مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاتىلار سۆزى
مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاتىلار سۆزى
مەھمۇد كاشىغەرى بوۋىمىزدىن مىراس بولغان تىلچىلىقىمىزدىكى بۈيۈك شاھانە ئەسەر <<تۈركى تىللار دىۋانى>>دا ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىڭ يىللارچە بۇرۇنقى ئەل سۆزلىرى خاتىرلەنگەن. بۇ بىزنىڭ ئەجداتلار ھايات ۋە تۇرمۇش تەرزىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بىباھا ئۇچۇر بولالايدۇ.
قېنى قاراب باقايلى:
1.<تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە ئۇزۇز بولۇر> (<تۈلكە ئۆز ئۇۋۇسىغا قاراب ھۇۋلىسا قوتۇر بولۇر> مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ ئىزاھلىشىچە، بۇ ئۆز ئۇرۇغى،ئۆز ئېلى ۋە ئۆز ۋەتىنىگە يۈزسىزلىك قىلغۇچىلار ئىلگىرى ماڭمايدۇ دىگەن مەنادا ئېيتىلىدۇ.
2.<ئېرىك ئېرپى ياغلىغ،ئەرمەگۈ باشى قانلىغ>(<تىرىشقاقنىڭ لېۋى ياغلىق، ئېرىنچەكنىڭ باشى قانلىق>) مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ ئىزاھلىشىچە، بۇ ماقال يالقاۋلىقنى تاشلاپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3.<سۇ ئىچۈرمەسكە سۈت بەر> ئۇ ساڭا يامانلىق قىلغانغا ھەم ياخشلىق قىل دىگەن مەناغا ئىشارە قىلىنغان.
4.<ئۆكۈز ئازاقى بولغىنچا بۇزاغۇ باشى بولسا يىگ>(<ئۆكۈزنىڭ پۇتى بولغۇچە، موزاينىڭ بېشى بولغان ياخشى>) بۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولۇش ۋە مۇستەققىل ئىش كۆرۈش باشقىلارغا ئەگەشكەندىن ھەم بويسۇنغاندىن ياخشى دىگەن مەنادا قوللىنىلىدۇ.
5. <تاۋغاچ خانىنىڭ تورقۇسى تېلىم، تەڭلامازىب بىچماس>(<تاۋغاچ خاننىڭ يىپەك گەزمالى كۆپ، لېكىن ئۆلچىمەي كېسىلمەيدۇ. >)
6.<ئۇما كەلسە، قۇت كېلەر>(<مېھمان كەلسە قۇت كېلەر>)
7.<قىز كىشى ساۋى يارىغلى بولماس>(<بېخىل ئادەم ئابروي تاپمايدۇ>)
8.<ئەردەم باشى تىل>(<ئەدەپنىڭ بېشى تىل>)
9.<تىلىن تۇغمىشىن تىشىن يازماس>(<تىلدىن تۇغۇلغاننى چىش بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ>)
ئوبدان يوللاپسىز، لېكىن قەدىمكى ئۇيغۇرچىسى خاتا يېزىلىپ قالغاچقا بىر ئوقۇسىلا چۈشەنگىلى بولىدىغان بوۋىلار سۆزى يات سۆزلەرگە ئوخشاپ قاپتۇ، غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن! 1-سىنى مەن ئەدەبىيات كىتابتا <ئۆز ئىنىغا ئۈركەن بۆرە قوتۇر بولۇر>دەپ كۆرگەندەك قىلغان .ئا.ئۆتكۈرنىڭ <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>دىگەن داستانىنىڭ بېشىدا بار ئىدى. ئۆز ئىنىغا ئۈركەن بۆرە قوتۇر بولۇر دېگەننى مەن ھىچ تاپالمىغان تۈركى تىللار دىۋانىدىن .http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21643
خاتىرەمدە باركەن. قانچىنچى بەتتىن ئېلىنغانلىقىنى يازماپتىكەنمەن ئەپسۇس.
قارلۇق ئەپەندى، باش شەكلىڭىزنى تارتۇۋالغۇم كەپ كەتتى، ياخشىكەن. afiyfiy:
قارلۇق ئەپەندى، باش شەكلىڭىزنى تارتۇۋالغۇم كەپ كەتتى، ياخشىكەن.
باش شەكلىگە قاراپ بەرقىدىكى سىمسىم ئۇكام ئىسىمگە كىلىپ قالدى.