kizilpaqak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 15:01:56

ئادەم بەدىنىدىكى ئاجايىپ ئەمەلىيەت

                                                ئادەم بەدىنىدىكى ئاجايىپ ئەمەلىيەت

   ئادەم بەدىنى ئىنتايىن مەزمۇت

   ئادەم بەدىنى قارىماققا ئاجىزدەك كۈرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بەدىنىڭىز سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك. ئادەمنىڭ تىلى، ئاشقازىنى، بىر بۆرىكى، ئۆپكىسىنىڭ بىر قانىتى، جىگەرنىڭ %75 ى، ئۈچەينىڭ %80ى ۋە داس سۆڭىكى ھەمدە يېرىق قىسىمدىكى ھەممە ئەزالار ئېلىۋىتىلسىمۇ، ئادەم يەنىلا ياشىيالايدۇ.

   يۈرەك كېسەللىكى دۈشەنبە كۈنلۈكتە قوزغىلىشى مۇمكىن

      شوتلاندىيەدىكى 10 يىللىق تەجرىبىدىن بايقىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنلىكى يۈرەك كېسەللىكى قوزغۇلۇپ ئۈلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدىكىدىن %20 ئارتۇق ئىكەن.

   بۇۋاقلارنىڭ سۆڭىكى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن كۆپ

   بۇۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا، بەدىنىدە 300 تالدىن كۆپرەك سۆڭەك بۇلۇدۇ، ئۇلار قۇرامىغا يەتكەندىن كىيىن، بەدىنىدە پەقەت 206 تاللا سۆڭەك قالىدۇ، چۈنكى، ئاشۇ كىچىك سۈڭەكلەر ئەڭ ئاخىرىدا بىرىكىپ، كۈچلۈك سۆڭەككە ئايلىنىدۇ.

         چاچ پۇلاتتەك مۇستەھكەم

      چاچنىڭ چىرىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بۇلۇپ، ئۇنى كۆيدۈرۈشتىن باشقا، ھېچقانداق قىلىپ يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. چاچ قارىماققا ناھايىتى ئاسان زەخمىلەنگەندەك كۈرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ سوغۇق، كىلىمات ئۆزگۈرىشى، سۇ ۋە باشقا تەبىئى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا كۆپ خىل كىسلاتا ۋە چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە خېمىيەلىك ماددىلارغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچ بار.

       يىمەكلىك بولمىسىمۇ ياشىغىلى بۇلۇدۇ، ئەمما ئۇخلىمىغاندا ياشىغىلى بولمايدۇ

   پەقەت سۇلا بۇلۇپ، يىمەكلىك يوق شارائىتتا ئادەم ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە ھايات كۆچۈرەلەيدۇ تېنىدىكى ماي ۋە باشقا ئېلمېنتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بۇ خىل شرائىتتىكى ھايات كۈچۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما، نەچچە كېچە ئۇخلىمىغاندا، شۇ ئادەمنىڭ ئاساسلىق مىجەزى ۋە پىسخىكىسىدا ئۆزگۈرۈش بۇلۇدۇ.

                                    <ئاجايىپ-غارايىباتلار> ژورنىلىدىن ئابلەت مۇھەممەت تەرجىمىسى

almashan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 15:26:55

مەن ئوقۇيدىغان چاغلاردىمۇ دۇشەنبە كۇنلىرى بەك سەت ئىچىم سىقىلاتتى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 15:48:11

ئۇيقۇ بەك مۇھىم . چۈنكى :

سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ.
   سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ھالەتتە بولىدۇ، ئەمما جىگەرنىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىپ، زەھەر تازىلايدۇ.
   سائەت 3:00 تە پۈتكۈل بەدەن دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، مۇسكۇللار تولۇق بوشىشىدۇ.
   سائەت 4:00 تە قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ياشانغانلاردا مېڭە، قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
   سائەت 5:00 تە ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
   سائەت 6:00 دە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەشكە، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىشكە باشلايدۇ.
سائەت 7:00 دە ئادەمنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇنداق.....

memetjan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 19:57:25

http://www.tudou.com/programs/view/01hvUR_dbVI/

CCTV بىرىنچى قانىلى \"روھ ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ؟\" دېگەن تېمىدا خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىپتۇ. بۇنى دۆلىتىمىزدىكى بىر ئالاھىدە ئىلگىرىلەش دېسەك بولغۇدەك. مانا قاراڭلار:

http://www.tudou.com/programs/view/01hvUR_dbVI/

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 22:02:08

ماۋۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟؟؟؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 09:46:45

ماۋۇ سىندىكى يالغان ئىكەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەڭلار

بەت: [1]
: ئادەم بەدىنىدىكى ئاجايىپ ئەمەلىيەت