« قىتلالما» دېگەن گەپ قانداق گەپ؟
" لالما" دېگەننىغۇ ئازراق چۈشىنىمەن. لايغەزەل، بىكاچى، بىزەڭ، بۇدۇشقاق دېگەندەك مەنادىكى گەپ.
ئەمدىماۋۇ « قىتلالما» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ قانداق يەردە ئىشلىتىلىدۇ؟
خىت لالما دىگەن گەپمىكى «قىتلالما» مۇ ياكى «خىتلالما» مۇ، بىزنىڭ بۇيەردە ئېشەككە «خىت» دىسەك ماڭىدۇ. رۇسلاننىڭ گېپى توغرا... قەشقەردە تازا قىتلانغان لالما مىجەز ئادەملەرنى قىتلالما دەيمىز. ئوڭشالمايدىغان بىزەڭ م بىر نىمە تەسىر قىلمايدىغان ، پىچاق تىقسا قېنى چىقمايدىغان ، ماشىنا دەسسسە سۈيى چىقمايدىغان دېگەن گەپمىكىن قىتلانغان؟بۇنىمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن لالمىنىڭ كۇۋادىراتى دىگەن گەپتۇ......ماڭە لالما دىگەن گەپ
\"ختلالما\" دەپ ئادەتتە ئىشەكتىنمۇ ئۆتە جاھىل، گەپ چۈشەنمەيدىغان تەتۈر، بېگىز تىقسىمۇ قېنى چىقمايدىغان،قېنى چىقسىمۇ مىت قىلمايدىغان كىشىلەرنى دەيمىز.
قاتلىما دېگەن گەپمىكىن. پىچاقنى چاقىلاپ بولغاندا قىتلايدىغۇ ؟ يېڭى ئالغان ماشىنىنىمۇ قىتلىدۇق دەپ قويدىكەن تېخى .
پىچاقنى چارقىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى تاشتا بىرقېتىم بىلەيدۇ، مۇشۇ بىلەشنى پىچاقنىڭ قىلاتىنى ئېلىش دەيدۇ، بۇ دېگىنى سىلىغلاش دېگەن مەنىدە، يەنە موتوسىكىلىتنى يېڭى ئالغاندا بىرەر مىڭ كىلو مېتىر ماڭغىچىلىك ئادەم مۈنگۈزمەيدىغان ئادەت بار، بىرەرسى مۈنگەشمەكچى بولسا، موتوسىكىلىت ئىگىسى مېنىڭ موتۇسىكىلىتىم تېخى مولا بولۇپ بولالمىدى دېسە، ئېغىزىنىڭ يۈگىنى ئەقلىدە بولغان كىشىلەر مېنىڭ موتۇرۇم تېخى قىتلىنىپ بولالمىغان دەيدۇ.
بۇ يەردىكى قىت سۆزى بىلەن سىز دەۋاتقان قىت سۆزىنىڭ قانداق پەرقى بار بىلمىدىم.
Birzat:
رۇسلاننىڭ گېپى توغرا... قەشقەردە تازا قىتلانغان لالما مىجەز ئادەملەرنى قىتلالما دەيمىز.
قەشقەدە ئوقۇپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپنى ئەجەپ ئاڭلىماپتىكەنمىنا؟!
laysu:
قىتلانغان؟بۇنىمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن
تىغلىق ئەسۋاپنى چاققا تۇتۇپ بولغاندا بىسىدا نىپىز بىر ياپراقچە قالىدۇ، شۇنى بىلەي تاشتا يۇقىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلمىسا مىڭ چاققا تۇتسىمۇ دېگەندەك ئۆتكۈرلەشمەيدۇ. بۇنى قىلاتىنى ئېلىش يەنى قىلاتلاش دەيمىز.
قىتلالما دېگەندىكى قىت دېگىنى شۇنىڭدىن كەلگەنمىكىن.
ئىشقىلىپ قىتلانغان دېگەننى 格式化 بىلەن ئوخشاش دەپ چۈشىنىپ تۇرساقمۇ بولامىكىن.
|
Faithنىڭ باش سۈرىتى ئەمدى يارىشىپتۇ.ئۆزگەرتمىسە بولغۇدەك.
ئىشقىلىپ ئاشۇنداق گەپتۇ ....Faith:بۇ گەپ بويىچە بولغاندا، تېمىدىكى گەپ << كەسپىي لالما، ھەقىقىي لالما >> دېگەن گەپكەن. ئەمما لېكىن،ئىزدىنىشتا ئولتۇرۇپ ئىنكاس كۆرۈشمۇ سەللىمازا خۇش ياقىدىغان بولاپ قالدى جىما!
قىتلانماق : ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى پ . يولغا كىرمەك ، تولۇق پايدىلانغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك (تۈرلۈك ئەسۋابلار ھەققىدە) : بۇ ھەرە قىتلىنىپتۇ .
قىتمال : ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى سۈپ . گەپ-سۆز ئانچە تەسىر قىلمايدىغان ، بىرەر ئىش ئۈچۈن بەك ئالدىراپ ، ئۆڭۈپ كەتمەيدىغان ؛ قېلىن .
يۇلغۇن تورىدىن ئىزدەلگەن نەتىنجە