testabc يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 18:20:17

مەن كۆپ مىقداردىكى ئۇيغۇرچە سۆزللۈك ۋە سۆز بىرىكمى

<div id=read_tpc class=f14>مەن كۆپ مىقداردىكى ئىملا خاتالىقى بولمىغان ئۇيغۇرچە سۆزللۈك ۋە سۆز بىرىكمىسگەجىددى ئىھتىياجلىق . لۇغەتنىڭ تەييار سۆزلۈكلىرى بولسا تېخىمۇ ياخسى . ئەگەر قولىدا  مۇشۇ خىلدىكى ماتىرىياللار بارلارنىڭ  ماڭا تەمىنلەپ بىرىشنى ئۈمۈت قىلىمەن .(  ھەقسىز بولسا ئەڭ ياخشى ، ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى )
  ئىلخەت : anwar_kalpin@yahoo.com.cn
</div>

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 18:59:33

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسىغا كىرىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆچۈرىۋېلىڭ. ئۇلار بىۋاسىتە شىنجاڭ گېزىتىدىن ئالىدۇ، شۇڭا ئىملاسى توغرا.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 19:18:14

ئەرتۈرك ئەپەندىمنىڭ تۇراسىدىكى يازمىلىرىدىمۇ ئىملادا نۇقسان سەزمىدىم.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 22:01:45

ئۇيغۇرئېدىت ۋە ئىملا ئامبىرى يېڭىلاندى. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغان چاغدا ئېلخەت ئادرېسى، تور ئادرېسلىرى قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار تۈزىتىلدى.

ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەر 881 مىڭدىن ئاشتى

============================

بىلىك مۇنبېرىدە ياكى ukij دە مۇشۇنداق بىر تەييار سۆزلۈكلەر بولىقى تارقىتىلغان . ئاشۇ ئىككى مۇنبەردىن چىقىپ قالامىكىن .

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 22:05:21

كوررېكتور ياساي دەپ ئويلىغان ئوخشىمامسىز؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 08:26:19

مەندە 400000 قۇر ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە لۇغەت سۆزلۈكى بار.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 09:44:53

ئۇيغۇر ئېدىت ياكى يۇلغۇن تەھرىلىگۈچنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ، قاچىلانغان مۇندەرىجىگە قارىسىڭىز مەسىلەن : C:\Program Files\Yulghun دېگەندەك ... uyghur نامىدىكى بىر تېكىسىت ھۆججىتى بار شۇنى ئېچىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

ئۇندىن باشقا تورداشلار دېگەندەك تەڭرىتاغ تورى دېگەندەك ھۆكۈمەت تور بەتلرىدىن ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇيغۇر ئىدىتقا چاپلاپ ، ھۆججەتنى تاللىغاندىن كىيىن Ctrl+F11 نى قوشۇپ باسسىڭىز بىر پۈتۈن ماقالىنى ھەر بىر سۆزنى بىر قۇر قىلىپ ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە پارچىلاپ تىزىپ بىرىدۇ .  ۋە ياكى ئۇدمىش كوررېكتور دېگەن دېتالنىڭ ئىملا توغۇرلاش ، سۆز سۈزۈش ئىقتىدارىمۇ بار.

http://lab.uyghurdev.net/  ماۋۇ توربەتمۇ ناھايىتى ئەسقاتىدۇ . كود ئالماشتۇرۇش ، بوغۇم ئايرىش ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش ..... دېگەندەك ئىقتىدارلىرى ناھايىتى مۇكەممەل ...

testabc يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 10:13:50

alipenwer:
مەندە 400000 قۇر ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە لۇغەت سۆزلۈكى بار.

مەن سىزنىڭ بۇ سۆزلۈكلىرىڭىگە ئىرىشىشنى تولمۇ ئارزۇ قىلمەن  .

كۆڭلىڭىزدىكى دەپ باقمامسىز

email:anwar_kalpin@yahoo.com.cn

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 12:04:45

ozugh:
تەڭرىتاغ تورى دېگەندەك ھۆكۈمەت تور بەتلرىدىن ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇيغۇر ئىدىتقا چاپلاپ ، ھۆججەتنى تاللىغاندىن كىيىن Ctrl+F11 نى قوشۇپ باسسىڭىز بىر پۈتۈن ماقالىنى ھەر بىر سۆزنى بىر قۇر قىلىپ ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە پارچىلاپ تىزىپ بىرىدۇ .  ۋە ياكى ئۇدمىش كوررېكتور دېگەن دېتالنىڭ ئىملا توغۇرلاش ، سۆز سۈزۈش ئىقتىدارىمۇ بار.

ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ تېخنىكىنى بىلەلمەي بەك ئاۋارە بولغان ئىدىم. كۆمۈش ئوق ئەپەندى بولسا بۇنداق تېخنىكىلارنى كۆپرەك تەمىنلىمەمسىز دەيمەن. يەنە تېخى سىمبىيان ئەقلى يانفۇن سېستىمىسى ھەققىدىمۇ بىلىمىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 13:40:57

pengiyar:

ozugh:
تەڭرىتاغ تورى دېگەندەك ھۆكۈمەت تور بەتلرىدىن ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇيغۇر ئىدىتقا چاپلاپ ، ھۆججەتنى تاللىغاندىن كىيىن Ctrl+F11 نى قوشۇپ باسسىڭىز بىر پۈتۈن ماقالىنى ھەر بىر سۆزنى بىر قۇر قىلىپ ، ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە پارچىلاپ تىزىپ بىرىدۇ .  ۋە ياكى ئۇدمىش كوررېكتور دېگەن دېتالنىڭ ئىملا توغۇرلاش ، سۆز سۈزۈش ئىقتىدارىمۇ بار.

ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ تېخنىكىنى بىلەلمەي بەك ئاۋارە بولغان ئىدىم. كۆمۈش ئوق ئەپەندى بولسا بۇنداق تېخنىكىلارنى كۆپرەك تەمىنلىمەمسىز دەيمەن. يەنە تېخى سىمبىيان ئەقلى يانفۇن سېستىمىسى ھەققىدىمۇ بىلىمىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياسىنجان ، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويغانلىقىدىم كەچۈرۈم سورايمەن . مەن كۈمۈش ئوق ئەمەس. سىمبىيان ئەقلى يانفۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغان كۈمۈش ئوق ئەپەندىنىڭ بۇرۇنقى بىلوگىنى ۋەتەندە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمىغاندىن بۇيان ، كۈمۈش ئوق ئەپەندى يېڭى بىلوگ ئادىرىسىغا كۆچكەنىكەن . مەن تور ئارىلاۋىتىپ تاسادىبىي پۇرسەتتە ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم . شۇڭا ئۇ ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىم تۈپەيلى ئىمزا ئورنى بىكار تۇرغۇچە دەپ  بىلوگ ئادىرىسىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغانىدىم.

ئۇچۇر : ئۇلىنىش تورىنىڭ ئىزدەش بېتىكەن : http://www.ulinix.com.cn/  كۆرۈپ بىقىلار .....

بەت: [1]
: مەن كۆپ مىقداردىكى ئۇيغۇرچە سۆزللۈك ۋە سۆز بىرىكمىسگە ئىھتىي