تارىختا بۈگۈن (4-نويابىر )
1862-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىلىق گاتلىن <گاتلىن پېلىموتىGatling gun>نىڭ پاتنېت ھوقۇقىنى ئالغان . ئەينى ۋاقىتتتىكى پېلىموتنىڭ مىنۇتلۇق ئايلىنىش سۈرئىتى 600قېتىم ئىكەن .
گاتلىن پېلىموتى
1869-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە <تەبىئەت>ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانى نەشىر قىلىنغان .
1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چېخسىلۋاكىيە جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان .
1921-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيە باش ۋەزىرى خارا تاكاشى (原敬)توكيو ۋوگزالىدا بىر ئوڭ قانات تۆمۈر يول خىزمەتچىسى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .
1941-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيە ئارمىيسى چاڭدې (常德)تاۋيۈەن(桃源) قاتارلىق جايلارغا چۇما باكتىريىسى قويۇپ بەرگەن .(ئۇ ئىككى يەر خۇنەن ئۆلكىسى تەۋەسىدە).
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى قۇرۇلغان .ئېنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى UNESCO.
1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يىراق شەرىق خەلىقئارا ھەربى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ياپونىيە ئۇرۇش جنايەتچللىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان .
1952-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئېزىنخاۋۇر تىرومىننى يېڭىپ ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولغان .
1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تېھران تۇتقۇن قىلىش كىرزىسى يۈز بەرگەن .شۇ كۈنى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئامېركىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش كۇنسۇلخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇ يەردىكى خىزمەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋالغان .
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۇنجى قېتىملىق <خۋا لوگىڭ ماتېماتېكا مۇكاپاتى>بېيجىڭدا تارقىتىلغان .
1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىليە زوڭلىسى رابىن (Yitzhak Rabin)تىل-ئاۋۇف ئىسرائىلىيە پادىشاھ مەيدانىىدىكى بىر يىغىلىشتا ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .
2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە باراك ئوباما( Barack Hussein Obama Jr.)ماك كەيىننى مەغلۇپ قىلىپ ئامېركىنىڭ 44-قېتىملىق زوڭتۇڭى بولۇپ قالغان ،ئوباما تۇنجى ،ئافرىقىلىقنىڭ پۇشتىدىن بولغان زوڭتۇڭ .
مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى
نۇرغۇن بىلىملەر يەنىلا ئىزدىنىشتا ! گاتلىن؟ مىشىنگان دېگەن شۇمىكىنە؟ ماكسىم دۇ ؟؟؟مۇنۇ ئۇلىنىشتا بار .خاتا بولۇپ قالغان بولسا تۈزۈتۈپ قوياي ،قاراپ بېقىڭلا.
http://zh.wikipedia.org/zh-cn/%E5%8A%A0%E7%89%B9%E6%9E%97%E6%9C%BA%E6%9E%AA


ماكسىم پىلىموت ماۋۇ ئىكەن ...............................