بۇنداق تاماقنىمۇ ئۆگىنۋېلىڭ (بويتاقلار ئۈچۈن )
بۇرۇن قەتئىي قازان-قۇمۇچ تۇتمايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، نىمە ئامال بويتاقچىلىقتا تاماققىمۇ ئۇستا بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمەن،دادام خوتۇن ئەپبەرگىچە چىدايدىغان ئوخشايمەن
قۇرۇق گەپنى قويۇپ بۈگۈن مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغا كېلەيلى .
تاماق ئىسمى:بىلمەيمەن ، نىمە دەپ ئات قويۇشنى بىلمىدىم
كېتىدىغان ماتىرياللار:
1. كەسمە چۆپ ulker شىركىتىنىڭ Bizim مۇشۇ ماركىسىدىكى كەسمە چۆپىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بىزەقىممەت بولسىمۇ لېكىن سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن
2. پەمىدۇر قىيامى شاھتائام ماركىلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن
3. كۆكمۇچ (كۆك لازا)
4. قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ
5.ياڭيۇ
6. پىياز
7. سامساق
8. سۇ ماي (ئامال بار ياخشىسىنى ئىشلىتىڭ)
ئەمدى باشلايلى ،
1 .ئەڭ ئاۋال مۇۋاپىق مىقتاردىكى كەسمە چۆپنى قاينىغا سۇغا سېلىپ 15 مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىپ نورمال پىشۇرۋالمىز ، ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ يانغا ئېلىپ قويىمىز (سۈيىنى ئامال بار تولۇق ئېقىتۋېتىڭ)
2.قازانغا مۇۋاپىق مىقتداردا سۇ ماي قۇيۇپ (سەل كۆپرەك قۇيۇڭ) قىزىتىڭ ، قىزىغاندىن كېيىن ئۇششاقلانغان پىيازنى سېلىڭ 20 سىكونت قورىغاندىن كېيىن ، قەلەمچىلەنگەن ياڭيۇنى سېلىڭ ، بۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇتۇلغان قىزىل لازىدىن مۇۋاپىق مىقداردا بىللە سېلىپ قورۇڭ(ئاچچىقنى كۆپ يېسىڭىز لازىنى كۆپ سېلىڭ بولمىسا ئاز سېلىڭ) ، بىر ئاز قورىغاندىن كېيىن ئاندىن سۈزىۋالغان چۆپنى سېلىپ بىللە قورۇڭ 3 مىنۇت قورىغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردىكى پەمىدۇر قىيامىنى سېلىپ ئوبدان قورۇڭ (چۆپ چىرايلىق قىزارغۇچە) 7 مىنۇت قورىغاندىن كېيىن ئۇششاق توغرالغان كۆك لازا بىلەن سامساقنى سېلىپ قورۇڭ 5 مىنۇت قورۇڭ مۇشۇ قورۇش جەريانىدا تۇز سېلىشنى ئۇنتۇماڭ ، تۇزنى تېتىش سەل قولايسىز بولۇپ ئامال بار مۆلچەرىڭىزنىڭ توغرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، قولايسىز بولسىمۇ تېتىپ باقىمەن دېسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ 5 مىنىۇت قورىغاندىن كېيىن پىشتى دېگەن گەپ ئېلىپ ئۇسۇپ تېتىپ بېقىڭ ،
ئىشقىلىپ بۇ تاماق ماڭا تېتىپ قالدى . شۇڭىلاشقا بويتاق دوستلارغا تەۋسىيە قىلدىم ، قېنى قول سېلىپ تېتىپ بېقىش سىلەردىن .
ئوخشىتىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن
Toghrak:
yexilbulut:
ھەممىسى تاماققا ئۇستا بوپ كەتتىم دەپ يېزىپتىغۇ ؟قىزلاردىن ئوغۇللار تاماققا ئۇستىمۇ نىمە ھازىرتاماق ئىتەلمەيدىغان قىزلارغا نىسبەتەن بۇنداق بويتاقلارغا ئۇچراش تەلەي
خوتۇن ئالساقلا ئۇنتۇپ كېتىمىز
مېنىڭ يېرىم يىل ئاشپەز بولغان ۋاقتىم ئېسىمگە كەلدى، پەقەت ياتىقىمىزدا ئۆزىمىزگىلا جۇمۇ.. تۇتقۇچلۇق ساپلىقنى ئېتىپ تۇرۇپ سەي قورۇيتتۇم..بۇنى زىلتار لەغمىنى دەيتمىزمۇ؟
ئېلانما بۇ باشقا تاماق ئىتەلمەمسەن ،مەنغۇ پولا ئىتىشنىمۇ بىلىمەن ، مەن بۇنداق ئاددىي تاماقلارنى ئىتىشنى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدۇ ئوتىڭىزنىڭ بەك كۈچى يوقمۇ نىمە؟ كەسمە چۆپنى قاينىغان سۇغا سېلىپ، يەنە 15 مىنوت قايناتسىڭىز، ئۇماچ بۇلۇپ كەتمەسما؟ ئاندىن ئۇنى باشقا سەي بىلەن ئارلاشتۇرساقجوۋتاڭ پۈتتى دېگەن گەپ.sezgurboy:
بۇنى زىلتار لەغمىنى دەيتمىزمۇ؟
قاندا بولا
ئايالىم يوق چاغلاردا ئاچ قالماسلىق ئۈچۈن مەنمۇ ئۆگىنىپ قويسام بۇلامدۇ نىمە،گەپلېرىڭىزدىن قارىغاندا خېلى تېتىشلىق ئوخشايدۇ. ruslan007:
ئېلانما بۇ باشقا تاماق ئىتەلمەمسەن ،مەنغۇ پولا ئىتىشنىمۇ بىلىمەن ، مەن بۇنداق ئاددىي تاماقلارنى ئىتىشنى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدۇ
خېمىر تەييارلا بولسا ھەر قانداق تاماقنى ئېتىۋېتىمەن ھازىر، سەنغۇ بۇ ھالىڭدىن پەقەت يېيىشنى بىلىدىغاندەك
sezgurboy:
بۇنى زىلتار لەغمىنى دەيتمىزمۇ؟
ھەممىنى بىللە سىلىپ قورۇغاننى لەغمەن دىمەيمىزغۇ ؟ بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق تاماقنى 干煸炒面 دەيدۇ .....
ھەي بويتاقچىلىق ... ھەي بويتاقچىلىق ...
زىلتارمۇ سەللىمازالا ئاشپەز بوپ قاپتۇ مانا ... تۇۋاقنى ئېچىۋىتىڭ ، تۇۋاقنى يېپىۋىتىڭ دەپ يۈرۈپ .
ئاشپەزلىكنى سىزلا چۈشۈندۈرسىڭىز بولامدۇ نېمە . ئاۋۇ خۇرۇچلارنى كۆرۈپ \" زىلتار لەغمىنى \" دىن يىگۈم كەپ قالدى .
ھېلىقى قىزلار تولا يەۋالىدىغان گەمبەن سومەن دېگەن تاماققا ئوخشاش لازىسى ىق ، ئاچچىق، قىپقىزىل تاماق بولغۇدەك بۇ. مەنمۇ خېلى ئۇستا بوپ قالدىم تاماققا.ئۇماچتىن باشقىنى قىلىپ بېقىپتىمەن.مەنمۇ بويتاقچىلىقتا تاماق ئىتىشنى ئۈگىنىپ كەىتتىم .ئۆزەم بىلگەنچەئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئىتىمەن . ئۆزى ئىتىپ يىسە ئازىراق جاپالىق بولسىمۇ بەك يىيىشلىك بۇلىدىكەن .چۆچۈرىنىمۇتۈگۈپ قۇيىمەن ئۇماق قىلىپ.
جوڭگۇچىلىق ، ئۇيغۇرچىلىق ، كۇلىچىلىق ، يانچۇقچىلىق
چىلىق چىلىق
ھەي يەنە شۇ بويتاقچىلىق
ziltar:
ruslan007:
ئېلانما بۇ باشقا تاماق ئىتەلمەمسەن ،مەنغۇ پولا ئىتىشنىمۇ بىلىمەن ، مەن بۇنداق ئاددىي تاماقلارنى ئىتىشنى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدۇخېمىر تەييارلا بولسا ھەر قانداق تاماقنى ئېتىۋېتىمەن ھازىر، سەنغۇ بۇ ھالىڭدىن پەقەت يېيىشنى بىلىدىغاندەك
مەن تەييار چۆپ سىلىپ يىمەيمەن ساڭا ئوخشاش ، ماڭانىسپەتەن ئەڭ ئاسانراق ئىتىدىغان تامىقىم پولا.خىمىر تائاملىرىنىمۇ ئويناپ يۈرۈپ سەللىمازا ئىتىپ قويىمەن ، بىراق خىمىر يۇغۇرۇش خوشياقمايدۇ.ئاشپەزلىككە سەللىمازا ئىشتىياقىم بار، لېكىن ھازىر تاماقلىرىم بۇرۇنقىدەك ئوخشىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تامىقىم سەن گۇينىڭكىدىن ئوخشايدۇ. تاماق بىلەن قوشاپ تىلىڭنى چايناپ سالىسەن جۇما گۇيتوزا
ئىشتىھايىم بۇرۇنقىدەك ئەمەس ، بۇرۇنلاردا پۈتۈن لەغمەندىن ئىككىنى ئارقىمۇ ئارقا يەۋىتەتتىم جىيامەن بىلەن قوشاپ ھازىر چارەك لەغمەندىن ئىككىنى يىسەم نورمام توشىدۇ.
ruslan007:
ziltar:
ruslan007:
ئېلانما بۇ باشقا تاماق ئىتەلمەمسەن ،مەنغۇ پولا ئىتىشنىمۇ بىلىمەن ، مەن بۇنداق ئاددىي تاماقلارنى ئىتىشنى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدۇخېمىر تەييارلا بولسا ھەر قانداق تاماقنى ئېتىۋېتىمەن ھازىر، سەنغۇ بۇ ھالىڭدىن پەقەت يېيىشنى بىلىدىغاندەك
مەن تەييار چۆپ سىلىپ يىمەيمەن ساڭا ئوخشاش ، ماڭانىسپەتەن ئەڭ ئاسانراق ئىتىدىغان تامىقىم پولا.خىمىر تائاملىرىنىمۇ ئويناپ يۈرۈپ سەللىمازا ئىتىپ قويىمەن ، بىراق خىمىر يۇغۇرۇش خوشياقمايدۇ.ئاشپەزلىككە سەللىمازا ئىشتىياقىم بار، لېكىن ھازىر تاماقلىرىم بۇرۇنقىدەك ئوخشىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تامىقىم سەن گۇينىڭكىدىن ئوخشايدۇ. تاماق بىلەن قوشاپ تىلىڭنى چايناپ سالىسەن جۇما گۇيتوزا
ئىشتىھايىم بۇرۇنقىدەك ئەمەس ، بۇرۇنلاردا پۈتۈن لەغمەندىن ئىككىنى ئارقىمۇ ئارقا يەۋىتەتتىم جىيامەن بىلەن قوشاپ ھازىر چارەك لەغمەندىن ئىككىنى يىسەم نورمام توشىدۇ.
، قارىغاندا تاماقنى ياخشى ئىتىدىكەنسەن ، ئۆيگە كىلە رۇسلان...
koklam29:
، قارىغاندا تاماقنى ياخشى ئىتىدىكەنسەن ، ئۆيگە كىلە رۇسلان...
ماڭە چىقىپ كالا گوشى ئۈگرىسى (牛肉面 ) ئىچ !
مەنغۇ ئۈرۈمچىدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىمدا ھەممە تاماقنى ئىتىشنى ئۆگۈنىۋاپتىكەنمەن .
بىر سىناپباققۇچىلىگى باردەك قىلىدۇ