qumbulaq يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:44:40

ماشىنا ھەققىدە ياردەم

ئۆتكەندە ئىزدىنىشتا ماشىنا توغرىسىدا قىزىق مۇنازىرە بولۇپ توختاپ قالدى.مەن ماشىنا ھەققىدە بىلىدىغانلاردىن مۇنۇلارنى سوراپ بىلىۋالماقچى:

1.نىمكەش ماشىنا سېتىۋېلىپ ماشىنىنىڭ نوپۇسىنى باشقا رايونغا  يۆتكىگەندە ،ئەگەر ماشىنىنىڭ سۇغۇرتا ۋاقتى يەنە بار بولسا،يۆتكىگەندىن كېيىنمۇ قەرەلى توشقىچە ئىناۋەتلىك بولامدۇ؟

2.يېقىننىڭ بېرى ماشىنا-كېمە بېجى ئۆستۈرۈلىدىكەن دېگەن گەپلەر ئاۋۇپ قالدى ،ئۆستۈرۈلسە قانداق ئۆستۈرۈلىدۇ؟

3.نوپۇسنى يۆتكەش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش لازىم بولىدۇ؟ ئۈرۈمچىدە.

xamxad يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:04:27

1. ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

2. ھەربىر رايوننىڭ ئالىدىغان ماشىنا بېجى ئوخشىمايدىكەن، ئاڭلىشىمچە سانجىدا %1.5 ، خوتەندە %7 مىش.

3. نوپۇس يۆتكىگەندە باج تۆلىسىڭىزلا ۋاقىتلىق يول يۇرۇش قەغىزى بىلەن يۆتمىكەكچى بولغان رايونغا سۇنۇپ بېرىدۇ.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:47:27

qumbulaq:

ئۆتكەندە ئىزدىنىشتا ماشىنا توغرىسىدا قىزىق مۇنازىرە بولۇپ توختاپ قالدى.مەن ماشىنا ھەققىدە بىلىدىغانلاردىن مۇنۇلارنى سوراپ بىلىۋالماقچى:

1.نىمكەش ماشىنا سېتىۋېلىپ ماشىنىنىڭ نوپۇسىنى باشقا رايونغا  يۆتكىگەندە ،ئەگەر ماشىنىنىڭ سۇغۇرتا ۋاقتى يەنە بار بولسا،يۆتكىگەندىن كېيىنمۇ قەرەلى توشقىچە ئىناۋەتلىك بولامدۇ؟

2.يېقىننىڭ بېرى ماشىنا-كېمە بېجى ئۆستۈرۈلىدىكەن دېگەن گەپلەر ئاۋۇپ قالدى ،ئۆستۈرۈلسە قانداق ئۆستۈرۈلىدۇ؟

3.نوپۇسنى يۆتكەش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش لازىم بولىدۇ؟ ئۈرۈمچىدە.

1-ماشىنا سۇغۇرتىسى توشۇپ كەتمىگەن بولسا داۋاملىق كۈچۈكە ئىگە بولىدۇ .

2-ماشىنا بېجى يېڭى ماشىنىلارغا قارىتىلغان ،نىمكەش ماشىنا بولسا ئەينى ۋاقىتتا باج تاپشۇرغانلىق ئارخبىنى ئېلىپ ،ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايۇندىكى دۆلەتلىك باج ئىدارىسىغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭىزلا بولىدۇ .قايتا باج تۆلىمەيسىز.(تەڭرىتاغ رايۇنلىق دۆلەتلىك باج ئىدارىسى خەلق كىنو خانىسى يېنىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قۇرلۇش بانكىسى ئۇدۇل تەرپىدە )

3-نوپۇسنى يۆتكەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەسلى نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇندىن نوپوسنى سىز تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يۆتكەپ بېرىدۇ ،ئەگەر ماشىنا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بولسا ماشىنا سۆدىگەرلىرى سۆكۈپ ئەكىلىدۇ ، كۆپىنچە ماشىنا سۆدىگەرلىرى ئىچكىردىن يۆتكەپ ئەكەلگەن ماشنىلارنى سانجى نوپۇسىغا ئولتۇرغۇزۇپ بازارغا سالىدۇ ،ىالىسىڭىز سانقى نوپۇسىدا تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ ،لىكىن< سىرىنىڭ ماشىنىلىرى يۈرۈش كىنىشكىسى> ئالىسىز  بىر كۈنلىكى ئىككى سوم (چوقۇم كۈلۈك ئېلىش شەرىت ئەمەس، ئايدا بىرەنى ئېلىپ قويسىڭز بولىدۇ ،ئەمما چۇپەيرەك ساقچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسىڭز 200 خەلق پۇلى تۆلەيسىز ، گەپكە ئۇستىراق بولسىڭىز تۆلىمەيمۇ قۇتۇلىسىز)  ئەگەر ئۈرۈمچى ئىچىگە يۆتكەيمەن دىسىڭىز  <تاشقى ئايلانما يولى ھەققى تاپشۇرىسىز ئادەتتە ئىككى يىللىقنى بىر تاپشۇرىسىز ئىككى مىڭ نەچچە يۈزيەن ئەتراپىدا ئىككى يىللىقى ، مىسالغا: سانجىدىن يۆتكىمەكچى بولسىڭىز ماشىنا ئەسلى ئىگىسى بىلەن سانىغا بىرىپ قاتناش ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز رەسمىيەت بىدىكلىرى سىزنى ئورىۋالىدۇ ، شۇ لارغا تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ئادەتتە ، بارلىق رەسمىيەتنى يۆتكەپ قولىڭىزغا تۇتقۇزۇش ئۈچۈن 600يۈەن ئەتراپىدا پۇل ئالىدۇ (ھەممە رەسمىيەت ھەققى شۇنىڭ ئىچىدە )تەلىيڭىز بولسا بىركۈندە پۈتىدۇ ، بولىسا ئەتىسى يەنە سانجىغا قاتنايدىغان ئىش چىقىدۇ )

ئۈرۈمچىدە نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەتلىك باج ئىدارىسغا بىرىپ باج رەسمىيتىنى ئولتۇرغۇزىسىز ،  ۋاقىتلىق نۇمۇر تاختىسى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخسىنى ئېلىۋىلىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بولمىسا باج خانا ئەتراپىدىن كۆپەيتىش ئورنى تاپالماي قىينىلىپ قالىسىز ،ئاندىن كازىۋەنىدىكى قاتناش ساقچى ئىدارىسىغا بارىسىز ئۇ يەردىمۇ رەسمىيەت بىدىكلىرى سىزنى كۈتىۋالىدۇ ، قىزىل لاتا تاقاپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بىدىكلەرمۇ پارتىزانچە قىلىۋاتقان بىدىكلەرمۇ بار ، ھەممىسىنىڭ باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئەرزىنىنى تاللىسىڭزى بولىدۇ ، مىنىڭچە قىزل لاتا تاقىغانلىرى بىلەن كىلىشىڭ ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق ئۇ يەردىكىلەر بىلەن ، باھانى سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ تىپى ۋە يىل تارىخغا قارپ بىكىتىدۇ ، بىر قانچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باقسىڭىزلا ئىنىق باھانى ئۆزىڭىز ھىس قىلالايسىز ، تاشقى ئايلانما ھەققىنى ئۆزىڭىز تۆلەيدىغان قالغىنىنى شۇ بىجىردىغان قىلىپ دىيشىسڭىز بولىدۇ .

ئىمكان بار ھەر ئىككىلىسىنى سەھەردىن باشلاڭ ،بولۇپمۇ ئاۋاك باج ئىدارىسىغا بىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ بولمىسا جىق يول مىڭىپ كىتىسىز !

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:59:10

ۋۇييۇ ئىلا دىگەنى ئۆتتۇرۋىتىپتىمەنغۇ ، ئېسىت ئەدەبىياتتا ئوقۇغۇنۇم

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 00:15:15

tvman:
ۋۇييۇ ئىلا دىگەنى ئۆتتۇرۋىتىپتىمەنغۇ ، ئېسىت ئەدەبىياتتا ئوقۇغۇنۇم

ئىملانى ئۆتتۈرىمەن دەپ ئىلا ئىسىملىك بىرسىنى خاتا ئۆتتۈرەپ سالدىڭىزمۇ نىمە

qumbulaq يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 07:46:11

تۈمەن ،شەمشاد رەھمەت سىلەرگە.ئاكا -ئۇكا دەپ يۈرمىدىم.بەلكىم تەڭتۇشتۇرمىز.مەنمۇ خۇدا بۇيرىسا يەنە ئىككى يىلدا 40نىڭ گەدىنىگە دەسسەيمەن.

turbo يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 12:44:04

سۇغۇرتا كۈچكە ئىگە بولىدۇ ، لېكىن كېيىن تۆلەم ئېلىىش ئىشلىرىدا بىر ئاز ئاۋارىچىلىققا يولۇقىىسى، ئەڭ ياخشىسى سۇغۇرتىنىمۇ ئۆزنامىڭىز غا يۆتكىۋىلىڭ .

ماشىنا كېمە بېجى توغۇرلۇق توردا نۇرغۇن بەس -مۇنازىرىلەر بولىۋاتىدۇ ، ماشىنا -كېمە بىېجىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پىلاننى ئاشكارلىدى ،بۇنۇڭغا پىكىرلەر بەك كۆپ يەنە ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن
تۈنۈگۈن باشقا تورلارغا قارىسام ھەرخىل پىكىرلەر بار ئىكەن ، بەزىلەر باجنى ماشىنا باھاسىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك دەپتۇ ، بەزىلەر ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقتارىغا مۇناسىۋەتلىك بولىشى كېرەك دەپتۇ ، يەنە بەزىلەر
ماي باھاسىغا قوشۇۋىتىش كېرەك دەپتۇ ، يەنە بەزىلەر بۇنى ماشىنا ياسىغان شىركەت تۆلەش كېرەك دەپتۇ ،  بۇ پىلاننىڭ قىزىق نۇقتىسى ھۆكۈمەت ماشىنلىرى ساقچى ماشىنلىرىدىن بۇ باجنى كەچۈرۈم قىلىش بولۇپ
قارىشى پىكىرلەر بەك كۆپ ،

بەت: [1]
: ماشىنا ھەققىدە ياردەم