alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 18:43:00

نېمە ئۈچۈن Windows 7 نى قاچىلىغاندا 100MB يۇشۇرۇن بۆل

نېمە ئۈچۈن Windows 7 نى قاچىلىغاندا 100MB يۇشۇرۇن بۆلەك (隐藏分区) ھاسىل بولىدۇ؟ Windows 7 يېتەكلەش ھۆججختى (引导文件) ۋە WinRE نى بۇ بۆلەككە ساقلاپ يۇشۇرۇپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت پەقەت يېتەكلەش بۆلىكىنى قوغداشلا بولۇپلا قالماستىن يەنە، Bitlocker قوزغاتقۇچ مەخپىليەشتۈرۈش (Bitlocker 驱动器加密) ئىقتىدارىنى ئىشلىتىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دېسكا قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا Bitlocker قوزغاتقۇچ مەخپىليەشتۈرۈش (Bitlocker驱动器加密) قاتتىق دىسكىدا ھۆججەت مەخپىلەشتۈرگەندە يېتەكلەش ھۆججىتىنى مەخپىيلەشتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر يېتەكلەش ھۆججىتىنى مەخپىيلەشتۈرسە، ئېنىقكى سېستىما قوزغىلالمايدۇ، ئەگەر ئىشلەتكۈچى قوزغاتقۇچ مەخپىليەشتۈرۈش (Bitlocker驱动器加密) ئىشلەتمەكچى بولسا جەزمەن سېستىما يېتەكلەش ھۆججىتىنى باشقا بۆلەككە ساقلاش كېرەك. شۇڭا بۇ 100MB لىق بۆلەك بىھاجەت ئەمەس. ئەلۋەتتە، مەخپىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمىسەك بۇ بۆلەك ئۇنچىۋالا مۇھىم بولمايدۇ. ئۆچۈرىۋەتسەك ياكى قۇرمىساقمۇ بولىدۇ.

Windows 7 نى قاچىلاش داۋامىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋالدا 100MB لىق سېستىما قالدۇرۇش بۆلىكى(系统保留) قۇرىدۇ:

1. Windows 7 نى يېڭىدىن قاچىلاش.

2. Windows 7 دىن پايدىلىنىپ قاتتىق دېسكىنى بۆلەككە ئايرىش ۋە فورماتلاش

يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا، Windows 7 نىڭ بۆلەككە ئايرىش ۋە فورماتلاش قۇرالىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ بۆلەكنى ھاسىل قىلماسلىق ئۇسۇلى تۇنۇشتۇرىلىدۇ.

1) Windows 7 نى قاچىلاش دىسكىنى ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچقا سېلىپ، Windows 7 قاچىلاش باسقۇچىغا كىرىمىز. بۇ يەردە جەزملەشتۈرۈ  (确定) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

按【确定】

تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاپ، باش رايۇن (主分区) بۆلەكنى ئۆچۈرىمىز.

删除【分区2】

3. سېستىما قالدۇرۇش بۆلىكى تاللاپ ئاستىدىن كېڭەيتىش (扩展) نى چىكىمىز.扩展【分区2】

4. كېڭەيتىش چوڭ –كىچىكلىكى (扩展大小) غا بايىقى C دىسكىنىڭ سىغىمىنى كىرگۈزۈپ ئىشلىتىش (应用) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

扩展大小就是你刚才输入C盘的大小

5. قاراڭ، ئەمدى بولدى. مۇشۇنداق قىلساقلا بولدى. ئەمدى خاتىرجەم سېستىمىنى قاچىلاڭ.

OK了,现在看不到100M了

يۇقارقى جەريانلارنى كۆرۈپ چۈشىنىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن. ئىككىنچى بۆلەكنى ئۆچۈرىمىز. بىرىنچى بۆلەك 100MB نى كېڭەيتىمىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:24:00

بۇ بۆلەكنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، Win7 دە رايونغا ئايرىلغان دېسكىغا ئۆزىدىن باشقا سىستېما قاچىلانمايدۇ

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 19:50:55

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قاتتىق دىسكامنى简单卷قىلىپ قويدۇم،شۇنى基本磁盘گە ئايلاندۇردىغان قۇرال ياكى بىرەر ئۇسۇل بولسا دەپ بىرىڭلار.مۇشۇ win7مۇھىتتا قانداق ئوڭشايدۇ ئۇنى

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 20:44:25

Sevinch:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قاتتىق دىسكامنى简单卷قىلىپ قويدۇم،شۇنى基本磁盘گە ئايلاندۇردىغان قۇرال ياكى بىرەر ئۇسۇل بولسا دەپ بىرىڭلار.مۇشۇ win7مۇھىتتا قانداق ئوڭشايدۇ ئۇنى

بۇ يۇمشاق دېتال (DiskGenius) دېتال ئارقىلىق سول تەرەپتىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان بۆلەكنى تاللاپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز، كېرەكلىك تۈرلەر چىقىدۇ. سىناپ بېقىڭ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:48:21

نۇرمال ھالەتتە سىستىما قالدۇرۇش بۈلىكىنىڭ چوڭ كىچىكلىگى كومپىيۇتىنىڭ قاتتىق دىسكا سېغىمى بىلەن مۇناسىۋاتلىكمۇ ؟ لەپتۇنىغا قاچىلىسام 7 - 8 جى ئىگىلەيدۇ . كومپىيۇتىرېمغا قاچىلىسام 20 جىدىن ئېشىپ كىتىدۇ   ..كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىلىرىنىڭ سېغىمى 800جىدىن ئاشاتتى

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 06:43:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاۋۇ يۇمتال بىلەنمۇ سىناپ باقتىم،لىكىن بولمىدى.لەپتوپنىڭ ئەسلى دىسكسى ئىدى،ھازىر كومغا چاتساممۇ ئىشلىمەيۋاتىدۇ.

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 09:57:29

Sevinch:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاۋۇ يۇمتال بىلەنمۇ سىناپ باقتىم،لىكىن بولمىدى.لەپتوپنىڭ ئەسلى دىسكسى ئىدى،ھازىر كومغا چاتساممۇ ئىشلىمەيۋاتىدۇ.

ئاشۇ يۇمتال بىلەن قىلغىلى بولاتتى. مەن كۆرۈپ باقاي، QQ:357255352

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 10:01:33

مۇشۇ ۋن7 مۇھىتتا قاتتىق دىسكىنى رايونلارغا بولىدىغان يۇمتال تەۋسىيە قىلىڭلارچۇ

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 10:01:55

Musicfan:
نۇرمال ھالەتتە سىستىما قالدۇرۇش بۈلىكىنىڭ چوڭ كىچىكلىگى كومپىيۇتىنىڭ قاتتىق دىسكا سېغىمى بىلەن مۇناسىۋاتلىكمۇ ؟ لەپتۇنىغا قاچىلىسام 7 - 8 جى ئىگىلەيدۇ . كومپىيۇتىرېمغا قاچىلىسام 20 جىدىن ئېشىپ كىتىدۇ   ..كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىلىرىنىڭ سېغىمى 800جىدىن ئاشاتتى

نورمال ئەھۋال ئاستىدا سېستىما قالدۇرۇش بۆلىكى 100MB دىن ئاشمايتتىغۇ؟ يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇنى كېڭەيتىپ، سېسستىمىنى شۇ بۆلەككە قاچىلىغىلى بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 10:11:46

Sevinch:
مۇشۇ ۋن7 مۇھىتتا قاتتىق دىسكىنى رايونلارغا بولىدىغان يۇمتال تەۋسىيە قىلىڭلارچۇ

Win7 نىڭ ئۆزى..

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 21:33:41

سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.ئاز بولسىمۇ بىرەر ۋاق تاماق بىلەن مىھمان قىلاي دىسەم مۇمكىن بولمىغۇدەك.ئەڭ ياخشىسى نامىزىمدا دۇئا قىلىپ قوياي.

بۇگۇن كومپىيوتىرنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا رايونغا ئايرىۋالدىم تىمىدا دىيىلگەن باسقۇچتا.لىكىن تەكلىپىم ھەرگىزمۇ مائۇسنى 电脑غا ئەكىلىپ باشقۇرۇش دىگەن يەردىن رايونغا ئايرىماڭ.بۇگۇن ئىشەكتىنمۇ بەك دۆتلىك بىلەن تۇنۇگۇن قىلغان ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىدىم.لىكىن ئەلھەمدۇلىلاھ يەنە ئوڭشىۋالدىم،

بەت: [1]
: نېمە ئۈچۈن Windows 7 نى قاچىلىغاندا 100MB يۇشۇرۇن بۆلەك ھاسىل3