Crysis 2 چىقىشقا ئاز قالدى
بېسىپ تارقاتقۇچى شېركەت : Electronic Arts
ئويۇن ئىشلىگۈچى شېركەت : Crytek
چىقىدىغان ئويۇن سۇپىلىرى : Xbox 360, SONY Playstation 3, PC
ئويۇننىڭ چىقىش تارىخى : 2011-يىلى 25-مارت
گىرمانىيەدىكى Crytek ئويۇن شېركىتى ئىشلىگەن Crysis ئويۇنى،يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىشلەنگەن ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈشكە ئىگە ئويۇن بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئويۇنچىلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلۇپ ئوينالغان بىرىنچى ئويۇندىن كېيىن شېركەت ئىككىنچى ئويۇننى ئىشلەشكە تۇتۇش قىلدى. يېقىندا شېركەتنىڭ خوجايىنى جەۋات يەرلىك، ئويۇننىڭ ئاساسى جەھەتتىن پۈتكەنلىكىنى ۋە سىناق باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. Crytek ئويۇن شېركىتىنى قۇرغانلار 3 ئاكا-ئۇكا تۈرك بولۇپ، گىرمانىيەدە ياشايدۇ.
CryEngine 3
مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان CryEngine 2 ئويۇن ماتورىدىن كېيىن، بۇ يېڭى ئويۇندا تېخىمۇ تەرەققى قىلغان ۋە كومپىيۇتىردىن سىرت يەنە Playstation، Xbox قاتارلىق ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىگىمۇ ماسلاشتۇرۇلغان CryEngine 3 ماتورى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تەرەققى قىلغان گرافىكىلىق، فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا ئويناش جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن ياخشىلىنىش بار.(ئويۇن ماتورى- پارامېتىر، كود، يېزىق، رەسىم، نۇر كۆلەڭگە قاتارلىق مەنبەلەرنى ئىشلىتىپ ئويۇننى ئىشلەيدىغان دېتال. يەنى ئويۇننىڭ ئىسكىلېتى بولۇپ، سەللىمازا بىر ئىسكىلىت ياسالغاندىن كېيىن پۈتۈن ئويۇن بۇ ئىسكىلىتنىڭ ئۈستىگە قوندۇرىلىدۇ.)
ئويۇن ئىچى سىن كۆرۈنۈشلىرى
http://www.bolumsonucanavari.com/Videolar-Crysis_2__Central_Station_Demo_Commentary-1378.htm
شېركەت خوجايىنى جەۋات يەرلىك بىلەن سۆھبەت
http://vimeo.com/11194791
رەسىملەر
WarHead نى ئويناپ تۈگەتكەن، ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى پەقەت يارىمىدى. ماۋۇ قالتىستەك تۇرىدۇ .
cry engine نى ئىشلىتىپ ياسىغان Far Cry1/2 مۇ بوپ قويىدۇ . بۇ Engine يېشىلچىلىق، ئورمان ، terrain لارنى ئوبدان ھەل قىلىدىكەن.
Call of duty Black Ops مۇ چىقىدۇ جۇما 8 . چىسلا
مەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 纵横时空 نى ئويناۋاتىمەن. بۇمۇ بوپقالىدىكەن.
رەسىملەرنى كۆرەلمىدىمغۇ.
تېمىدىكىدەك ئېتىشىدىغان ئۇيۇنلارنى تۈزۈك ئويناپ باقماپتىمەن دىسە.
مەن ھازىر ئاساسلىقى实况2010ئويناۋاتىمەن،实况8دەك经典بولمىسىمۇ،ئەمما كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ياخشىكەن.
مەن Crysis نىڭ ئىككى بۆلۈمىنى ئويناپ بولغانتىم. ماۋۇنىمۇ 2 دەيدا. قانداق ئىش بولۇپ كەتتى بۇ.ئويۇن دېگەننى زادى ئەكىس بوكىس ياكى سونىي ئويناش سۇپىسىدا ئوينايدىغان نىمىكەن. تېكىننىڭ 6 -سىنى ئېكىس بوكىستا ئوينىسا بەك پەچەت بولىدىكەن. مەن رىكودونى ئالسام خېلە-خېلە گۇيلارنى ئۇتۇپ تاشلايدىكەنمەن.
ئەمما 实况2010 نىڭ ئېكىس بوكىس نۇسقىسىدا سۈرئەت بەك تېىز ئىكەن. ئنكاس يېتىشمەي قالىدىكەن. ئەمما 2011 شۇنداق نورمال ئىكەن. ماۋۇنىڭدەك ئېتىشدىغان ئويۇننى ئويناپ قويسا بولىدۇ زادى. ئويناپ بولغاندا چوڭ شەھەر ئالغاندەك بىر مۇئاپىقىيەت تۇيغۇسىغا كېلىدىغان گەپ. پارىس شاھزادىسى مەن ئويناپ باققان ئەڭ قىيىن ئويۇن بولدى. ئاخىرى چىدىماي تۈگىتەلمەي ئۆچۈرۋەتتىم.
