maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 00:03:36

ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار،ئەسەبىيلىشەيلى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.ئىنگىلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە قەلەم يورغىلىتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.ئىنگىلىز تىلى بىلىش ھازىرقى زامان زىيالىيلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆلچەم بولۇپ قالدى.تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئۆگىنىش تەجىربەمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ بولالماي ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ قېلىۋاتقانلارغا بىر مەدەت بولۇپ قالسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ئىنگىلىز تىلىنى قورقماي تۇرۇپ بىلىمەن دېيىش ئۈچۈن قانچىلىك سەۋىيە كېتىدۇ؟ئالدى بىلەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ئۆلچەم چوقۇم بەلگىلىك سۆزلۈك مىقدارى بولۇشى كېرەك.ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ گەپنىڭ پوسكاللىسى ئاخىرى يەنە شۇ سۆزلۈككە بېرىپ تاقىشىدۇ.گىرامماتىكا تىلشۇناسلارغا قالدۇرۇلدى.سىز بىر تىلدا راۋان سۆزلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سۆزلەرنى پىششىق قوللىنالىشىڭىز كېرەك.كۆككە تاقاشقان ھەيۋەت بىنالارمۇ بىر تال بىر تال خىشلاردىن پۈتىدۇ.سۆزلۈك بىلمەي تۇرۇپ ھەرقانچە شىلتىڭ ئاتقان بىلەن بىكار.بىرەر پارچە ئىنگىلىزچە ماقالە ياكى قوللانمىلار ئۇچرىغاندا خام سۆزگە پۇتلىشىپلا يۈرسىڭىز قانداقمۇ ئىنگىلىزچە بىلىمەن دېگەن گەپنى ئېغىزىڭىزدىن چىقىرالايسىز؟سۆزلۈك بىلگەندىلا باشقا ئىشلار،مەسىلەن،ئاڭلاش،سۆزلەش،يېزىش دېگەندەك،پەقەت مەشىق مەسىلىسىلا بولۇپ قالىدۇ.خوش،ئۇنداقتا جەمئىي قانچىلىك سۆز ئۆگىنىش كېرەك؟10000+،خاتا ئەمەس،بىر تۈمەندىن يۇقىرى.ئادەتتىكى ئامېرىكىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى 15000 ئەتراپىدا بولىمىش.شۇڭا،بولدىلا،بىز بىر تۈمەن دەپ ئولتۇرماي 15000+ لا دەيلى.耍酷耍到低嘛 ! (ما خەتنى كۆرۈپ ماڭا كېسەك ئاتماڭلار،شۇنداق دېگۈم كېلىپ كەتتى.ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار،تۇڭگانچە يازدىم).ھەقىقەتەن،ئادەتتىكى ئېغىز تىلىغا ئېشىپ كەتسە 5000 نى بىلسىڭىز كۇپايە.ئەمما،بۇ يەردە يا ئامېرىكىلىق بولمىسا يە يانچە ئاپتاپسىنىپ ياتقاچ گېپىنى ئاڭلايدىغان.كۆپىنچىمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشتىكى مەقسىتى ئىنگىلىزچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش،چەتكە چىقىش ۋەھاكازالار.ئەمدى بۇ سۆزلۈكنى قانداق ئۆگىنىمىز؟قايسى دائىرىدىن؟ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنكى قەدەمنى نەگە تاشلايمىز؟بۇنى بىلەي دېسىڭىز كۆزىڭىزنى ئوبدان ئۇۋىلىۋېتىپ ئاستىدىكى قۇرلارنى ئوقۇڭ!

1.سۆزلۈك دائىرىسى:

يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى 1،2؛(دېمەكچى بولغىنىم ئاساس سۆزلۈكلەر.مەن مۇشۇنى ئۆگەنگەن بولغاچ بىلگىنىمنى دېدىم.باشقا ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ باقمىغاچ ئۇلار ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشكە ئاجىزمەن.ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قايسى ماتېرىيالنى تاللاشنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ.ئىشقىلىپ،ئاساس سۆزلۈكلەر)

CET-4,6 ; (بۇمۇ شۇ مېنىڭ كەچۈرمىشىم.مېنىڭچە بۇمۇ كۆپىنچىمىزگە ماس كېلىدۇ.ئوخشاش بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقاندىكىن)

TOFEL,GRE (ئەسەبىيلىكنىڭ باشلىنىشى.بۇ دائىرە ھەرقانداق ئىنگىلىز تىلىنى پۇخادىن چىققۇچە ئۆگىنەي دەيدىغانلار ئۈچۈن تەخىرسىزدۇر.بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكمە توپلىمى تەخمىنەن 10000 ئەتراپىدا.ھەم،بۇ دائىرە ئۈستىدە مەن كۆرسىتىپ ئۆتكەن دائىرە بىلەن ھېچقانچە كۆپ كېسىشىپ كەتمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن سۆزلۈكىمىزنىڭ ساپ مىقدارىنى 15000+ غا يەتكۈزدۇق دېگەن گەپ.ئېنىق ھېسابىنى مەن ئېلىپ باقمىدىم.بەلكىم،15000-20000 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.يۈرەك دۈپۈلدەۋاتامدۇ؟!)

2.قوللىنىدىغان ماتېرىياللار:

(1)كىتابلار:دېسەم دېمىسەم ئاتاكىغا ئۆتۈشكە تەقەززا بولۇپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن.شۇڭلاشقا يولنى تۈزلا كېسىپ ئەتراپىڭىزدىكى كىتابخانىلار ياكى توردىن (مەن ئادەتتە ئامازوندىن ئالىمەن.ھەقىقىي نۇسخا ھەمدە ئەسلىي باھاسىدىن ئەرزان بېرىدۇ.تور بانكىسىنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز مال كەلگەندىن كېيىن پۇل بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ) مۇنۇ كىتابلارنى سېتىۋېلىڭ:يېڭى ئۇقۇم 1-2 -قىسىملىرىنىڭ سۆزلۈك قوللانمىسى(ئەگەر ئاساسىڭىز خېلى بار بولسا قالدۇرۇلسىمۇ بولىدۇ)؛CET-4,6 سۆزلۈك قوللانمىسى(مەن 词汇王 نى كۆرگەن.سۆزلۈكلەر ئېلىپبە تەرتىپىدە ئەمەس.مۇشۇ سەۋىيىدىكى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن سۆزلۈك ئۆگەنگەندە قالايمىقان تەرتىپ ياخشىراق.بولمىسا،1-list تىلا كۆزىڭىزگە ھەممىسى a كۆرۈنۈپ ئوڭدا چۈشىسىز.قايسى كىتابنى تاللاش ئىختىيار،مەن ئۆزۈمنىڭ تاللىغىنىنى پايدىلىنىشقا قالدۇردۇم)؛يېڭى شەرق(新东方)نىڭ Tofel 词汇10000 دېگەن كىتابى(مەن تاللىغان،بۇمۇ قالايمىقان تەرتىپتە.ئەمەليەتتە پەقەت 3700 نەچچە سۆز بار.ئالدامچىلار...)؛يۈ مىن خۇڭ نىڭ GRE词汇精选 (چوقۇم ۋە مەجبۇرىي تاللايسىز.بەلكىم كۆپىنچىڭلار داڭقىنى ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن.红宝书 دەپ نامى بار.ھازىرقى يېڭى نۇسخىسىدا سۆزلەرنىڭ ئىخچام ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈلۈشىمۇ قوشۇلدى.خەنزۇچە سەۋىيڭىز يېتىشەلمىگەندە پايدىلىنىسىز.پو ئاتماڭ،GRE سۆزلۈكلىرىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىلىرىگە  خەنزۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ خەنزۇچە لۇغەت ئاختۇرىدۇ.بۇ كىتابنىڭ يەنە قالايمىقان تەرتىپتىكى نۇسخىسىمۇ چىقتى.ئەمما،بۇ دەرىجىگە يەتكەندە مەن ئېلىپبە تەرتىپتىكىسىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى،سىز ئالدىنقى باسقۇچتىكى جەڭدە راۋۇرۇس سۆزلۈك ئاساسىغا ئىگە بولىسىز.بۇ چاغدا ئېلىپبە تەرتىپلىكنى كۆرسىڭىز ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر كۈچ كۆرسىتىپ ئاسانلا ئەستە قالدۇرالايسىز.بولسا،ئېلىپبە تەرتىپلىكنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن تەكرار ئۈچۈن قالايمىقان تەرتىپلىكنى ئىشلىتىڭ.ئۈنۈم دېگەن شۇ يەردە).تەشەببۇسۇم:ئىمكان بار ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ.ناھايىتى 10 نەچچە ياكى نەچچە 10 يۈەننىڭ ئىشى،ساپا مەسىلىسى(ئۆيىڭىزدىكى كىرىسلو ئەمەس).بۇ يەردە يىغىپ يېزىپ قوياي:يېڭى ئۇقۇم 1-2 سۆزلۈك قوللانمىسى، cet-4,6 سۆزلۈك قوللانمىسى،Tofel 词汇10000 ،GRE词汇精选

(2) كومپيۇتېر:خېلى مۇھىم.پۇلى بارلار ئېلىڭلار.بولمىسا كىتاب بولسىمۇ كۇپايە.ئەگەر ستۇدېنت مەن دېسىڭىز ما قىشلىق تەتىلدە قۇرۇلۇشتا 1 ئاي ئىشلەپ قويۇڭ،كومپيۇتېردىن بىرسى كېلىدۇ.ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پۇلى بولسا ئالدۇرۇڭ.قايسى دەۋر ماۋۇ ھازىر.

(3) يۇمتال: ئوكيانۇس لۇغىتى(ھەقسىز نۇسخىسى بار،مېنىڭچە،ھازىر تېپىشقا ئىمكانىيەت بولغان لۇغەتلەر ئىچىدە مۇشۇ ياخشى)،collins  دەپ بىر ئامېرىكىنىڭ ھەقسىز ئۆگىنىش لۇغىتى بار(تولۇق ئىسمى كومپيۇتېرىمدا بارتى ئەمما ھازىر مەن تورخانىدا،ئەمما لېكىن ئېسىل لۇغەت بۇ.لوڭمەننىڭ لۇغىتىنى شەخسەن مەن ياقتۇرمايمەن.بەك قالايمىقان)، 轻轻松松背单词2 ،ياكى bdc (سۆزلۈك يادلايدىغان يۇمتال.مەن ئىزدىگەن دېتاللارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ئەڭ يارىغىنى.يەنە بىر ئەسكەرتەي،مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ تەجىربىسى ۋە قوللانغانلىرىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن.ئۆزىڭىز يەنىمۇ ياخشى دەيدىغانلىرى بولسا ئۇمۇ مەيلى.ئەمما،مەن بۇنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن)

3.چۆيۈندەك قوڭ،پولاتتەك بەل،يالقۇنتاغدەك ئىرادە:چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.

4.ئۆگىنىش پىلانى:

بۇ يەردە كۆپ سۆزلەپ قالىمەن.ئاساسلىق تىلغا ئېلىنىدىغان نەزەرىيىلەرنى مەن ئىجاد قىلغان ئەمەس.مەنمۇ تور ۋە كىتابلاردىن كۆرۈپ بىلگەن.بۇ يەردە مۇشۇ نەزەرىيىلەر ئاساسىدا ئۆزۈم ھېس قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ چىققان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىمەن.بولسا بۇ نەزەرىيىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتسەم ئەڭ ياخشى بولاتتى.ئەمما،گەپنىڭ ئوچۇقى نەزەرىيە جىق،كىم ئوتتۇرىغا قويغان ئۇنى كىتاب ۋە تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ئىزدەپ تېپىپ بۇ يەردە ئىزاھلاش خوشياقمىدى.تېما يوللاپ باققانلار مۇشۇنچىلىك يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىلەر.مىننەت قىلغىنىم ئەمەس،ھەممىمىزنىڭ ئالدىراش ئىشى بار.ئەگەر مەن مۇشۇنداق ماقالىنى نەچچە يىل بۇرۇن ئوقۇغان بولسام ھازىرقى ئەھۋالىم ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمايتتى.سىز مۇشۇ تېمىنى يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇپ،بىر سائەت مۇلاھىزە قىلىپ باقسىڭىز ئىشىنىمەنكى كەلگۈسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنسە تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.يارقىن نۇقتا بۇ يەردىكى ئۆگىنىش نەزەرىيىسى،ئىرادە ۋە چىدامچانلىق.مۇشۇ نەرسىلەر سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىڭىزگە نەزەرىيىۋىي ۋە ئىددىيىۋى ماياك بولالايدۇ.تۆۋەندە مەن كاتتىلار ياراتقان نەزەرىيە ئاساسىدا تەپ تارتماستىن جەمئىيىتىمىزدىكى ئالىي مائارىپقا چالما ئاتماقچى.

سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانمۇ ياكى ئوقۇۋاتامسىز؟ئوقۇمىغان بولسىڭىز مەيۈسلەنمەڭ،ئوقۇغان بولسىڭىزمۇ مەيۈسلەنمەڭ.مانا مەن 2 يىل كېچىكىپ ئوقۇۋاتىمەن.ئەسلى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولاتتىم،ئەمما،ھازىرقى ئومۇميۈزلۈك بولۇۋاتقان ستۇدېنتلاردىكى چۈشكۈنلۈك،قايمۇقۇش سەۋەبىدىن ئىلىم ۋە كەلگۈسۈم قايدا دەپ چاپاننى مۈرىگە ئارتقانچە مەكتەپتىن چىقىپ 2 يىل جاھان كۆرۈپ كەلدىم.كۆرگەن ئىش،باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق-سوغۇقلار جىق.ئەمما،بۈگۈنكى تېما بۇ ھەقتە ئەمەس.بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشۈم بۇرۇنقى ماڭا ئوخشاش چۈشكۈن،بۇرۇختۇرۇملۇق ئىلكىدە ئەتراپىغا ئۈمىدسىز كۆز نۇرلىرى بىلەن قاراپ ياردەمسىز قېلىۋاتقان ستۇدېنت ئۇكىلار بولسا بالدۇرراق بېشىنى چايقىۋېتىپ كۆزىنى ئاچسىكەن دېگەن نىيەت ئۈچۈن.ئىنگىلىز تىلى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي:ئالدىنقى يىلى مەكتەپ سىزگە ئۆتكەن دەرسلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلەمسىز؟دەپ بېرەلىسىڭىز ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكىنىچۇ؟ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقىنىچۇ(يېڭى ئوقۇغۇچىلار يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن ئەسلەپ باقارسىز)؟مەن بۇ قېتىم مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان خېلى كۆپ بالىلاردىن سوراپ باقتىم.كۆپ دەپ بېرەلىگىنى 5 پەننى دېيەلىدى.كەسىپنىڭ تۇنجى يىلىنىڭكىنى بولسا 微积分 دېگەندىن باشقىسى ئېسىدە قالماپتۇ.بولمىسا بۇلارنىڭ بەزىلىرى يىلدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇيدىغانلاردىن ئىدى.مەنغۇ ئەسلا ئەسلەپ بېرەلمەيمەن.دېمەكچى بولغىنىم،ئەگەر سىز دەرسلەرنىڭ نامىنىمۇ دەپ بېرەلمىسىڭىز ئۇ ھالدا كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇندىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟5 يىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئېسىڭىزدە قالغىنى پەقەتلا ئازراق خەنزۇچە ياكى ئايرىلىپ كەتكەن مەبەتلىرىڭىز بولىدۇ خالاس.كاللىڭىز قۇپقۇرۇق،ئالىي مەكتەپتە نېمىنى ئۆگەندىم دەپ ئۆزىڭىزگە سوئال قويىسىز.ھېچنىمە ئۆگىنەلمەپسىز،توغرا،بۇندىن كېيىن كىتاب دېگەننى كۆزىڭىز كۆرمىسۇن،دۆلەت مەمۇرلىقى ياكى ساقچىلىق،ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ،بولسا خوتۇندىن بىرنى قۇچاقلاپ ھايات دېگەن شۇ دەپ مىڭ نەچچە يۈز مائاشنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتىسىز.كۈندە قىلىدىغان ئىشىڭىز خىزمەت،ئۆيگە كېلىپ تاماق يېيىش ۋە تېلىۋېزور كۆرۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتىدۇ...تېمىدىن سەل چەتنەپ كەتتىم،ئەيىبكە بۇيرىمايسىلەر.مەن كەسپىي يازغۇچى ئەمەس،كاللامغا نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋاتىمەن.جىق يېزىپ كەتتىم،كاللام سەل قالايمىقان.يەكۈنلىمەكچى بولغىنىم:ھېچبولمىغاندا مېنىڭ مەكتىپىم ۋە ئەتراپتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئەندىزىسى ئىنتايىن قالاق،ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىنغان.ئۆگىنىش دېگەن نېمە؟بىلىمنى ئەستە قالدۇرۇش دېگەن گەپ.ئەگەر سىز ئۆگەنگەن نەرسە ئېسىڭىزدە قالمىسا ھېچنېمىنى ئۆگىنەلمەيسىز.مەيلى قانداقلا كەسىپ بولمىسۇن ئوخشاش.ئادەمنىڭ بىر نەرسىنى ئەستە قالدۇرۇش جەريانى ئۇنتۇش بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار بەلكىم H.Ebbinghaus دېگەن كىشىنىڭ ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.بۇ سىزىق مانا:

بۇ كىشى ئېسىمدە قېلىشىچە 20 نەچچە يىل ھەقىقىي ئادەملەر توغرىسىدا سىناق ئېلىپ بېرىپ ئاندىن بۇ سىزىقنى سىزغان.بۇ سىزىق بويىچە بولغاندا سىز ئۆگەنگەن ھەرقانداق نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىسىز.ئۇنتۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن چوقۇم تەكرارلاپ تۇرۇش كېرەك.سىز بۇ گىرافىكنىڭ ئۈستىدىكى مەلۇم نۇقتىدا تەكرار قىلسىڭىز،بۇ سىزىق شۇ نۇقتىدا قايتىدىن سىزىلىدۇ.يەنى،پەسكە چۈشۈپ كېتىۋاتقان يېرى ئازراق ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ.ئەمما،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەنىلا ئۈنۈمى نۆلگە قاراپ سىلجىيدۇ.يەنە تەكرار قىلسىڭىز يەنە ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ،يەنە تەكرار قىلسىڭىز يەنە ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ...يەنى،ۋاقىت ئوقى بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ.بۇ دېگەنلىك ئۇنتۇپ كېتىشكە كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزىرايدۇ دېگەن گەپ.مەسىلەن،ئۈستىدىكى گىرافىكتا سىز (2،20) نۇقتىدا بىر تەكرار قىلسىڭىز،ئۇ ھالدا تەكرار قىلمىغان چاغدىكى 3y نۇقتىدىكى y تىن تەكرار قىلغان چاغدىكى 3y نۇقتىدىكى y نىڭ قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ.ئاددىيسى،سىز تەكرار قىلمىسىڭىز 3 - كۈنى 16 دانە ئېسىڭىزدا قالغان بولسا، ئەگەر 2-كۈنى بىر تەكرار قىلىۋەتسىڭىز ئۇ ھالدا 3-كۈنى ئېسىڭىزدە قالغىنى 18 بولىدۇ.سىزىقنىڭ ئۈستىگە ئۆرلىشى مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.باشتىكى گەپكە قايتساق،سىز 5 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ نېمىشقا باشقا دەرس ئېسىڭىزدە قالماي خەنزۇ تىلى ئېسىڭىزدە قالىدۇ؟چۈنكى،سىز باشقا دەرسلەرنى ئۆگەنگەن بولسىڭىزمۇ ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ تاشلىۋەتتىڭىز،تەكرارلىمىدىڭىز،ئاۋۇ سىزىق ئاللىقاچان تۆۋەنلەپ (5،0) نۇقتىدىن ئۆتۈپ بولدى.ئەمما،خەنزۇ تىلى مەيلى سىز دەرس ئاڭلامسىز ياكى qq غا چىقىپ پاراڭلىشامسىز بىلىپ-بىلمەي تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ.شۇڭا ئۇنتۇپ قالمايسىز.بىر سوئال:سىز بىردانە ئىنگىلىزچە سۆزنى ھازىر يېرىم سائەت توختىماي يېزىپ ئۆگەندىڭىز،يېرىم يىلدىن كېيىن بۇ سۆزنى ئەسلىيەلەمسىز؟مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن.ئەگەر سىز بۇ سۆزنى كۈنىگە 30 سېكونتتىن ئۆگىنىپ،جەمئىي 60 كۈن ئۆگەنسىڭىز ،يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇنتۇپ قالامسىز؟جاۋابى ياق!بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا كەتكەن ۋاقىت ئوخشاشلا يېرىم سائەت.ئەمما،نەتىجە ئوخشاش ئەمەس.بۇ سىزىقنىڭ يەنىمۇ تەپسىلاتى بويىچە،ئۇنتۇش ۋاقىت دەۋرىيلىكى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

قىسقا مۇددەتتىكى ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى: 5 مىنۇت،30 مىنۇت،12 سائەت. يۇقىرىدىكى سىزىقتىن كۆرۈۋالالايمىزكى،دەسلەپكى ئەستە قالدۇرۇشتىن كېيىنقى قىسقا ۋاقىت ئارىلىقىدا سىزىق ئەڭ تېز تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇزۇن مۇددەتتىكى ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى:2-كۈن،4-كۈن،8-كۈن،15-كۈن،31-كۈن

ئەگەر سىز بۇ دەۋرىيلىكتىكى ھەر بىر نۇقتىدا تەكرار قىلسىڭىز،ئاندىن دەۋرىيلىك ئۇزىراپ ماڭىدۇ.سىز بىر دانە سۆز ئۆگەنسىڭىز،5 مىنۇتتىن كېيىن ئۇنتۇشقا باشلايسىز.ئەگەر 5-مىنۇتتا بىر قېتىم تەكرارلىۋەتسىڭىز،ئۇ ھالدا بۇ سۆزنى ئۇنتۇشقا باشلىشىڭىز 30 مىنۇتتىن كېيىن باشلىنىدۇ.ئەگەر 30-مىنۇتتا يەنە بىر تەكرار قىلسىڭىز،ئۇ ھالدا 12 سائەتكە ئۆتىسىز.12 سائەتتىن كېيىن يەنە بىر تەكرار قىلىۋەتسىڭىز قىسقا مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتىسىز.ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى باشلىنىدۇ.2-كۈنى بىر تەكرارلايسىز،ئۇنتۇشىڭىز 4-كۈنىگە ئۇزىرايدۇ،بۇ كۈنى يەنە تەكرار قىلسىڭىز 8-كۈنىگە،يەنە تەكرار،15-كۈن،يەنە تەكرار،31-كۈن.كېيىنكى قېتىم قاچان تەكرارلاشنى ماتېرىياللار تونۇشتۇرماپتۇ.15-كۈنىدىن 31-كۈنىگە ئاتلىغانغا قارىغاندا،كېيىنكى قېتىملىك تەكرارلىشىڭىز 1 ئايدىن كېيىن بولۇشى مۇمكىن.كېين يەنە 4 ئايدىن كېيىن(قىياسەن)...بارغانسېرى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەيدۇ.مۇشۇ يوسۇندا ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقىڭىزنى بارغانسېرى تۈز سىزىققا يېقىنلاشتۇرىسىز.تۈز سىزىق بولدى دېگەن گەپ مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايسىز دېگەن گەپ.ئەمما،ماتېماتىكىدا لىمىت دېگەن بىر ئۇقۇم بار.بۇ ئەگرى سىزىق تۈز سىزىققا چەكسىز يېقىنلاشسا يېقىنلىشىدۇكى،ھەرگىز تۈز سىزىق بولالمايدۇ.ھېچبولمىغاندا،سىز بۇ ئۆمرىڭىزدە بۇ سىزىقنى تۈزلىيەلمەيسىز،ئەمما،(x,0 ) نۇقتىدىن ئۆتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلالايسىز،يەنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلالايسىز.

دېمەك،سىزنىڭ ئەستە ساقلىشىڭىز مۇشۇ سىزىقنىڭ ئۈستىدە ئۈستىدە بولىدىكەن.مەڭگۈلۈك ئەستە ساقلاش دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس.پەقەتلا،سىز مەلۇم ۋاقىت دائىرىسى ئىچىدە ئەستە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلالايسىز.ئەمدى بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا كونكېرت جەڭ پىلانى تۈزەيلى:

(1)كۈنىگە كەم دېگەندە  300 يېڭى سۆز ئۆگىنىڭ.پېشانىڭىزنى تۇتماڭ،كۈندىلىك خىزمەت مىقدارىڭىز 300-3000 ئەتراپىدا بولىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىڭ(مېنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتۇم 2000،ئەتىگەن سائەت 9دىن باشلاپ ئەتىسى ئەتىگەن سائەت1 گىچە.ئارىلىقتا تاماق يېگەن،خوشياقماي ياتقان خېلى كۆپ ۋاقىت بار).ئەمما،ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم 300.بەلكىم،سىز بۇرۇن كۈنىگە 30 دىن ئوشۇق سۆز ئۆگىنىپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.بۇنچە كۆپ مىقداردىكى سۆزنى ئۆگىنىش ئېنىقلا پو ئاتقانلىق دېدىڭىزما؟ئاۋال سىزدىن سوراپ باقاي،سىز ھازىرغىچە بولغان ھاياتىڭىزدا بىر قېتىم مۇشۇ ئىشنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟سىناپ باقماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى نەدىن بىلىسىز؟ئۇنداق دېيىشىڭىز ئىددىيىڭىزدىكى پىسخىكىلىق توسالغۇ ۋە قورقۇنچتىن بولغان.ئەگەر سىز بىر قېتىم سىناپ بېقىپ،ئاندىن مۇمكىن ئەمەسكەن دېسىڭىز ئۇنى مەن ئاڭلاي،ئەمما،قىلىپ باقماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەس دېسىڭىز مەن ئۇنىمايمەن.بۈگۈن 10 سۆز ئۆگەنسىڭىز ئەتە 7 سى ئېسىڭىزدە قالىدۇ،ئەمما،بۈگۈن 100 سۆز ئۆگەنسىڭىز ئەتە 93 نى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش يوق.پەقەتلا 30 نى ئۇنتۇپ قالىسىز.بەلكىم،سۆزلۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۈنۈم پىرسەنتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن،لېكىن،ئايدىڭلاشتۇرىدىغان نۇقتا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى پىرسەنت،مىقدار ئەمەس.بەلكىم،10 سۆز ئۆگەنگەندىكى ئۈنۈم پىرسەنتى 70% بولغان بولسا،100 سۆز ئۆگەنگەندە ئۈنۈم پىرسەنتى 65% كە تۆۋەنلىشى مۇمكىن.ئەمما،بۇ 65 دانە سۆز دېگەن گەپ.7 بىلەن 65 نىڭ قايسىسى چوڭ؟ئەگەر سىز 1000 سۆز ئۆگەنسىڭىز،ئۈنۈم پىرسەنتىڭىز 30% قا چۈپ قالغان تەقدىردىمۇ 300 سۆز دېگەن گەپ.65 بىلەن 300 نىڭ قايسىسى چوڭ؟بۇ پىرسەنتلەرنى مەن كاسامغا شۇنداقلا شاپىلاقلاپ دېدىم.ئەگەر بۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار بولغان بولسا ھەقىقىي يەكۈن بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ.ئەمما،بۇ مۇھىم ئەمەس.مەن سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاۋاتىمەن.بۇنىڭدىكى 3000 يۇقىرى چەك نورمال ئادەملەرنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئېيتىلغان،ئەڭ تېز ئۈنۈمدە ئۆگەنگەندىمۇ 1 كۈنلۈك ۋاقىت شۇنىڭغا ئارانلا يېتىدىكەن.بەلكىم،3000 غا چىقىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 4:40 تا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ،5 بىلەن بىر باشلىسىڭىز ئەتە ئەتىگەن 1-2 بىلەن تۈگىشى مۇمكىن.شۇنىڭغا چىدىسىڭىز بولىدۇ.ئەمما،قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.ئەگەر بىر كۈن ۋاقىت 48 سائەت بولغان بولسا،بىز گەپ يوق 5000 سۆز ئۆگىنەلەيمىز.كۈنىگە مانچىدىن دەپ نورما بېكىتىۋالماڭ،ئەمەلىيەتتە،ھازىر ئۆگەنگىنىڭىز بىلەن ئەتە ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوق،پەقەتلا بىر ئۇخلاپ قوپىسىز شۇ.ۋاقىتلا بولسا ئىلگىرىلەپ ئۆگىنىۋېرىڭ.بىر كۈندە قانچە سۆز ئۆگىنىش توغرىسىدا مەلۇم چەك يوق.

(2)بۇ 300-3000 غىچە سۆزنى كونكېرت قانداق ئۆگىنىمىز؟مېنىڭ بۇ ئەسەبىيلىكىم،新东方 دىكى ياڭ فامىلىلىك بىرسىنىڭ 17天搞定GRE单词  دېگەن كىتابىنى ئوقۇشتىن كېلىپ چىققان.بۇ كىتابتا،كۈنىگە 320 دىن سۆز ئۆگىنىش پىلانىنىڭ جەدىۋىلى بار.قېنىم سەل قىززىق،320 نى 2 گە كۆپەيتىپ شۇ كىتاب تونۇشتۇرغان جەدىۋەل بويىچە TOFEL سۆزلۈكلىرىنى كۈندە 600 دىن 7 كۈندە بىر قېتىم تۈگەتتىم.كېيىن 1 ئاي ئىزچىل پىلان بويىچە تەكرارلىدىم.1 ئايدىن كېيىن يېڭىچە بىر دۇنياغا نەزەر تاشلىدىم.مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدا بۇرۇنقى 2 يىللىق ئۆگىنىشىم بىلەن تەڭ مىقداردىكى سۆزلۈكنى ئىگەللەپ بولغان ئىدىم.دەسلەپكى بىر ھەپتە ھەقىقەتەن ئىنتايىن جاپالىق،كۈندۈزى ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن ۋاقىت كېتىپ تۈگىمىگەن بولسا ئەتىسى ئەتىگەن 1،2 ھەتتا 3 كە قالدىم.ئەمما،مەن چىدىدىم.كېيىنكى ۋاقىت ھەقىقەتەن ئازادە،كۈنىگە ئېشىپ كەتسە 5-6 سائەت تەكرارلايمەن.بۇ چاغدا مەن كومپيۇتېر ئىشلەتمەي كىتاب بىلەنلا بىر تەرەپ قىلغان.كېيىنچە بۇ سۆزلەرنى bdc غا كىرگۈزۈپ بىر تەكرارلاپ باقاي دەپ قىلىپ باقتىم،پەن تېخنىكا ھەقىقەتەن 1- ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەن.ئۈنۈم دېگەن ئەسلى كومپيۇتېردىكەن ۋاي.شۇنىڭ بىلەن كېيىن كومپيۇتېر بىلەنلا تەكرارلايدىغان بولدۇم.شۇ چاغدا ئۆزۈمنى سۆزلۈك جەھەتتىن مەسىلە يوق دەپ ئويلاپتىكەنمەن،توفېل ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىنگىلىزتىلى كەچۈرمىشىمدە بۇنچىلىك سۆزنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.بولۇپمۇ،توفېلنىڭ ئۇقۇش قىسمىدا يەنىلا خام سۆز ئۇچراپ تۇرىدۇ.كىنو كۆرگەندىمۇ شۇنداق.خېلى ۋاقىتتىن كېيىن،بەرىبىر بىراقلا GRE نىمۇ يىغىشتۇرىۋېتىشنى قارار قىلدىم.باشتا دېگەندەك،زادى 耍酷耍到底 .بۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغان ۋە يەكۈنلىگەنلىرى بويىچە 17 كۈن يەنىلا ئۇزۇن تۇيۇلدى.ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئازابتىن يەنىمۇ ئازراق قېتىلىپ بىردەملا ئازابلانغان ياخشىراق.شۇنىڭ بىلەن 3 كۈندىلا gre词汇精选  نى تۈگىتىۋېتىشنى پىلانلىدىم.ئەمما،بۇ ۋاقىتتا مەن مەكتەپكە كېلىپ بولغان،كۈندۈزى دەرس بار.ۋاقىت ھەقىقەتەن يار بەرمەيدىكەن،شۇ بىر شەنبە كۈنى پۈتۈن كۈن ئولتۇرۇپ 2000 نى تۈگىتىپ بېقىپتىمەن.كېيىن كۆپ بولغاندا 1200 غا چىقالىدىم،سۆرىلىپ يۈرۈپ بىر ھەپتىدە تۈگىدى.ئۈنۈم پىرسەنتى يەنىلا يۇقىرى.3 ئاي ئۆگەنگەن بىلەن 1 ھەپتە ئۆگەنگەننىڭ ھېچقانچە پەرقىنى ھېس قىلمىدىم.بەزىلەرنىڭ قارىشىچە،كۈنىگە 5 تىن سۆز ئۆگەنسە 5 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا 5*365*5=9125 سۆز،ھېسابتا 10000 سۆزنى ئىتايىن پىششىق ئۆگەنگىلى بولىدىكەن.چۈنكى،كۈنىگە ئاران 5 لا سۆز.ئەمما،ھازىرغا قەدەر ھېچكىمنىڭ بۇنداق ئۆگىنىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.ھەم،بۇ مۇمكىن ئەمەس.بۈگۈن ئاران 5 سۆز ئۆگەنگەن بولسىڭىزمۇ،ئەتە يەنىلا 1 ،2 نى ئۇنتۇپ قالىسىز.ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.ئەتە ئۇنتۇپ قالمىغان تەقدىردىمۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن چوقۇم ئۇنتۇپ قالىسىز.بىز داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان"ئەستە ساقلىشىم ياخشى ئەمەس،ئۆگەنگىنىمنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمەن" ئەمەلىيەتتە نورمال ئەھۋال.ئەگەر بۇنداق بولمىسا ئەكسىچە نورمال ئەمەس.ئاۋۇ سىزىق بويىچە،ئەگەر ئۇنتۇپ قالمىسا ئۇ ھالدا ئادەم بولماي قالىدۇ.خوش،مەن ئالدى بىلەن 17天搞定gre 单词 دىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

红宝书 نىڭ كونا نەشىرىدە،ھەر بىر بەتتە 10 ئەتراپىدا سۆز بار.ياڭ ئەپەندىنىڭ ۋاقىت تەقسىملىشى بويىچە،بىر سۆزگە تەخمىنەن 30 سېكونت ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆرۈپ ئەستە ساقلايسىز(مېنىڭ تەشەببۇسۇم ئۈنلۈك ئاۋازدا 3 قېتىم ئوقۇۋېتىڭ)،ئەستە ساقلاشنىڭ تەلىپى،پەقەت سۆزنىڭ شەكلى ۋە مەنىسىنى ئىلغا قىلالىسىڭىزلا بولىدۇ.تەپسىلىي ھەجىلىنىشى ياكى ئوقۇلۇشىنى ئەستە ساقلاش ھاجەتسىز.ئادەمنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك،سىز گەرچە بىر سۆزنىڭ يېزىلىشىنى بىلمىسىڭىزمۇ ئۇنى قاراپ پەرق ئېتەلەيسىز.خۇددى گەرچە مەن خەنزۇچىدا نۇرغۇن خەتنى ئوقۇيالىسام ۋە چۈشىنەلىسەممۇ يازالمىغانغا ئوخشاش ئىش.قەلەم بىلەن ياز دېسە ھازىر 500 خەتنىمۇ يازالماسلىقىم مۇمكىن،ئەمما،كۇنۇپكا تاختىسىدا بىلىدىغان خەتنىڭ ھەممىسىنى يازالايمەن.شۇنداق قىلىپ،بىر سۆزگە 30 سېكونت ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىز،10 سۆزگە 5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاۋۇ ئۈستىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكىنىڭ 5 مىنۇت دېگەن دوقمۇشىغا كېلىسىز.بۇ چاغدا سىز 1-سۆزنى ئۇنتۇشقا باشلايسىز.گاچچىدە يېرىم مىنۇتتىن 1 مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تېز تېز قاراپ تەكرارلىۋېتىسىز.تەكرارلىغاندا،ئىمكان بار بەتتىكى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى قولىڭىزدا ياكى كارتىدەك نەرسىدە توسۇۋېلىپ تۇرۇپ مەنىسىنى ئەسلەپ باقىسىز.ئەسلىيەلىسىڭىزمۇ ياكى ئەسلىيەلمىسىڭىزمۇ ئاندىن قولىڭىزنى قويۇۋېتىپ تولۇق قارىۋالىسىز.شۇنىڭ بىلەن 6 مىنۇت ئەتراپىدا بىر بەت تۈگەيدۇ.بۇ بەت 30 مىنۇتلۇق باسقۇچقا ئۆتىدۇ.يەنى،يەنە 30 مىنۇتتىن كېيىن بۇ بەتنى قايتىدىن بايىقىدەك تەكرارلايسىز.مۇشۇ يوسۇندا بەت ئۆرۈپ،35 مىنۇت ئەتراپىدا 6 بەت،تەخمىنەن 60 سۆزنى ئۆگىنىپ بولىسىز.بۇ چاغدا قىسقا مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكىنىڭ 30 مىنۇت دېگەن بېكىتىدە چۈشىسىز،1-بەتتىن تارتىپ 6-بەت ھەممىسىنى سۇۋارى تەكرارلايسىز.ئۇنتۇپ قالماڭ ئەستە ساقلاۋاتقان 30 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ھەر بىر بەتنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى باشتا دېگەندىكىدەك 5 مىنۇت دەۋرىيلىك بويىچە بولىدۇ.يېرىم سائەتتىن كېيىن ھەممىنى تەكرارلىۋەتكەندىن كېيىن،بۇ 60 سۆز 12 سائەت دېگەن دەۋرىيلىككە ئاتلايدۇ.كېيىنكى 6 بەتنىمۇ ئارام ئالماي يەنە يېرىم سائەتتە تۈگىتىسىز.بۇ چاغدا تەخمىنەن بىر سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت كەتكەن بولىدۇ،120 سۆز ئۆگىنىسىز.ئەگەر بەك ھېرىپ كەتكەن بولسىڭىز 5 مىنۇت ئارام ئېلىۋېلىشقا رۇخسەت.دەرھاللا كېيىنكى list قا ئۆتىسىز(ئەسكەرتىپ قوياي،ھەر بىر list تەخمىنەن 12 بەت ئەتراپىدا).شۇنداق قىلىپ ئارام ئالماي 3-4 سائەت ۋاقىت ئىچىدە 3 list تۈگەيدۇ.تەخمىنەن 360 سۆز ئۆگىنىسىز.شۇنىڭ بىلەن 17 كۈنلۈك پىلاندىكى ھەر كۈنلۈك يېڭى سۆز ئۆگىنىش ۋەزىپىسى تۈگەيدۇ.بۇ 360 سۆزنى تەخمىنەن 12 سائەتتىن كېيىن ،مەسىلەن،ئەتىگەن سائەت 6 دە باشلىغان بولسىڭىز كەچ سائەت 6 دە ،بايىقى تەكرارلاش پىرىنسىپى بويىچە يېرىم سائەتتىن 1 سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا تەكرالىۋېتىسىز.شۇنىڭ بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالقىپ ئۆتۈپ،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكىگە ئۆتىسىز.

ئۇزۇن مۇددەتلىك دەۋرىيلىكنىڭ ۋاقىت تەقسىملىنىش جەدىۋىلى بار.ئەمما،مەن ھازىر توردىن تاپالمىدىم.ئاشۇ 17 كۈنلۈك كىتابنىڭ ئىچىدە بار.توردىن pdf نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قارىۋالسىڭىز بولىدۇ،ياكى مەن باشقا كۈنى رەسىمنى تېپىپ بۇ يەرگە چاپلاپ قويارمەن.ئۇنىڭ تەقسىملىنىش پىرىنسىپى مۇنداق:ھەر كۈنى ئەڭ باشتا تەكرارلىماستىن يېڭى سۆز ئۆگىنىسىز.يەنى،ئەتىگەندە قوپۇپ يېڭى سۆز ئۆگىنىسىز.كەچتە تەكرارلايسىز.ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى ئەتىگەن ئۇيقۇدىن قوپقاندا ۋە كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.چۈنكى،ئەستە ساقلىغاندا ئالدىنقى توسالغۇ ۋە كېيىنكى توسالغۇ دەيدىغان ئۇقۇملار بولۇپ،ئەتىگەندە ئالدىنقى توسالغۇ بولمايدىكەن،كەچتە كېيىنكى توسالغۇ بولمايدىكەن.مەسىلەن،سىز بىر پارچە ماقالە ئوقۇسىڭىز 1-ئابزاس بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئابزاس ئېسىڭىزدە ئەڭ ياخشى قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ،ئەتىگەندە يېڭى 3 list ئۆگىنىسىز.كەچتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى بويىچە ئەڭ بۇرۇنقىسىنى ئەڭ باشتا تەكرارلايسىز.مەسىلەن،سىز بىرىنچى كۈنى 1-،2-،3- list لارنى يېڭى ئۆگەندىڭىز،كەچتە 12 سائەت دېگەن قائىدە بويىچە تەكرارلايسىز.ئەتىسى ئەتىگەندە 4-،5-،6- list لارنى ئۆگىنىسىز.كەچتە،تۈنۈگۈن ئۆگەنگەن 1-،2-،3- list لارنى باشتا تەكرارلايسىز،ئاندىن 12 سائەت بويىچە بۈگۈن يېڭى ئۆگەنگىنىنى تەكرارلايسىز،شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلۈك ۋەزىپە تۈگەيدۇ.ئۈچىنچى كۈنى،7-،8-،9- list لارنى يېڭى ئۆگىنىسىز،كەچتە،ئەڭ بۇرۇنقىسىنى ئەڭ باشتا تەكرارلاش پىرىنسىپى بويىچە،تۈنۈگۈن يېڭى ئۆگەنگىنىڭىزنى،يەنى،4-،5-،6- list لارنى باشتا تەكرارلايسىز،ئاندىن 12 سائەت دېگەن قائىدە بويىچە بۈگۈنكى يېڭى ئۆگەنگىنىڭىزنى تەكرارلايسىز(1-كۈنلۈكىنى تەكرارلىمايسىز،چۈنكى،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى بويىچە،سىز بۈگۈن ئۆگەنگىنىڭىزنى 2-كۈنى،4-كۈنى،8-كۈنى،15-كۈنى،31-كۈنى تەكرارلىسىڭىزلا بولىدۇ.1-كۈنىنىڭ ئەتىسى سىز 2-كۈن دېگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولدىڭىز).تۆتىنچى كۈنىگە كەلدۇق،بۇ كۈنى 10-،11-،12- list لارنى يېڭى ئۆگىنىسىز،كەچتە تەكرارلايدىغىنىڭىز بىرىنچى كۈنلۈك،ئۈچىنچى كۈنلۈك بولىدۇ(ئىككىنچى كۈنلۈكنىڭ 2-كۈنى دېگەن ۋەزىپىسىنى سىز ئۈچىنچى كۈنى ئورۇنداپ بولدىڭىز)...مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مېڭىپ،17 كۈندە پۈتۈن كىتاب بىر قېتىم تۈگەيدۇ.ئاندىن ئاشۇ جەدىۋەل بويىچە تەكرارلاپلا ماڭسىڭىز بولىدۇ.ئومۇمىي باسقۇچ 31 كۈن.بۇ جەدىۋەلنى ئىزدەپ تاپسىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىز سىزىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.جەدىۋەل 4 قۇر،7 ستونلۇق بولۇپ،ھەر بىر قۇرى بىر ھەپتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.سىزىشتا ئازراق كاللا قاتۇرۇپ،يۇقىرىدا مەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى ئاساسىدا سىزىۋېلىڭ.

ئەمدى،مېنىڭ ئەسەبىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىمغا كېلەيلى.كۈنىگە 300-دىن 3000 غىچە،ۋاقىت يار بەرسىلا يېڭى سۆز ئۆگىنىڭ،كەچتە بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ شۇ كۈنلۈكنى بىر قېتىم تەكرارلاڭ.بۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكىگە ئەمەل قىلىش قالدۇرۇلغان.پەقەت شۇ كۈنلۈكنى شۇ كۈنى تەكرارلىسىڭىزلا بولىدۇ.چۈنكى،بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىۋېتىش،ۋاقىت قانچە سوزۇلسا ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋە بولىدۇ.چۈنكى،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى كۈچ كۆرسىتىدۇ.3 كۈندە تۈگەتكىنىڭىزنىڭ ئۈنۈمى بىر ھەپتىدە تۈگەتكەندىن يۇقىرى بولىدۇ.چۈنكى،بىز ئالدىنقى كۈنلۈكلەرنىڭكىنى تەكرار قىلمايمىز،ۋاقىت قانچە سوزۇلسا ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ.ئەمما،بىز ئېشىپ كەتسە بىر ھەپتىدە gre سۆزلۈكىنى تۈگىتىپ بولىمىز،بىر نەچچە كۈنلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇنتۇش دەۋرىيلىكى ھېچقانچە كۈچ كۆرسىتىپ بولالمايدۇ.ئاندىن كېيىن بىز كۈندە تەكرارلايمىز.ياڭ ئەپەندىنىڭ جەدىۋىلىدە 10 نەچچە كۈن قۇرۇقلا ھېچنەرسە ئۆگەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ،بىز بۇ قۇرۇق كۈنلەردىمۇ تەكرارلايمىز،شۇنىڭ بىلەن،ئەكسىچە جەدىۋەلگە تولۇق ئەمەل قىلغاندىنمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.شۇنداقلا،ماھىيەتلىك پىرىنسىپقا يەنىلا ئەمەل قىلىنغان بولىدۇ،يەنى،توختىماي تەكرارلاش دەيدىغان پىرىنسىپ.بۇ قېتىم ئىشلىتىدىغان قورال كومپيۇتېر،كىتاب بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرىدۇ.ئاۋال ئوكيانۇس ۋە collins نى ئېچىۋالىسىز،ئوكيانۇستا نۇرغۇن سۆزلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ،ئەمما،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار.بۇ سىزنىڭ مېڭىڭىزگە ياخشى تەسىر قىلىدۇ.ئاندىن bdc نى ئاچىسىز،راست،ئالدى بىلەن bdc غا سۆزلۈكلەرنى كىرگۈزىۋالىسىز.词库维护 دېگەن ئىقتىدارى بىلەن ئازراق ھەپىلەشسىڭىز قانداق كىرگۈزۈشنى ئۆگىنىۋالىسىز.بۇنىمۇ قىلالمىسڭىز مەندىمۇ ئامال يوق،سۈرەتكە ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا ۋاقتىم يار بەرمەيدۇ.خوش،ھۈنەرنى باشلايمىز.ئالدى بىلەن 单词初记 دېگەن ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھەر بىر گۇرۇپپا سۆزنى 50 دىن گۇرۇپپىلىۋالىمىز،بۇ دېتالنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى شۇ.ئاندىن،打字神功 دېگەن ئىقتىدارى(خەت ئۇرۇش مەشىقى) بىلەن،مەنىسىگە سەپسالغاچ 1 قېتىمدىن 3 قېتىمغىچە ئۇرۇپ چىقىسىز.بۇ يەردە ئادەمنىڭ سول مېڭىسىنىڭ سۈرەت تەسۋىر ئىقتىدارى كۈچ كۆرسىتىدۇ.گەرچە،سىز سۆزلەرنى سىنچىلاپ ئۆگەنمىگەن بولسىڭىزمۇ(پەقەتلا مەنىسىگە سەپسالغاچ ئۇرۇپ چىقىسىز)،ئىككىنچى قەدەمدە يەنىلا بۇ سۆزلەرنى ۋە مەنىسىنى ئىلغا قىلالايسىز.بۇ باسقۇچتا،خەت بېسىش سۈرئىتى ئىنتايىن مۇھىم،خەتنى تېز باسالىسىڭىز بەختىڭىز،ئاستا باسسىڭىز تىرىشىڭ.بىۋاستە ۋاقىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.پەقەت خەت ئۇرۇش ماھىرلىرىلا بىر كۈنلۈك سۆز مىقدارىنى 1000 دىن ئاشۇرالايدۇ.بولمىسا ئالدىرىماي ياڭ ئەپەندىنىڭ جەدىۋىلىگە چۈشسىڭىزمۇ مەيلى،1 ئايدا ياكى ئىككى ئايدا تۈگەتسىڭىزمۇ ھېساب.بىر ئۆمرىدە تۈگىتەلمەيدىغانلار ساماندەك.خەت ئۇرۇپ بولدۇق،ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە 趣味大把 دەيدىغان ئىقتىدارىنى ئىشلىتىمىز.بۇنى تاللاش سوئالى دېسىمۇ بولىدۇ.ئىنگىلىزچە خەتنى بېرىدۇ،سىز 4 دانە تاللاشتىن توغرا مەنىسىنى تاللايسىز.بۇ چاغدا ئادەمنىڭ تەپەككۇر ۋە ھېسسىي تۇيغۇسى رول ئوينايدۇ.گەرچە شۇ سۆز ھېچقانداق ئېسىڭىزدە قالمىغان بولسىمۇ،تۆت دانە تاللاشنى ئوبدان تەھلىل قىلسىڭىز سۆزنىڭ مەنىسىنى قىياس قىلالايسىز.توغرا تاللىيالمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق،كېيىن يەنە سىناق ئالىدۇ.بۇنىڭ مېڭىڭىزگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈكئېزىپ كەتكىنىڭىز ياكى توغرا تاللىيالمىغىنىڭىزنى كېيىنكى قېتىم قاراپلا توغرا تاللىيالايسىز.بۇ ئويۇننى بىر قېتىم ئويناپ بولغاندىن كېيىن،زۆرۈر بولسا يەنە بىر قېتىم قايتا ئوينىۋېتىڭ.ئاندىن 3-قەدەمدە يەنە 打字神功 غا قايتىپ كېلىپ،ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قويسىڭىزلا كۇپايە.بۇ چاغدا،بۇ ئەسەبىي ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلىسىز.شۇنىڭ بىلەن ئۈچ قەدەم تاماملاندى،50 سۆزنى ئۆگىنىپ بولدىڭىز.ئادەتتە،ماڭا 50 سۆزنى بۇ يوسۇندا ئۆگىنىپ چىقىشقا 10-15 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.ئۈنۈمى 2 سائەت ئولتۇرۇپ ئۆگەنگىنىمدىن ياخشى.شۇنداق قىلىپ،بىر كۈندە ۋاقىت يار بەرگەنچە توختىماي يېڭى سۆز ئۆگىنىسىز.شۇ چاغدا مەن كەچ سائەت 12 گىچە ئۆگىنىپ توختىغان،ئاندىن بىر سائەت ئەتراپىدا بۈگۈن ئۆگەنگىنىمنى 打字神功 دا پەقەت بىرلا قېتىمدىن ئىنتايىن تېز ئۇرۇپ چىقىمەن.بەزىدە،ئاستا ئۆگەنگەندىن تېز ئۆگەنسىڭىز ئۈنۈمى ئەكسىچە ياخشى بولىدۇ.خۇددى،خوتۇنۇڭغا قانچە قارىغانسېرى خوتۇنۇڭغا ئوخشىماي قالىدۇ دېگەن گەپكە ئوخشاش.مۇشۇنداق يوسۇندا كىتابنى تولۇق بىر قېتىم تۈگىتىپ چىقىسىز، ئۈچ كۈندىن 2 ھەپتىگىچە ۋاقىت بېرىلدى.ئېسىڭىزدە بولسۇن،قانچە تېز تۈگەتسىڭىز،ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى.كېيىن كۈندە 500 دىن سۆزنى بىر قېتىم 打字神功 دا ئۇرۇپ،ئاندىن بىر قېتىم 趣味打把 دا ئويناپ،ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم 打字神功 دا ئۇرۇپ چىقىپ تەكرارلايسىز.ئۆزىڭىز ئەستە ساقلاش ئۈنۈمىڭىزدىن يېتەرلىك رازى بولغاندىن كېيىن،ئاندىن پەقەت 打字神功 دا نەچچە قېتىمدىن ئۇرۇپلا قويسىڭىز بولىدۇ.مۇشۇ پىلان بويىچە  1 يىل توختىماي تەكرارلاپ بېقىڭ قېنى،بۇ 15000+ سۆزنى بېشىدىن ئاخىرىغىچە،ئاخىرىدىن بېشىغىچە تەرتىپى بويىچە يادلاپ بېرەلىگۈدەك ھالەتكە كېلىسىز.چاخچاق ئەمەس،قارىملارمۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان قۇرئاننى بىر نەچچە يىل يادلاپ بېشىدىن ئاخىرىغىچە سۇۋارى يادلاپ بېرەلەيدۇ.سىز مەنىسىنى چۈشىنەلەيدىغان ئىنگىلىز تىلى بۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس.بەلكىم،4-5 ئايدىن كېيىن بارلىق سۆزلەرنىڭ توپتوغرا ھەجىلەپ يېزىلىشىنى يادقا ئېلىپ بولالىشىڭىز مۇمكىن.مۇشۇنداق يۇقىرى چاستوتىدا تەكرارلاش ئارقىلىق،ئىنگىلىز تىلى سىزنىڭ خەت ئۇرۇۋاتقان بارماقلىرىڭىزغىچە سىڭىپ كېتىدۇ.ماڭا ئىشىنىڭ،مەنمۇ ھازىر ئىزچىل تەكرارلاۋاتىمەن.زادى ئاشۇنداق ھېسيات بار.ئەسەبىيلىكتىكى مۇھىم نۇقتا خەت ئۇرۇش سۈرئىتى.چوقۇم،قارىماي ئۇرۇشنى ئۆلچەملىك ئۆگىنىڭ،بارماق ھالەتلىرىڭىز توغرا بولسۇن.بىر ھەرپنى بېسىۋاتقان چاغدا كەينىدىكى نەچچە ھەرپنى باسىدىغان بارماق ھالەتلىرىڭىزنى كاللىڭىزدا تەييارلاپ بولۇڭ.شۇنداق مەشىق قىلسىڭىز يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە خەت ئۇرۇش ماھىرىغا ئايلىنالايسىز...ئۇف...ئاخىرى تۈگىدى.ئوقۇپ چىققىنىڭىزغا رەھمەت.قالغان گەپلەرنى ئىنكاسلاردا دېيىشىۋالارمىز.

.......................................................................................................................................................................

تۆۋەندىكىسى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا قايتۇرۇلغان جاۋاب،تېمىنىڭ تېمىنىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن بۇ يەردە تەھرىرلەندى:

1.نوقۇل تاق سۆزلا ئۆگەنگەندە ئادەمنىڭ ئېسىدا تۇرمايدۇ.جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىلىرى بىلەن ئۆگىنىش كېرەك.

ج:بۇ سۆز،دەسلەپكى سەۋىيىدىكى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.ھەقىقەتەن،بىنانىڭ ئۇلى پۇختا بولغاندىلا،ئاندىن ئۇنى ئېگىز سالغىلى بولىدۇ،بولمىسا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.دەسلەپكى باسقۇچلاردا مېنىڭمۇ تەۋسىيەم مۇشۇنداق ئۆگىنىڭ،پەقەت جۈملىلا سۆزگە ھەقىقىي ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ.ماقالەم كاللىسىدىن ئۆتمىگەن تورداشلار بولسا،bdc نىڭ 单词初记 دېگەن ئىقتىدارىدا ھەر بىر سۆزگە ئۈچ ئەتراپىدا كىلاسسىك،ياخشى جۈملىلەر قوشۇلغان.يەنە 听力实战 دېگەن ئىقتىدارىدا جۈملىنى ئاڭلاپ يېزىش بار.مەنمۇ دەسلەپتە جۈملىگە باغلاشتۇرۇپ ئۆگەنگەن.ھەقىقەتەن پۇختا،ياخشى ئۆگىنەلەيسىز.دەسلەپكى سەۋىيىدىكى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن،تەۋسىيەم كۆپرەك تېكست يادلاڭ،كۆپ ئاڭلاڭ.يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى 2 نىڭ تېكىستلىرىنى بولسا بىر يادلىۋېتىپ،ئاندىن ئەسەبىيلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.بەرىبىر ھېچكىم سىزنى ئىنگىلىز تىلىنى بىر ئايدا ئۆگىنىپ بولىسەن دەپ مەجبۇرلىمايدۇ.ئەگەر ئاساس ياخشى بولمىسا،ھەقىقەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەرنى يادلىيالمايسىز.سۆزلۈك يادلاش ئۈنۈمى سىز بىلىدىغان سۆزلۈك مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ،يەنى،سىز قانچە كۆپ سۆز بىلسىڭىز،شۇنچە تېز سۆز ئۆگىنەلەيسىز.بولۇپمۇ،توفېل،gre سۆزلۈكلىرى ئالاھىدە 变态 ،ئەستە ئاسان تۇرمايدۇ.

ئەمما،سىز ئۆگىنىپ راۋۇرۇس ئاساس تىكلىۋالغاندىن كېيىن، بۇ دوستىمىزنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئۆزىڭىزگە ئانچە ماس كەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.چۈنكى،بۇ چاغدا سىزدە ئاللىقاچان بەلگىلىك سۆزلۈك مىقدارى ۋە تىل سېزىمى شەكىللىنىپ بولىدۇ.بۇ چاغدا تېكىست،جۈملە ئىچىدىن سۆز ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆگىنىشنىڭ بارغانسېرى ئاۋارىچىلىق ھەم ئاستا بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز،بولۇپمۇ،سۈرئەت ھەقىقەتەن ئىچىڭىزنى پۇشۇرىدۇ.خام سۆزلەر ئەسلا تۈگىمەيدىغاندەك،ئۆگىنىۋەرسىڭىز يەنە چىقىۋاتقان.شۇ چاغدا لۇغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈشتىن زېرىكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي.ئىلگىرىلەش ئىنتايىن ئاستا. تېكست ئىچىدىن خام سۆزنى ئىزدەپ تېپىپ شۇ چاغدا پېچەت چۈشىنىۋەتسىڭىزمۇ،بەرىبىر ئۇنى يەنە ئۇنتۇپ قالىسىز.ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى كۈچ كۆرسىتىدۇ،تەكرارلامسىز؟بىر تېكستنى تەكرارلاۋېرىش خوشياقامدۇ؟كېتىدىغان ۋاقىتچۇ؟سەۋىيىڭىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ سىز قوللىنىدىغان ماتېرىياللارمۇ بارغانسېرى ئازلايدۇ.يېڭى ئۇپۇق ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلىنىڭ تېكىستلىرىنى شاما قىلىۋەتسىڭىزمۇ،ئاران تېخى cet4,6 سەۋىيىسىگە ئۆتىسىز.يول يەنە ئىنتايىن ئۇزاق،كىنو كۆرسىڭىز يەنىلا خام سۆز ئۇچراپ تۇرىدۇ.ھەمدە،بۇ تېكستلەرنى شاما قىلىۋېتىش قانچىلىك ۋاقىت ئالىدۇ،ئىزچىل داۋاملاشتۇرالامسىز دېگەندەك مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ.ھازىرغا قەدەر بىرەرسىنىڭ بۇ تېكستلەرنى شاما قىلىۋەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.قىلىۋەتكىلى بولىدۇ،ئەمما،ھېچكىم زېرىكمەي تىنماي داۋاملاشتۇرۇپ بولالمايدۇ.توفېل،GRE دەرىجىسىگە سىلجىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتا بۇرۇنقىدەك قىزىقارلىق تېكىست ۋە جۈملىلەرنى ئۇچرىتالمايسىز.تېكست ئۇچراتتىڭىز دېگەندىمۇ شۇ ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئوقۇش قىسمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.ئەمما،ئويلاپ بېقىڭ،GRE ئىمتىھانىنىڭ تەلەپ قىلىدىغان سۆزلۈك مىقدارى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 15000 ئەتراپىدا ئىكەن،سىز cet4,6 سەۋىيىسىنى تۈگەتكەندىمۇ يەنىلا 5000 سۆز ئەتراپىدا سەۋىيىگە يېتىسىز.يەنە 10000 سۆز بار دېگەن گەپ! بۇ 10000سۆزنى قايسى تېكستتىن،قايسى ماقالىلەردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ تېپىپ بولىسىز؟300 خەتلىك ماقالە ئوقىسىڭىز،50 خام سۆز چىقسا،بۇ خام سۆزنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆگىنىش ۋە بۇ ماقالىنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ۋە ئىشتىياق كېتەر؟ماقالىنى تۈگىتىپ بولالماي تۇرۇپ بۇ 50 سۆزنى ئۇنتۇپ بولىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.ھەم،مۇشۇ سۈرئەت بىلەن كۈنىگە بىر تېكىست،50 خام سۆز بويىچە ماڭسىڭىز، 10000  دېگەن يەرگە قاچان بېرىپ بولىسىز؟يەنە كېلىپ كۈندە ئىزچىل داۋاملاشتۇرالامسىز؟مۇمكىن ئەمەس.بۇ چاغدا رېئال دۇنياغا قايتىپ كەلمىسىڭىز بولمايدۇ.سىز پايدىلىنىغان ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك.بولسىمۇ مۇشۇ پەدە بويىچە يەنە نەچچە يىلدا بىز دېگەن سەۋىيىگە يېتىپ بولارسىز؟زېرىكمەسسىزمۇ؟شۇ چاغدا يەنىلا سۆزلۈك قوللانمىسىنى قولىڭىزغا ئېلىشقا مەجبۇر بولىسىز.بۇ قوللانمىلا سىزگە ئەڭ ئۇدۇل يولنى بېرەلەيدۇ.ۋاقىت ۋە ئەمگەك مىقدارىنى زور دەرىجىدە تېجەيسىز.تېكستتىن ئۆگىنىدىغان ئىش بولسا،سىز 10 سۆزنى تېپىپ ئۆگىنىپ بولغۇچە زېرىكىپ،ھېرىپ بىر يەرگە بارمىغىنىڭىزنى بىر كۆرەي.ئاخشام بۇ تېمىغا يەنە ئازراق تولۇقلىمىنى قوشماي قاپتىمەن.يەنى،پىلان بويىچە ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش كېرەك؟بۇ نۇقتىدا سەل تۇرۇپ توختىلاي

2.avar :

توردا بىر ئاداشنىڭ كىچىك بىر كىتابى پۇتلىشىپ يۈرۈيدۇ. ئاشۇنىڭدا 10 پىرىنسىپنى دپ قوياپتىكەن. خېلى ماختاۋېتىپتۇ بەزىلەر.

نوقۇل گرامماتىكىغا ئېسىلىۋالما، تاق سۆز يادىلىماي شۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز بېرىكمىسىنى يادلا ، ئوقۇشتىن ئاڭلاش ئەۋزەل ، ئاڭلاشتىن سۆزلىشىش ئەۋزەل دېگەندەك گەپلەر بار.

ج:كومپيۇتېرىمدىكى تۈرلۈك ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ۋە نەزەرىيىلىرى تونۇشتۇرۇلغان pdf كىتابلار  2.7 G  كېلىدۇ.ھەممىسىنى ئوقۇپ باقمىدىم،ئازراق بىر قىسمىنى ئوقۇپ باققان.ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى،پىكىر يولى بار.بىر تەرەپلىمە،ھېسياتچان ماقالىلەرمۇ خېلى كۆپ.دېمىسىمۇ،ھە دېسىلا ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدىغان ماقالىلەر ئادەمنى تولىمۇ جەلب قىلىدۇ.ئەمما،نۇرغۇن ماقالىلەر ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يېزىلغان.مەسىلەن،"پەقەتلا ئاڭلاڭ.كىتابلارنى چۆرۈۋېتىڭ،گرامماتىكا ئۆگەنمەڭ،سۆزلۈك ئۆگەنمەڭ.نائۈشتىكنى قۇلاققا تىقىۋېلىپ نەگە بېرىش،نېمە ئىش قىلىشتىن قەتئىيەنەزەر چۈشەنسىڭىزمۇ،چۈشەنمىسىڭىزمۇ ئاڭلاۋېرىڭ.ئاڭلاڭ ئاڭلاڭ يەنە ئاڭلاڭ...".كەينىدە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈش ۋە باھانىلەر بار.ھەقىقەتەن،ئاڭلاش تىل سېزىمىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.لېكىن،ئىنگىلىز تىلىنى پەقەت ئاڭلاپلا ئۆگىنىش مۇمكىنمۇ؟بوۋاق بالىنى مىسال قىلىدۇ،ئەمما،بىز بوۋاق بالا ئەمەس.يەنە كېلىپ بوۋاق بالىمۇ پەقەت ئاڭلاپلا ئۆگەنمەيدۇ.ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئەمەلىي شەيئىلەر،ھەرىكەتلەر،ھادىسىلەر زىچ بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ.چۈشەنمىگەن نەرسىنى قانداقمۇ ئاڭلاپ ئۆگەنگىلى بولسۇن؟بوپتۇ سىز قىلچىمۇ ساۋادىڭىز بولمىغان بىر تىلنى،مەسىلەن ياپونچە ياكى ئىسپانچە دەپ تۇرايلى.1 يىل ھېچنېمە قىلماي كۈندە 12 سائەتتىن mp3 دە تولۇق بىر يىل ئاڭلاپ چىقىڭ.بىر يىلدىن كېيىن بىر تال سۆزنى ئۆگىنەلەرسىزمۇ(ئەلۋەتتە،كىنو كۆرسىڭىز بۇنىڭ تەبىرى بۆلەك)؟ئەمەلىيەتتە سىز كۈندە ئاڭلاشقا 12 سائەت ئەمەس،12 مىنۇتمۇ تەخىر قىلالمايسىز.ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ھەرقاندىقىمىز بىلىمىز،چۈشەنمىگەن نەرسىنى بىردەم ئاڭلاپلا ئىنتايىن زېرىكىش،ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇلىرى پەيدا بولۇپ كاللا ھەتتا چۈشىنەلەيدىغان گەپلەرنىمۇ يەكلەشكە باشلايدۇ.ئەمەلىيەتتە،سىز ئاۋال سۆزلۈك ئاساسىڭىزنى پۇختىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئاڭلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.شۇ چاغدىلا مېخانىك ئۆگەنگەن تاق سۆزلىرىڭىزگە ھاياتى كۈچ كىرىشكە باشلايدۇ.ئويلاپ بېقىڭ،ئاڭلاۋاتقان نەرسىڭىزدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى سىز بۇرۇن ئۆگىنىپ بولغان،گەرچە دەسلەپ ئاڭلىغاندا  ئەسلىيەلمىسىڭىز ياكى پەرقلەندۈرەلمىسىڭىزمۇ،ئاڭلاۋەرسىڭىز مېڭىڭىزنىڭ بىر يەرلىرىدە كۆمۈلۈپ ياتقان سۆزلەر توساتتىنلا ئورنىدىن سەكرەپ تۇرىدۇ.ھە راست ماۋۇ ھېلىقى سۆزتى دەيسىزدە،شۇ پەيتتە مېڭىڭىزگە مىختەك ئورنايدۇ...

ئىشقىلىپ،مۇشۇ تۈردىكى ماقالىلەر كۆپىنچە دەسلەپكى سەۋىيىگە قارىتىلغان.بەزىلىرى بولسا ھەتتا بىكارلا ئادەمنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىدۇ.مەن تېخى ھېچكىمنىڭ Eltis,Tofel,GRE ئىمتىھانلىرىنى پەقەتلا ئاڭلاپ،سۆزلەپ ياكى سۆزلۈك بىرىكمىسى ئۆگىنىپلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.چوقۇم ھەممە تۈرنى ئورۇنداش كېرەك.سۆزلۈك،ئاڭلاش،سۆزلەش،يېزىش ھەممىنى!بۇنىڭدا بىرىنچى بولۇپ سۆزلۈك ئاساس،مۇشۇ ئاساستا ئاندىن باشقىسىغا تۇتۇش قىلىسىز.سۆزلۈك تۈگىسە،قالغانلىرى ئاساسەن مەشق ئورنىدا بولىدۇ.ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىش بولۇشى كېرەك.Tofel,GRE دىكى ئاۋۇ 10000 سۆزلۈكنى كىنو كۆرۈپ،ناخشا ئاڭلاپ يۈرۈپ ئۆگەنگىلى بولمايدۇ.كىنودىكى دىئالوگلار ئاۋۇ GRE دىكى  ئۇزۇن مۇرەككەپ جۈملىلەردەك قىيىن ئەمەس.ئەگەر،سىز ھەقىقەتەن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىققۇدەكلا ئۆگىنەتتىم دېسىڭىز ئۇ ھالدا بۇ تېمىدىن پايدىلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئېغىز تىلىنى چىقىرىش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس،تېكست يادلاش،كىنو كۆرۈش،پاراڭلىشىش دېگەندەك مەشقلەر بىلەن چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

نەخ گەپنىلا قىلاي:مۇشۇ پىلان بويىچە سۆزلۈكنى ئۆزىڭىز دەڭسەپ 1-3 قېتىمغىچە تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن،كىنو كۆرۈش ۋە mp3 ئاڭلاشنى باشلاڭ.بۇ ئەمدى شۇنچە جاپا تارتقاندىن كېيىنكى ئارام ئېلىش،ھوزۇر ئېلىش دېسىمۇ بولىدۇ.ئامال بار ئاستىدا خېتى چىقمايدىغان ساپ ئىنگىلىزچە كىنولارنى كۆرۈڭ،بولمىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.مەن بىلىدىغان تور بەت www.verycd.com  بۇ يەردىن خېتى يوق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى كىنولارنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.دەسلەپتە يەنىلا بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيسىز،ئۆگەنگەن سۆزلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ھېسياتتا بولىسىز.ئەمما،بۇ نورمال ئەھۋال.سىز مۇشۇ پىلان بويىچە،تەخمىنەن يېرىم يىل ئىچىدە مەلۇم بىر سۆزنى ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ مەنىسىنى ئەسلىيەلمەي قالسىڭىزمۇ،پەقەت مۇشۇ سۆزنى ئۆگىنىپ ئۆتكىنىڭىزنى ئەسلىيەلىسىڭىزلا بۇ سۆزنى ئۆگەنگەن ھېساب.شۇ پەيتتە بىر لۇغەت ئاختۇرىۋەتسىڭىز ئەڭ ياخشى.ئادەمنىڭ مېڭىسى ئالامەت سىرلىق،ئۇ سۆزنىڭ مەنىسى چوقۇم مېڭىڭىزنىڭ بىر يەرلىرىدە بار،پەقەت تۈرلۈك توسالغۇلار تۈپەيلىدىن چىقالماي قالغان گەپ.بىرلا چىقىۋالسا ئۇ ھالدا سىز بۇ سۆزنى ئىگەللىگەن بولىسىز.شۇڭا،بىز كۆپ ئۆلچەملىك مەشق ئارقىلىق بۇ سۆزلەرنى مېڭىمىزدىن توختىماي قېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.بولمىسا ئۇ بارغانسېرى چۆكۈپ كېتىپ ئاخىرى ئۇنتۇلىدۇ.بىر مەزگىل كىنو كۆرۈپ،mp3 ئاڭلىغاندىن كېيىن سىزدە خېلى تىل سېزىمى پەيدا بولىدۇ،ھەم،ئۆگەنگەن نۇرغۇن سۆزلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيسىز.كېيىن ماتېرىياللارنى كۆپ ئوقۇڭ،تېكست يادلاڭ،مەشق ئىشلەڭ،ماقالە يېزىڭ،خالىغىنىڭىزنى قىلىڭ.ئىنگىلىز تىلىنى بويسۇندۇرۇپ بولدىڭىز.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:24:44

خەتكۈچ

سېسىق تورخانىدىن ئۆيگە چاپاي ئەمدى

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 10:42:49


مىنىڭمۇ بەكلا چەتكە چىقىپ ئوقۇغۇم باتتى  بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگەنسەملا ئۈمىد باكەن دەپ خۇش بوسام ئەمدى كەسپىي پەن نەتىجىسىگە قارايدىغان ئوخشايدۇ  كەسپىم قۇرلۇش تېخنىكىسى 土木工程   مىنىڭمۇ نەتىجەم ئاتمىش نەچچە يەتمىش نەچچە مەن ئۇ مۇناىسىۋەتلىك ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتسەممۇ   ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجەم  تاقىشىپ قالىدىغان ئوخشىمامدۇ؟



ئىنگىلىزچىنى قاتتىق ئۆگىنىڭ. TOEFL, GRE دا يۇقۇرى ئېلىڭ. ناۋادا ھازىرمۇ ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز دەرسلىرىڭىزنىمۇ ياخشى ئوقۇڭ. پۈتتۈرۈپ بولغان بولسىڭىز، 70-80 گە لايىق مەكتەپنى ئىزدەڭ. يەنىلا ئوبدانلا ئۈمىت بار

رەھمەت سىزگە ،مەن باشتا كەسىپكە چىققان مەۋسۈمدە تىرشساممۇ نەتىجەم ياخشى چىقمىدى دەپ كېيىنكى مەۋسۈملەردە   ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكەىلائۆگۈنۈپ كەپتىكەنمەن  ئويلىسام ئۇ چاغدا خەنزۇچە سەۋىيەم ئاجىز كەپقاپتىكەن،ئاشۇبىر مەۋسۈمدە ئۆگەنگەن نەرسىلەر ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە،  ھازىر بۇلارنى كۆرۈپ ئەينى چاغدا بەرىبىر بۇخەقكە يېتەلمەيدىكەن نەتىجەم دەپ ئويلاپ بوش قويۇۋەتكىنىمگە  تېخىمۇ پۇشايمەن قىلىۋاتىمەن  دەرىجىنى دەپ  ئۆزۈمنىڭ پۇتىغا پالتا چېپىپتىمەن ئاخىرى   ،

مەن يازدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن پۈتتۈرۈپ  يەنە بىر يىل قاتتىق تەييارلىق قىلمىسام  بولمايدۇ ھەقىچان،،  مەستۇرە ھەدەم ۋە سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ مەندە راستلا قايتىدىن، باشقىچە ئۈمىد پەيدا بولدى،كۆپ رەھمەت سىلەرگە.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 11:04:21

espresso:

Anyways, I kinda believe I will bump into one of you two there sometime soon

And I mean it!



That is great. I hope it is not a short visit so that we could have a chance to get together, even have a picnic at a park near the Google headquarter with other dozen izdinix members. After the picnic, I will buy you a cup of best espresso at the Google coffee shop to make your dream come true.
How do you think?
i

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 00:13:26

ياپىر !!!

10يىل ئىلگىرى ئۆگنۈپتىكەنمىز ،ھازىر 000000سۆزلۈك بىلىمەن ،خەنزۇچىدىمۇ 20%گە چۈشۈپتىمەن ...بۇ زادى نىمە ئىشتۇ ؟

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 00:20:53

قانۇن ئورۇنلىرىدا  ئاپتونومىيە بويىچە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدىغانلىقى ئۈچۈن.

gulaqil يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 03:23:34

<div style=\"float: left;\">                                                                                                mania   بۇ تېمنى يوللاپ بەكمۇ ساۋابلىق ئىشنى قىلىپسىز ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم، باشقىلار تاتلىق ئۇخلاۋاتقان تاڭ سەھەردە  ئىنگلىزچە كىتابنى قۇچاقلاپ نىلۇپەر كۆلى ئالدىغا بىرىپ  1 سائەت دەرس يادلايتىم.  ئوقۇغۇچىلق ھايات دىگەن ئاجايىپ گۈزەل !
ئەگەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار بولسا بۇ تېما سىلەرنى پۇلغا سېتىۋىلىپ ئوقۇشۇڭلارغا ئەرزىگۈدەك دەرىجىدە ياخشى يېزىلىپتۇ.  مېنىڭ ئۆگۈنۈش تەجىرىبەممۇ ئاساسەن يوقارىقىغا ئوخشاش .  
                                        </div>

erturk36 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 06:56:01

مەن ئەڭ ئاسان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن، بۇ دېگەنلىرىڭىزمۇ بولىدىكەن. ئەمما نوقۇل تاق سۆزنى ئۆگەنگەندە ئادەمنىڭ ئېسىدە تۇرمايدۇ، شۇڭا ئۇنى چوقۇم سۆز بىرىكمىسى، ئىدىيوم، جۈملە بىلەن ئۆگىنىش كېرەك. مەيلى قانداق بولسۇن، تەكرارلاپ تۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈركەن.

President يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 07:55:01

باشقا ھىچنىمە كاللامغا چۈشمىدى،ئەمما ماۋۇ <<.چۆيۈندەك قوڭ،پولاتتەك بەل،يالقۇنتاغدەك ئىرادە:چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.>>سەللىمازا بېشىمنى ئاغرىتتى! ھەي...

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:08:00

6000غا ئاران بارامىكىن،ئۆلتۈردىغۇ ما ئاداش.....يەنە 8000نى قانداق قىلىدىغان گەپ.....

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:13:19

رادىيو ئاڭلىساڭلارمۇ بولىدۇ، مۇزىكىغا،خەۋەر ھەر خىل نەرسە ئارلىشىپ كەلگەن...قۇلاق پىشسۇن باشتا،ئاندىن باشقىغا ئكتسەڭلار بولىدۇ...

ardam001 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:24:02

تىرىشچانلىقىڭىزغا بەكلا قايىل بولدۇم ، GRE红宝书 دىكى سۆزلۈكلەرنى 17 كۈنلۈك ئۇسۇل بويىچە بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلارغا قول قۇيىمەن ، چۈنكى بۇنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق ۋە سەۋر تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ باققانلار بىلىدۇ .

مەن GRE سۆزلۈكلىرىنى يادلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر لۇغەتنى تەۋسىيە قىلاي ، Merriam Webster لۇغىتى .
قاچىلىماي تۇرۇپ ئىشلىتىدىغان يېشىل نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى http://goo.gl/YRPO

Derwaza يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:31:12

ئەسپىرەسسۇ : ياخشى پىكىرلەر بولسا تاشلاڭە، بولۇپمۇ يېزىقچىلىقنى ئۆستۈرۈشتە...

ardam001 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:37:52

VOA نى كۈنىگە تەخمىنەن بىر سائەتتىن ئاڭلاپ ، ئۈچ تۆت ئاي توختىماي داۋاملاشتۇرۇشمۇ بولىدىغان ئۇسۇل

yultuzluk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:38:11

بىر چاغلاردا ئىڭلىزچە تاق سۆزلەرنى سەۋدالەرچە يادلاپتىكەنمەن. قىزىق يىرى بۇ تاق سۆزلەرنى ئۇگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كىيىن قايتا بىرەر كىتاپتىن كۆرۈپ باقمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تىزلا ئۇنتۇپ كەتتىم. يەنە كىيىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۇ يەر بۇ يەردە ئۇچرىتىشقا باشلىدىم، ئەمما ئەسلىيەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇلارنى ئۇگۈنۈشكە باشلىدىم. ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرىنى ئۇنتۇدۇم. يەنە ئۇگەندىم. ئاخىرى تىل ئۇگۈنۈشنىڭ مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ قوغلىشىشىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدىم.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:40:47

مانداق تېمىلارنى دەپ كىرىمىز ئىزدىنىشقا.

رەھمەت،سىناپ باقىمەن ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:44:32

مەنمۇ قارىسام جىق ئادەم VOA دىن ئاڭلاپ ئۆگىنىدىكەن. لېكىن تۇرمۇشتا VOA دەپ سۆزلەيدىغان ئادەمنى تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئۇچراتتىم دېسەم تۈنۈگۈن SEARS نىڭ رادىئوسىدا سۆزلەيدىغان ئادەمنى كۆردۈم، VOA دەپ سۆزلەيدىكەن....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:58:36

مەن ئىلىپبە تەرتىپى بويىچە تۈزۈلگەن كىتابلارنى ئۆگەنسەم سۆزلۈكلەر پەقەت ئېسىمدە قالمىدى ، ھەممە سۆز ئوخشاشتەك بىلىنىپ ، شۇنىڭ بىلەن دەرسلىك كاتابلارنى تېپىپ شۇنىڭ سۆزلۈكلىرىنى ئۆگىنىۋاتىمەن  .  ئوخشاش بىر سۆز ئوخشاش بولمىغان كىتابتا تەكرارلانغاندا شۇ سۆزنىڭ ئەستە قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:59:36

Derwaza:
ئەسپىرەسسۇ : ياخشى پىكىرلەر بولسا تاشلاڭە، بولۇپمۇ يېزىقچىلىقنى ئۆستۈرۈشتە...

مەن شۇ مالىملارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى يازىمەن دەپ...ماقالە يازغاندىمۇ ئۇنىڭ قېلىپلىرى بارچۇ،شۇ قېلىپقا سالسىڭىز ۋە يېزىۋەسىڭىز ئاستا ئاستا ئۇيغۇرچىدەك سىڭىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇنى كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالىسىز...كىتاپنى جىق ئوقۇش كېرەك يېزىقچىلىقنى ئاشۇرىمەن دەيدىكەن، 100 يىل غېرىپلىقتەك ئېغىر رومانلاردىن باشلىماي \" لەۋلىك جاڭگىلى\"دەمدۇ ياكى بولمىسا دەن بۇراۋۇننىڭكىدەك كىتاپلاردىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەجبۇرى بىر كىتاپنى تۈگىتىڭ قانچە تەس كەلسۇن لۇغەتكە قارىماي ئاساسەن، جۈملىنىڭ ئالدى كەينىنى باغلاپ بىلمىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى guess قىلىشقا كۈچەڭ، شۇنداق قىلىۋەسىڭىز قائىدىسىنى تېپىۋالىسىز ۋە جىق سۆزلەرنى تەبىئى ئۇسۇل بىلەن كاللىڭىزغا قاچىلىۋالايسىز...ئاسان ئۇنتۇلمايدۇ...good luck جۇمۇ...تىل ئۈگىنىشتە يېقىن يول يوق،پەقەت ئادەتكە ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 09:06:02

ئېسپىرەسسونىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن، سۆزلۈك يادلاش بىلەن ئەشەددىي خوشۇم يوق. يادلاشنى ياقتۇرسا ئۇ ئايرىم ئىش. ئامال بار ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشلىرىغا باغلاڭ، ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش قىلغاندەك ئەمەس، ياقتۇرىدىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلغاندەك قىلىڭ، ناخشا ئاڭلاپ، رادىئۇ ئاڭلاپ، كىنو كۆرۈپ دىگەندەك
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار،ئەسەبىيلىشەيلى!