە ئون قەدەم ماڭمايلا بىر 50يۇەنلىك بىر 20 يۇەنلىك پۇل تېپىۋالدۇق .دوستۇم ئاۋالۈكسىۋارا بۇتسەتۋالارغا قىلغان تاۋابىمىز ئۈچۈن ئوخشايدۇ دەپ چاخچاق قىلغانىدى ....... .

ئەمدى ئويلاپ باقسام ئىككىلا قېتىم تېپىۋالغان نەرسىنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرمەپتىمىز ،ۋەتەن خەلقىككە يۈز كىللەلمەيمىز

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 14:17:25

بانكا ياكى چوڭراق سارايلاردا ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا ئىئانە يىغىدىغان ساندۇق بار، شۇ ساندۇققا تاشلىۋېتىڭ. ساقچىغا بەرسىڭىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. ياكى بولمىسا يېنىڭىزدا ساقلاپ قويۇپ، بىرەر ئىشتا قارار چىقىرالمىسىڭىز تەڭگە تاشلاپ قارار قىلىشتا ئىشلىتىڭ.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 14:43:11

بىكارچىنىڭ \" بانكا ياكى چوڭراق سارايلاردا ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا ئىئانە يىغىدىغان ساندۇق بار، شۇ ساندۇققا تاشلىۋېتىڭ\" دىگەن گىپىنى قوللايمەن.قارار قىلالمىغان ئىشلاردا ئاشۇ تەڭگىنى ئىشلىتىپ قارار چىقارغانلىقمۇ ئۈزىنىڭ قىلىۋالغانلىق بولىدۇ، بۇنى قوللىمايمەن.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 15:21:35

umakkulke:

تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تەكرارغا ماڭساق ،بىر قاپ ئۇچىرىدى قارىساقم پ 3 ئىكەن .2004.يىللىرى ئۇ نەرسە ئەمدىلا چىققان چاغلار .شۇنداق جىدديلىشىپ كەتتۈق .ئەتىسى يۈتكەن نەرسە ئىزدەش ئېلانىغا قارىساق ئۈ دۆت قىزچاق 南主楼دا ئۈنئالغۇسىنى ،پەستىكى چىملىقتا م پ 3 نى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپتۇ .بىر كۈندىمۇ ئىككى نەرسىنى يۈتتۇرگەن بارمۇ ؟دوستۇم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ قايتۇرۇپ بەرسەكمۇ ئۇ قىز يەنە يۈتتۈرگۇدەك ،بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاپ بىرەيلى دەپ ئۇ قىزغا بىر ياردەم قىلغانىدۇق .

چېڭدۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئايلىنىۋىتىپ بىر يەرگە كىرىپ قالدۇق ،قارىساق كىشىلەر بىر نەرسىنى ئىككى قوللاپ سىلاپ چۈگىلىتىۋىتىپتۇ .بىزمۇ دوستلىرىمىز بىلەن تەڭ چۈگىلىتىپ كىتىپتۇق .ئايلىنىپ ئايلىنىپ قارىساق ئەسلى بۇ بىر بۇتخانا ئىكەن.نىمە دەپ باغچىنىڭ ئىچىگە بۇتخانا قىلىپ قويدىكىنە ،كىرگىچە گەپ بىلەن بۇلۇپ پەقەتلا دىققەت قىلماپتىكەنمىز ،دەرھال يېنىپ چىكەتتۇق .....يېنىپ چىقىپ نەچچە ئون قەدەم ماڭمايلا بىر 50يۇەنلىك بىر 20 يۇەنلىك پۇل تېپىۋالدۇق .دوستۇم ئاۋالۈكسىۋارا بۇتسەتۋالارغا قىلغان تاۋابىمىز ئۈچۈن ئوخشايدۇ دەپ چاخچاق قىلغانىدى ....... .

ئەمدى ئويلاپ باقسام ئىككىلا قېتىم تېپىۋالغان نەرسىنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرمەپتىمىز ،ۋەتەن خەلقىككە يۈز كىللەلمەيمىز

   سىزمۇ چېڭدۇدا ئوقۇغانما تەييارلىقنى؟

تېما ئىگىسى تېپىۋالغان ئىككى تەڭگىنى بىر تەرەپ قىلالماي بىزدىن مەسلىھەت سوراپتۇ.

لېكىن ئەستايىدىلكەنسىز جۇمۇ. ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ بۇ روھىڭىز.

مەن بولسام خەجلىۋېتەتتىم.

چېڭدۇدا بىر باغچىدا بېلىق كۆلىدە بولغان بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى، يا ئىشتاننى تۈرۈپلا كىرگىلى بولمىغان. تەڭگە پۇللار دېگەن بىر خالتىدەك باركەندۇق سۈزۈك سۇنىڭ تېگىدە.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 15:46:00

قارىسام ماۋۇ ئىزدىنىشتا تەڭگەممۇ ئارن ئىككى ئوخشايدۇ، مۇشۇ يەرگىلا قېتىۋىتەيمۇ يا؟

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 16:04:02

muzatd:
umakkulke:

تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تەكرارغا ماڭساق ،بىر قاپ ئۇچىرىدى قارىساقم پ 3 ئىكەن .2004.يىللىرى ئۇ نەرسە ئەمدىلا چىققان چاغلار .شۇنداق جىدديلىشىپ كەتتۈق .ئەتىسى يۈتكەن نەرسە ئىزدەش ئېلانىغا قارىساق ئۈ دۆت قىزچاق 南主楼دا ئۈنئالغۇسىنى ،پەستىكى چىملىقتا م پ 3 نى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپتۇ .بىر كۈندىمۇ ئىككى نەرسىنى يۈتتۇرگەن بارمۇ ؟دوستۇم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ قايتۇرۇپ بەرسەكمۇ ئۇ قىز يەنە يۈتتۈرگۇدەك ،بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاپ بىرەيلى دەپ ئۇ قىزغا بىر ياردەم قىلغانىدۇق .

چېڭدۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئايلىنىۋىتىپ بىر يەرگە كىرىپ قالدۇق ،قارىساق كىشىلەر بىر نەرسىنى ئىككى قوللاپ سىلاپ چۈگىلىتىۋىتىپتۇ .بىزمۇ دوستلىرىمىز بىلەن تەڭ چۈگىلىتىپ كىتىپتۇق .ئايلىنىپ ئايلىنىپ قارىساق ئەسلى بۇ بىر بۇتخانا ئىكەن.نىمە دەپ باغچىنىڭ ئىچىگە بۇتخانا قىلىپ قويدىكىنە ،كىرگىچە گەپ بىلەن بۇلۇپ پەقەتلا دىققەت قىلماپتىكەنمىز ،دەرھال يېنىپ چىكەتتۇق .....يېنىپ چىقىپ نەچچە ئون قەدەم ماڭمايلا بىر 50يۇەنلىك بىر 20 يۇەنلىك پۇل تېپىۋالدۇق .دوستۇم ئاۋالۈكسىۋارا بۇتسەتۋالارغا قىلغان تاۋابىمىز ئۈچۈن ئوخشايدۇ دەپ چاخچاق قىلغانىدى ....... .

ئەمدى ئويلاپ باقسام ئىككىلا قېتىم تېپىۋالغان نەرسىنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرمەپتىمىز ،ۋەتەن خەلقىككە يۈز كىللەلمەيمىز

   سىزمۇ چېڭدۇدا ئوقۇغانما تەييارلىقنى؟

تېما ئىگىسى تېپىۋالغان ئىككى تەڭگىنى بىر تەرەپ قىلالماي بىزدىن مەسلىھەت سوراپتۇ.

لېكىن ئەستايىدىلكەنسىز جۇمۇ. ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ بۇ روھىڭىز.

مەن بولسام خەجلىۋېتەتتىم.

چېڭدۇدا بىر باغچىدا بېلىق كۆلىدە بولغان بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى، يا ئىشتاننى تۈرۈپلا كىرگىلى بولمىغان. تەڭگە پۇللار دېگەن بىر خالتىدەك باركەندۇق سۈزۈك سۇنىڭ تېگىدە.

تەييارلىقنى بېيجىڭدا ئوقۇغان ،كەسىپتە چڭېدۇدا تۇردۇم ...

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 16:52:12

ئوماق كۇلكە سىز قايسى مەكتەپنىڭ؟ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بولدىڭىزمۇ ياكى؟؟مەنمۇ چىڭدۇدا

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 17:08:27

سىزمۇ چېڭدۇدىما ؟تۇنۇش چىقىپ قالىمىزمۇ نىمە ؟لىكىن مەن ئۇقۇش پۈتتۇرۇپ بولدۇم .

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 17:39:00

ھەئە، مەن ئىنشائاللاھ يازدا پۇتتىرىمەن.ھازىر يۇرتتىمۇ ياكى ئىچكىردىمۇ؟

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 17:40:16

ھەئە،مەن ئىنشائاللاھ يازدا پۇتتۇرىمەن.سىزمۇ بىيجىڭدا تەييارلىق ئوقىغانمۇ؟مەن پوچتا-تىلگىرافتا تەييارلىق ئوقىغان.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 20:47:51

18يېشىمدا بىر كۈنى مەھەللىگە ئاز قالىدىغان پىيادىلەر يولىنىڭ ياقىسىدىكى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىن بىر كىتاپ تېپىۋالدىم... خىق تاشلاپ قويدىمىكىن دەپتىمەن ... خەنچۇچە كىتاپ تاشلاقلىق... نېمە كىتاپتۇ قېنى دەپ ئاچقىنىمنى بىلىمەن... پۈتۈن بەتلىرىنىڭ ئارىسىغا يۈز سوملۇق، 50 سوملۇق،20سوملۇق   ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ نەتىجىنى ساقلاۋاتقان ۋاقتى...

گەپ قىلمايلا يەر ئاستى ئۆيگە ئەكىرىپ قويدۇم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كىتاپلىرىمنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ بەك تىقۋەتكەن شۇ يەرگىلا...

ئىككى كۈندىن كېيىن ساياھەتكە چىقىپكەتتۇق... كۆڭلۈمدە بىرخوشاللىق ھەم بىر ئەندىشىچىلىك باردە...

ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋېلىپ قايتىپ كېلىپ، بىرىنچى بولۇپ يەر ئاستى ئۆيىگە چۈشتۈم.. قارىسام شۇ پېتى تۇرۇپتۇ...

ئولتۇرۇپ ساناپ باقتىم 2460 كويمۇ 2640 كويمۇ مۇشۇنچىلىك چىقتى..دادام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئكتسىڭىز مۇكاپاتلايمەن دېگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن مىڭ سوم بەرگەن...بىردىنلا بېيىپ كەتتىمما دەپ خوشال.

ئەمما ئالىي مەكتەپكە كىرىپ سىنىپىمدا قىيىنچىلىقتا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.. راست نامرات ئادەملەر باركەن..دادام زاكات ئايرىپمۇ بەردى مەكتەپكە... ئاندىن ئۆزەم ھېلىقى پۇللىرىمنى چىقىرىپ 3500سوم قىلىپ شىنجاڭ ئۇۋېرسىتېتىنىڭبىر يىللىق ئوقۇش پۇلى   شۇ پۇلنى بىر ساۋاقدېشىم ئۈچۈن تۆلەپ بەردىم.. ھازىرغا قەدەر بىلمەيدۇ .. بىر ياخشى نىيەت ئادەمكەن دەپلا ئويلايدۇ قارىسا ئىىكىنچى يىلىدىن باشلاپ توختاپ قالمىسۇن دەپ.. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمىزمۇ 3500سومتى شۇنى تۆكلەپ بېرەيمۇ يا دەپ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىم قاتقاندا قارىسام مۇھەببەتلىشىۋاپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا ئۆزەم خەجلىۋەتكەن

ئەمما شۇ پۇلنى نىيەت قىلىپ ئاتىغان ئىشقا ئىشلەتمىگەننى ھازىغا قەدەر تارتىۋاتىمەن... توختىماي نەرسەم يۈتىدۇ...

12ئاي بولسا بىر يىلدا سىز 13 يانفون يۈتۈرەلەيسىز بالام دەپ قويىدۇ دادام ،،، ئىشقىلىپ كىچىكى سائەت تلېفوندىن تارتىپ چوڭى نەچچە ئونمىڭ سومنى يۈتتۈرىۋەتتىم 70مىڭ يۈەننى دادام ماشىنىغا قويۇپ قويۇپ دۇكانغا كىرىپ كەتتى غۇلجىدا مەن خادىكتېكىلەرگە قاراپ دوغاپ ئىچىمەن دەپ يولنىڭ ئۇدۇلىدىن ئېلىپ كەلگىچە پۇلنى بىرسى ئېلىۋاپتىكەن

مۇشۇنداق يۈتتۈرۈپ كەلدىم .. شۇڭا كۆنۈپمۇ قاپتىمەن ئۆزىڭىزنى يۈتتۈرمىسىڭىزلا بولدى دەيدۇ...ھەي...

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 20:56:49

توۋا ھارام قەتئىي ياراشمايدىكەن ماڭا، ھەتتا ئىنكاسىممۇ يۈتۈپتۇ

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 21:54:29

yusran:

بۇدا دوغاپ ئىچىدىغاندا ماڭا خەۋەر قىلىپ قويارسىز

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 22:21:48

yusran:

ئەمما ئالىي مەكتەپكە كىرىپ سىنىپىمدا قىيىنچىلىقتا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.. راست نامرات ئادەملەر باركەن..دادام زاكات ئايرىپمۇ بەردى مەكتەپكە... ئاندىن ئۆزەم ھېلىقى پۇللىرىمنى چىقىرىپ 3500سوم قىلىپ شىنجاڭ ئۇۋېرسىتېتىنىڭبىر يىللىق ئوقۇش پۇلى   شۇ پۇلنى بىر ساۋاقدېشىم ئۈچۈن تۆلەپ بەردىم.. ھازىرغا قەدەر بىلمەيدۇ .. بىر ياخشى نىيەت ئادەمكەن دەپلا ئويلايدۇ قارىسا ئىىكىنچى يىلىدىن باشلاپ توختاپ قالمىسۇن دەپ.. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمىزمۇ 3500سومتى شۇنى تۆكلەپ بېرەيمۇ يا دەپ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىم قاتقاندا قارىسام مۇھەببەتلىشىۋاپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا ئۆزەم خەجلىۋەتكەن

چىدىماس.

بەت: [1] 2
: ئىككى تەڭگە