urdek يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:24:50

تارىختا بۇگۇن (2 نويابىر )

<div class=ForumPostContentText>

1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسيە تۈركىيەگە جەڭ ئىلان قىلغان

1917-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە دېپلۇماتىيە ۋەزىرى بايانات ئىلان قىلىپ ئەنگىلىيە يەھۇدىلارنىڭ  پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇشىنى قولايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھاردىن  Warren Gamaliel Harding ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولغان .

1936-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە رادىئو شېركىتىنىڭ تىلىۋىزىيە مۇلازىمتى كۆرسىتىلىشكە باشلانغان بولۇپ ،دۇنيادىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن ،يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى تېلۋىزىيە ئىستانسسى بولۇپ قالغان .

1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لىياۋنېڭ-شېنياڭ ئۇرۇشى ئاياغلاشقان . بۇ جەڭدە قىزىل ئارمىيە گومىنداڭنىڭ 470مىڭ ئادىمىنى يوقاتقان بولۇپ شەرقى شىمال پۈتۈنلەي ئازاد بولغان .

1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تېرومىن ئامېركىنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان .

1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىق ئاۋئاتسىيەسى قۇرۇلغان .

1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېنگىرىيەگە ئەسكەر چىقىرىپ ۋېنگىرىيەدىكى سوۋېتقا قارىشى كىشىلەرنى باستۇرغان .نەتىجىدە نەچچە يۈز ۋېنگىرىيەلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۆلگەن .نەچچە مىڭ كىشى سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن .

1957-يىلى بۈگۈنكى كۈندە  ماۋزىدوڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغان .

1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ 50يىللىقى تەبرىكلەنگەن .ھەيۋەتلىك ھەربى پارات ئۆتكۈزۈلگەن .

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو پولات-تۆمۈر شېركىتى قۇرۇلغان .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى ۋە تارىختا بۈگۈن تورى

</div>

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:35:59

نىمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ مەن يوللىغان تىما ئىدى .ئۆردەك بوۋاينىڭ نامىدا يوللىنىپ قاپتا؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:44:21

تېما تەستىقلاۋىتىپ يەنە بىر تېمىنى ئۇچۇرۇش توغرا كىلىپ سىزنىڭ تىمىڭىز تاللىنىش ھالىتىدە بولغاچ بىللىلا ئۇچۇرۇلۇپ كىتىپتۇ، قايتىدىن كۇچۇرۇپ چاپلىغۇچە مىنىڭ بولىۋاپتۇ، بوپتىلا، ئاران قۇتۇلدۇردۇم تېمىڭىزنى.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:46:40

تىمىسىنى ئوڭشاپ قويسىڭىز ئەمىسە.
بەت: [1]
: تارىختا بۇگۇن(2نويابىر)