UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:34:50

تارىختا بۈگۈن (3-نويابىر )

1817-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كانادانىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بانكىسى مونتېرئال بانكىسى Bank of Montrealقۇرۇلغان .

1903-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پاناما مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان .

1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە <چېكاكو مۇنبەر گېزىتى> زوڭتۇڭ سايلىمىدا تېرومىن مەغلۇپ بولدى دىگەن خەۋەرنى باسقان ،لىكىن بىردەمدىن كىيىن ئېلان قىلىغان سايلام نەتىجىسىدە بولسا تېرومىن غەلبە قىلىپ ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولغان .

1964-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لەنتىيەن ئادەمسىمان مايمۇنىنىڭ تاشقاتمىسى بايقالغان .

1964-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زوڭتۇڭ سايلىمىدا جونسۇن ئۇتۇپLyndon Baines Johnson چىققان .

1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دومىنىكا فېدراتسىيەسى مۇستەقىل بولغان .

1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە ئادەم يۈزلۈك شىرتەنلىك ھەيكەلنىڭ ساقال بۇرتىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن .

1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كېلىنتون قېرى بوشنى مەغلۇپ قىلىپ ئامېركىنىڭ42-قېتىملىق  زوڭتۇڭى بولغان .

مەنبە؛ۋىكپىدىيە قامۇسى

raheed يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 22:30:43

بۇ تېمىغۇ بەك ياخشى.

ماۋۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ دېمەيمىزما؟!!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-4 13:27:09

raheed:

بۇ تېمىغۇ بەك ياخشى.

ماۋۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ دېمەيمىزما؟!!

بولسا يوللاپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(3-نويابىر)