قەيەرنى ئىزدىسەم بولدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇنبەرداشلار !نەچچە كۈن ئاۋۋال مۇنداق بىر ئىش بولدى. مەن ئۆيدە يالغۇز ئىدىم .يولدۇشۇم مەكتەپكە كىچىلىك دىجورنىلىككە كەتكەن ئىدى. ئۇرۇمچى ۋاختى كەچ سائەت 11لار ئەتراپىدا ،سۇخانامدىكى سۇ ئىسىتقۇچنىڭ تىگى چۇشۇپ كىتىپ، پار سۇيى چىقىپ كەتتى ،سۇ خىلىلا بىسىم بىلەن چىقاچقا ھەم يالغۇز بولغاچقا، خىلىلا جىددىيلىشىپ قالدىم .يولدۇشۇمغا تىل قىلسام ،تىل ئېتىككەن. خوشنۇللىرىم خەنزۇھەم كەچ بولغاچقا ئاۋارە قىلىشنى بىئەپ ھىس قىلىپ ،ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپمۇ دولىتىمىزدە مۇشۇنداق جىددى ئەخۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇننى يادىمغا ئالالمىدىم ،ئاخىرى 110 غا تىل قىلىپ يارىدەم سوراي دەپ تىل قىلسام ،ئەمدى ئۇلىنشىغا تىلنى بىسىۋىتىپ 110 مۇ ئالمىدى. جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .يەنە ئامال قىلمىسام پۇتۇن ئۆيۈمنى سۇ باسىدۇ. پارنىڭ كەيگۈەننى ئۇزۇن مەزگىل ېشلەتمىگەچ،داتلىشىپ قاپتىكەن ،ئۇنىمۇ مىدىرتالمىدىم .ئاخىرى سائەت 12 يىرىمدا، خىجالەت ئىلكىدە ئۆيى سەل يىقىن خىزمەتدىشىمغا تىل قىلسام ،تىخى ئارام ئالماپتىكەن، ئايالى بىلەن كىلىپ كەيگۈننى ئېتىپ بەردى، كۆپ رەخمەت ئىيىتتىم .لىكىن ئويلاپ قالدىم،مۇشۇنداق ئىشلاردا زادى قەيەرنى ئىزدەيمىز؟ كۈندۇز بولسىغۇ،ئامالى بولدىكەن .ئەمما كەچلەردە مۇشۇنىڭدەك ئەخۋالغا يولۇققاندا قايسى ئورۇن يارىدەم بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ 110 نىڭ تىلنى ئالماسلىقى توغرىمۇ ؟
مەھەللىڭىزنىڭ خوجىلىق بۆلۈمىنى، ياكى مەخسۇس سۇ، پار ئوڭشايدىغانلارنى. ئەگەر بەكلا ئالدىرىسىڭىز ئۇدۇل 119 نى ئىزدەڭ. مەھەللەمنىڭ خوجىلىق بولۇمى يوق.119 مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ بىرتەرەپ قىلامدۇ ؟چوڭ شەھەرلەردە قىلىدۇ.
بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالىمەن دىگەنلەرگىمۇ 119 نى چاقىرىدىكەنغۇ ماۋۇ يولداشلار،بولا ئۇلارنى چاقارساق 119نى ئىزدىسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىقمىكىن .بىر پىراگراممىدا 119نىڭ ئوت ئۈچۈرۈشكىلا ئەمەس قۇتقۇزۇش خاراكتىرىنى ئالغان ياردەملەرنىمۇ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتاتتى. توغرا ، 119 جىددى تېلىفۇنى ئوت ئۆچۈرۈشلا ئەمەس بەلكى خەتەردە قالغانلارنىمۇ شۇلار قۇتقۇزىدۇ، دىلو يۈز بەرسە 110غا مەلۇم قىلىمىز، ئەمما سۇ، پار چىقىپ كېتىش، خەتەرلىك جايلاردا قىسىلىپ قېلىش دىگەندەك ئىشلارغا 119جىددى تېلىفۇنىغا ئۇرساق بولىدىكەن. 119 توغرا 119نىڭ ئوت ئۆچۈرۈشتىن باشقا يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار. ئادەتتە ئۆيىڭىزنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆي ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ، باشقا ئاچقۇچ بولمىغاندا 119 غا تېلفۇن قىلىسىڭىزمۇ دېرىزىڭىزدىن كىرىپ، ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ . بۇ بەزى ئىشەنچىسىز قۇلۇپچىلارنى چاقىرغاندىن ياخشى...... قۇرلۇشچىلار بىنا ئۆيلەرگە ئىشلىتىدىغان سۇ، پار كىلافانلىرىنىڭ مۈتلەق كۆپىنچىسىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، بىر - ئىككى قىتىم ئىشلەتكىلىلا بولىدۇ، ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىشلەتمىسىڭىز كىلافانلارنىڭ ئوقى ئۈزۈلۈپ كىتىدۇ دە، بىز ئىھتىياجلىق بولغاندا ئىھتىياجىمىزدىن چىقالمايدۇ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئاشۇ كىلافانلارنى ئالماشتۇرۇپ ئورنىغا ئەڭ ياخشىللىرىنى ئىشلىتىش، يىلدا پار بىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كىرەك. ئاندىن مۇلازىمىتى ياخشى بولغان ئاشۇنداق رىمۇنىت مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ تىلىفۇنىنى يىزىۋىلىش كىرەك.(خوجىلىق بۆلۈم بولمىغان شارائىتتا) ھەي بىزنىڭ دولىتىمىزدەئوي-مۇلۇك خوجىلىق ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكىسىيىسى مۇككەممەل ئەمەس ، ئەسلى ئاشۇلار كېچە بولسىمۇ كېلىپئامال بارئوڭشاپ بېرىشى كېرەك . (بۇنىڭغا ئايرىم ھەق ئالسىمۇ) بۇنداق ئۇسكىنىلەرنىڭ ئوبدانراغىنى ئىشلىتىش كېرەك.تېمىدىن چەتنەپ بىر سۆز قىستۇراي،سۇنى ئېچىپ ياپىدىغىننى كەيگۇەن دىمەيمىز خەنچىدە 阀门دەيدۇ .بىزنىڭ تىلىمىزدا كىلاپان دەيمىز زىيالىلىرىم .
سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ تېگى چۈشۈپ كېتىشنىڭ پار سۈيى ئېقىپ كېتىشى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ ئاۋارە بوپ كەتتىم
espresso:
سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ تېگى چۈشۈپ كېتىشنىڭ پار سۈيى ئېقىپ كېتىشى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ ئاۋارە بوپ كەتتىم
بەلكىم پاردىن سۇ چىقىپ كەتسە ، سۇ ئىستىقۇچ ھاياجانلىنىپ كەتكەن چىغى .
espresso:
سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ تېگى چۈشۈپ كېتىشنىڭ پار سۈيى ئېقىپ كېتىشى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ ئاۋارە بوپ كەتتىم
بۇنداق پار سۈيىدىن پايدىلىنىدىغان سۇ ئىسسىتقۇچ كۆپقۇ.
بىزنىڭ ئۆيدىكى سۇ ئىسسىتقۇچ دەل ئاشۇنداق،پار سۈيى چۇيۇندىن ياسالغان باكتىن ئۆتىدۇ،باكنىڭ ئىچىگە مىستىن ياسالغان تورۇبا يۆگەلمە ھالەتتە ئورنىتىلىدۇ،پاكىزە سۇ دەل مۇشۇ مىس تورۇبىدىن ئۆتىدۇ،باكتىكى پار سۈيى قىززىق بولغانلىقتىن،سوغۇق سۇ مىس تورۇبىدىن چىقىپ بولغىچە قىزىپ قول بىلەن بىۋاستە تۇتقىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كېتىدۇ،مانا مۇشۇ جەريان ئارقىلىق سۇ ئىسسىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.بۇ خىل ئىسسىتىش ئۇسولى بەك ياخشى ئۆيىڭىزدە پار بولسىلا قىززىق سۇدىن غەم قىلمايسىز،قىش كۈنلېرى بەك راھەت.
espresso:
سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ تېگى چۈشۈپ كېتىشنىڭ پار سۈيى ئېقىپ كېتىشى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ ئاۋارە بوپ كەتتىم
.............................................................................................
بۇنىڭدا پاكىزە سۇتۇربىسىنى بۇيرۇتۇپ ياسالغان(ياكى تەييار ئالغان)مەخسۇس ئۇسكىنىڭ ئىچىدى يوگەلدۇرۇپ ئېچىقىش ئارقىلىق پارنىڭ سۇيىنىڭ قىززىغىنى پاكىز ئوتكۇزۇش ئارقىلىق ئىسسىق سۇغا ئېرىشىدىغان ئۇسكىنىنى كورسىتىدۇ،过水热
رەخمەت تۇققانلار.