Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 14:57:03

ئانا تىلىمىزنى قانچىلىك چۈشۈنىسىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر؛

كونىلار ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن، قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيدىكەن، ئالتۇننىغۇ زەرگەرنىڭ سوقۇپ بېرىشىنى كۈتسەك بولغان بىلەنبەزىدە قاسساپنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنى سويغۇزۇپ بولغىچە ھارام بولۇپ قالسا، گۇناھنى كىمدە قويىمىز، شۇڭا قاسساپ سويسۇن دېمەي، سويالايدىغانلار ئىمكانىيىتى بويىچە سويغاچ تۇرسۇن دېسەكمۇبولامدۇ نېمە؟

سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقى، ئىھتىماللىق، ئورۇنلاشتۇرش، گۇرۇپىلاش، ھاسىلە دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئەكسىچە ھەرقېتىم دوسكىغا ترىگونومېتىرىك فونكىتسىيەلەرنىڭ گراپىگىدېگەندەك ماۋزۇلارنى يازغىنىمدا شۇنچە ئۇزۇن ماۋزۇنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ يوقلىقىدىن ئازاپلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا سىرتتىن كىرگەن سۆز %50دىن كەم ئەمەس، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقانپۈتۈن ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ يوق دېگەندەك مىش- مىش گەپلەرگە ئىشىنىشكە مەجبۇر ئىدىم. ئالدىنقى كۈنى بىلىك مۇنبىرىدە

ئەسلى يوللىغۇچى: makan30688 ، ۋاقتى: 2010-10-29 12:33
ئۇيغۇر تېلىدىكى سىرىتتىن كەلگەن سۆزلەر سىتاتىسكىسى
بىزدە دائىم :ئۇيغۇر تېلىدا سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلىكلەر زادى قانچىلىك؟ دىگەندەك تالاش- تارتىشلار بوپ تۇرىدۇ.
بۇرۇن تۈزۈكرەك ‹ئۇيغۇر تىلى ئىزاھات لوغىتى›يوق ئىدى، بۇنداق ئەھۋالدا بەزى مۇتەخەسىسلەر مەسۇلىيەتسىزلا ھالدا(بەلكىم ماتىريال كام بولۇش تۈپەيلىدىن) ئۆزىنىڭ ‹تەتقىقات نەتىجىسى› نى ئېلان قىلىپ :ئۇيغۇر تېلىدا سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر 40% دىن يۇقۇرى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلان قىلدى، ئەڭ يېڭى سىتاتىسكا نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:
سىتاتىسكا ماتىريالى 97 - يىلىدىكى‹ئۇيغۇر تىلى ئىزاھات لوغىتى› (جەمى 6 توم) . جەمى سۆزلۈك:34554 (بۇ يەرلىك شېۋىستىكى يەككە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆز : 7344 بولۇپ21 % نى ئىگەللەيدۇ (بۇ ھەرگىز 40% دىن يۇقۇرىنى ئىگەللىمەيدۇ)
بۇنىڭ ئىچىدە:
ئەرەبچە سۆز-ئىبارىلەر: 2460 بولۇپ 7.1% نى ئىگەللەيدۇ؛
ئەرەبچە+پارىسچە سۆز -ئىبارىلەر : 292 بولۇپ 0.8% نى ئىگەللەيدۇ؛
پارىسچە سۆز-ئىبارىلەر : 1573 بولۇپ 4.55% نى ئىگەللەيدۇ؛
پارىسچە_ئەرەبچە سۆز-ئىبارىلەر : 86 بولۇپ 0.24% نى ئىگەللەيدۇ؛
خەنزۇچە سۆز-ئىبارىلەر : 355 بولۇپ 1.02% ئىگەللەيدۇ؛
روسچە سۆز-ئىبارىلەر : 2323 بولۇپ 6.72% نى ئىگەللەيدۇ؛
گىرېكچە(گىرېتسىيە) سۆز -ئىبارىلەر : 56 بولۇپ 0.16% نى ئىگەللەيدۇ؛
لاتىنچە سۆز-ئىبارىلەر : 90 بولۇپ 0.26% نى ئىگەللەيدۇ؛
ئېنگىلىسچە سۆز-ئىبارىلەر : 72 بولۇپ 0.2% نى ئىگەللەيدۇ؛
باشقا تىل تۈرلىرىدىكى سۆز-ئىبارىلەر : 37 بولۇپ 0.1% نى ئىگەللەيدۇ؛
سىرىتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆز-ئىبارىلەر ئاساسلىق : دىن ، مائارىپ ، مەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ توغۇرلۇق دوسلىرىم بىلەن تالاش تارتىش قىلىپ، بىر دوستۇمنىڭ توردىكى خەنزۇچە خاتىرىسىدىن كۆرگەنلىگىم ئىسىمگە كىلىپ،شۇنى ئىزدەپ تاپتىم،شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ چەكلىك سەۋىيەم بىلەنلا ئەينى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.بۇ پەقەت دوسلارنىڭ بىلىپ قىلىشى ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلىپ يوللاىندى.


بىلىككە يوللىغۇچى ئىشلەتكەن مەنبە: http://club.xilu.com/jsr/msgview-177424-51428.html?PHPSESSID=c5f1766a744fe1e879596b3ac97886c0

بىلىك مۇنبىرىدىكى مەنبەسى: http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=22910&page=1#pid171158

نى كۆرگەندىن كېيىن خېلى يەڭگىللەپ قالدىم. ئەمدىكى گەپ بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ قانچىلىك توغرا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىمكانىيەت ئىچىدە يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۆزىمىزدىكى قەدىمقى ياكى ھازىرقى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىپ ياساپ، ياساشقا ئىمكان بولمىغاندا باشقا خوشنا تۈركى تىللاردىن قوبۇل قىلىپ لۇغۇتىمىزنى بېيىتساق، پەقەتلا ئىمكانىيەت بولماي(ئەمەلىيەتتە ئىزدەنسەك مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنىڭ يۈزبېرىشىگە ئىشەنمەيمەن)تىلىمىز بىلەن يىراق بولغان تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ تىل ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلساق، كەلگۈسىدە بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشى مۇمكىن.

مەن بۇ ماۋزۇدا يازماقچى نەرسە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مەزمۇن ئىدى، ماۋزۇمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تارىخىدكى ئۈچ خاتالىق ئىدى، يۇقۇرىدىكى مەزمۇننى قوشۇپ، بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش مەقسىدىدە ئۇيغۇر تىلىنى چۈشۈنەمسىز دەپ ماۋزۇ قويدۇم.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تارىخىدكى ئۈچ خاتالىق

1- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشتۇرىلىشى:

بۇ ھەقتە مېنىڭ جىق گەپ قىلغىم يوق، پەقەت

ئەسلى يوللىغۇچى: دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

7. تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تىل – ئەدەبىيات پاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى “ئا، ئە” تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەھۋالىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىدا يوقلىقىنى ئېيتىپ، ھازىرقىدەك بۇ خىل ئاجىزلىشىش ئەھۋالىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا قېرىنداش تۈرك تىللىرى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چوڭىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدىمكى ساپلىقى ۋە ئىملا قانۇنىيىتىنى ئۆز ئەينى بۇيىنچە ساقلاپ قېلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرىشى ھەققىدە ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ ئۆتتى.

مەنبە: http://uyghuracademy.com/?p=8713
نى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمەن.

2- خاتالىق ئۇيغۇرتىلىدىكى يېڭىدىن تۈزۈلگەن بوغۇم قايىدىلىرى:

بۇ قايىدىگە ئەستايىدىل قارىسىڭىز، بۇ قايىدە ئارقىلىق ئۇيغۇرتىلىدا ھىچقانداق بىر بوغۇم قايىسىدىنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىسىز. بۇ سۆزۈم ئانچە چۈشۈنۈشلۈك بولمىغان بولسا، http://www.bilik.biz/bbs/thread-22749-1-1.html دىكى يازمامنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.

3- خاتالىقنى كەچتە يازاي. ۋاقتىم يېتىشمەي قالدى.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 15:05:25

2- خاتالىق ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان ئەسىرلىك ھۆرمەتسىزلىكتۇر دەپ قارايمەن.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 15:26:43

كەسپى ئەدەبىياتچىلار ،ئوبدان بىر پاراڭ سوقۇپ بەرسەڭلەر بوپتىكەن .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 15:28:39

مېنىڭ ئېغىزىمدىن مۇنداق چىقىدىكەن:
خۇۋا(ياكى خۇھا) لوگېن، جۇڭخۇۋا(ياكى جۇڭخۇھا)، يۈۋەن (ياكى يۈھەن)، گۇۋاڭجۇ(ياكى گۇھاڭجۇ).

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 16:54:40

1-خاتالىقئارقىلىق تىلىمىز قېرىنداش مىللەتلەر تىلىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كەتتى . نىمىشقىمۇ ئاجىزلاشتۇرغان بولغىيدى .ئاجىزلاشتۇرمىسىمۇ تەلەپپۇز قىلالايمىز بولمىسا . يېزىقنى تەلەپپۇزغا ماسلاشتۇرۇش

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:03:35

بۇ تېمادا قېنى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇرماي يازىپ بىر سىناق قىلىپ باقايلى.ماڭا ئەگەشىڭلار ئەمىسە.ئاۋۋال بۇ يەردە تەستىقتىن ئۆتسۇن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:54:33

3- خاتالىق تىلىمىزدىكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئۈچۈن قوللۇنۇلمايدىغان ئەمما كىرمە سۆزلەردە قوللۇنىدىغان \"ف\" ھەرىپىنىڭ كىرگۈزىلىشى ۋە سۆز بېشىدا كەلگەن سوزۇق تاۋۇشلارغا زورلاپ قوشۇپ قويۇلغان ھەمزە.

ئەسلىدە ئەرەپلەردىن يېزىق قوبۇل قىلغاندا ھازىر بىز قوللانمايۋاتقان ئەمما چاغاتاي دەۋرىدە قوللانغان بىرمۇنچە ھەرپ ئىتقى، ئىزغى، ساد، زاد، ئەييىن، ... لەرنى قالدۇرىۋەتكەن چاغدا\"ف\"نىمۇ ساقلاپ قالماي قالدۇرىۋەتكەن بولسا توغرا بولاركەن، شۇنىڭغا قوشۇپ ناھايىتى ئازلا سۆزلىرىمىزدەقوللىنىدىغان \"ژ\"نىمۇ قالدۇرىۋەتكەن بولسا، كومپيۇتېردا خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتىمىز ھازىرقىدىن خىلى بەك تىز بولۇپ قالاركەن، ئۇچاغدا بىزنىڭ ھەرىپلىرىمىزدىكى ئارتۇقچە ئىككى ھەرپ كىمىيەتتى.

\"ف\" نى قالدۇرىۋەتكەندە بۇ ھەرپنى چىقىرىش ئۈچۈن باسىدىغان ئىككى كونۇپكا ئازلاپلا قالماي، يەنە بىرمۇنچە ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنىپ قالاتتۇق، قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەر تېلېفۇن بىلەن تېلېپۇننىڭ، پارىژ بىلەن فارىژنىڭ، پىلىم بىلەن فىلىمنىڭقايسىسى توغرا دېسىڭىز تىرناق تاتىلايدۇ(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە). كورىيەلىكلەردە<< ف،F>> ھەرىپىنىڭيوقلىقىنى. شۇڭا ئېنگلىز تىلىدىكى fightingسۆزىنى يېزىقچە 파이팅] پائى تىڭ [ دەپ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، بەلكىم ئۇلارنى كورىيەلىكلەر ئكزلىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ئۈچۈن ئېنگىلىزلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى توغرا دېمەپسەن دەپ تەنقىتمۇ قىلمىغاندۇ.

\"ژ\" تاۋۇشىنى قالدۇرىۋەتكەن بولسىمۇ تۈرۈكلەر \"ق\"نى قالدۇرىۋېتىپ \"ك\"نى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئىلگىركى \"ژىل\" دېگەن سۆزلەرنى ھازىرقى \"يىل\" دەپ ئالغىنىمىزدەك، \"ژ\" كەلگەن بىرقانچە سۆزلەرنى \"ج\" ياكى \"ي\" بىلەن ئىپادىلەپ كەتكىلىمۇ بولاركەندۇق.

سۆز بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن قوللانغان ھەمزە كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن خىلى ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا كېرەك، قازاق يېزىقىدىكى بۇ ھەمزىنىڭ بولماسلىقىدىن بىزگە قارىغاندا مەتبۇئات سۈرئىتى بىرقەدەر تىزراقمىكىن دەيمەن.

يۇقرىدىكىلەر ئىزچىل كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ كىلىۋاتقان ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەرگە \"دەردىمنى تۆككىم\" كەلدى، بەلكىم بۇ دەرت يالغۇز مېنىڭلا بولماسلىقى مۇمكىن، ماتېماتىكىلىق تىلشۇناسلىق، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە باشقا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوستلارنىڭمۇ كۆڭلۈنى يېرىم قىلىۋاتقان مەسىلىلەر بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ يازمىنى تارىخنى كەينىگە سۈرمەكچى دېگەندەك قالپاقنى كەيگۈزۈشكە بولمايدۇ. پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، باشقا تىللارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ھەمدە پۇرسىتى كىلىپ قالسا قانچىلىك تۈزىگىلى بولسا شۇنچىلىك تۈزەشنى تەشەببۇس قىلماقچىمەن.

مەن تىلشۇناس ئەمەس، ئەمما ئۆز - ئۆزىمىزگە بولغان مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى بولغان ئانا تىلىمىزغا چۇڭقۇر ئىشتىياقىم ۋە ئامراقلىقىم سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاينىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە ئاز تولا جۆيلۈپ قالىمەن،توغرا جۆيلۈدۈممۇ، خاتا جۆيلىدىممۇ، كەم قويدۇممۇ، ئارتۇقچىمۇ بۇنىسى سىزلەرگە ئامانەت.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:57:59

كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلۋاتىسىز.ف، ژ ھەرپلىرىنى قالدۇرىۋەتسەكمۇ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان ئىپادىلەشكە ھېچبىر تۇسالغۇلۇق قىلمايتتى. ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ لەرنىڭ بېشىدىكى ئ (ئەمزە)نى ئېلىۋەتسەكمۇ يېزىقىمىز كاملاپ قالمايتتى. ئەينى چاغدا ئىملا بېكەتكەنلەر قانداق بېكەتتىكىن تاڭ، مانا ئەمدى ئوڭشاشمۇ تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

ئادەم= ادەم

ئەر- ەر

ئوغۇل - وغۇل.....

baghwen يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 18:23:26

ھەممىسىئىلمى مەسىلىلەر ئىكەن . بۇنىڭدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىلىرى تارىخى جاۋاپكارغا ئايلىنىپ قالىدۇ .

گەرچە بۇ زىيالىلار ئۈچۈن مائاشتەك يېقىشلىق بولمىسىمۇ .

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 19:06:15

bikarchi:

كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلۋاتىسىز.ف، ژ ھەرپلىرىنى قالدۇرىۋەتسەكمۇ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان ئىپادىلەشكە ھېچبىر تۇسالغۇلۇق قىلمايتتى. ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ لەرنىڭ بېشىدىكى ئ (ئەمزە)نى ئېلىۋەتسەكمۇ يېزىقىمىز كاملاپ قالمايتتى. ئەينى چاغدا ئىملا بېكەتكەنلەر قانداق بېكەتتىكىن تاڭ، مانا ئەمدى ئوڭشاشمۇ تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

ئادەم= ادەم

ئەر- ەر

ئوغۇل - وغۇل.....



خاتالاشمىسام، ما قازاقلىرىمىز ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئىشلىتىدىغۇ دەيمەن~

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 19:18:12

ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ فونىتىكا، گرامماتىكا قۇرۇلمىلىرىنى باشقا بىر مىللەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆز، جۈملىرلەر ئۈچۈن ئۆزگەرتسە ھەقىقەتەن ھاماقەتلىك بولىدىكەن. ئاددى مىسال شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ زۇۋانىنى قىيناپ، ئەرەپلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان «دەرس، خەلق» سۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئاۋامدىلا ئەمەس، خىلى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملىرىمىزمۇ دەرىس، خەلىق دەپ قوللۇنۇپ، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا كىلىپ، ئارىسىغا سوزۇق تاۋۇشنىڭ بولماسلىقىدەك كەلگۈندى قايىدىنى نەچچە يۈز يىللاردىن بىرى ئىتراپ قىلىپ بولالمىغانلىقى ئاشۇ قايىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئانچە توغرا بولمىغانلىقنىڭبىر دەلىلى.
ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ رىنتىگىن ۋە رەسىم پىليۇنكىسىنى سېلىپ بېرىدىغان خالتىغا « ... ناھىيىلىك خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ ...» دېگەن خېتىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ دەرۋازىسىنى پېتىغدىغان بۇ كەلگۈندى قايىدىگە نالەت ئوقۇشنى ياكى شۇنچە چوڭ بىر ناھىيىگە بىۋاستە قارشلىق ئورگاننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە ئېچىنىشنى بىلەلمەي قالدىم.

ئويلاپ باقسام تىللاردا ئەڭ تۇراقلىق بولىدىغان گرامماتىكىمىزنىمۇخىلى پېتىغداپ باققانكەنمىز، چاغىتايچىدىن خەۋىرى بارلارغا ئايانكى، مەن ئەرەپچە ئۆگىنىمەن دېگەن جۈملىنى ئۆگىنىمەن مەن ئەرەپچە، زەيت ئەمرىنى ئۇردى دېگەن جۈملىنى ئۇردى زەيت ئەمرىنى دېگەندەك قوللۇنۇپتىكەن، بۇنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ساقلىنىغلىق، ئىشەنمىسىڭىز ئۆيىڭىزدىكى ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان بىرسىدىن بومدات نامازنىڭ پەرزىدىكى نىيەتنى دەپ باق دېسىڭىز \"نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن دەپ، .... ئىقتىدا قىلدىم ھازىرقى ئىمامغا\" دېگەندەك سۆزى ئۇيغۇرچە گرامماتىكىسى ئەرەپچە جۈملىلەرنى ئاڭلايسىز.

تىلقۇرمامىز(گرامماتىكامىز)نى بۇنداق ئۆزگەرتىپ بېقىش يالغۇز چاغاتاي دەۋرىدىلا بولۇپ قالماستىن، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىمۇ بولغان ئىكەن، ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا رەۋەيدىللا مۇئەللىممىكىن ياكى نەسرۇللا مۇئەللىممىكىن ۋە ياكى ئابدۇكىرىم راخمان مۇئەللىممىكىن (80- يىللارنىڭ دەسلەپكى چاغلىرى)تىلشۇناسلىقتىن بەرگەن بىر قېتىملىق لىكسىيىسىدە \"ماۋزىدۇڭ مۇنداق دەپ تەلىم بېرىدۇ.....\" دېگەن جۈملە خەنزۇ تىلىدىكى ماۋزىدۇڭ شو(毛泽东说) دېگەن جۈملىدىن كەلگەن خاتا قوبۇل قىلىنغان جۈملە، ئۇنى ماۋزىدۇڭ ..... دەپ تەلىم بېرىدۇ دېيىش كېرەك دېگەن ئىدى.

دېمەك، ھەرقانداق بىر تىلدا تۇراقلىق بولىدىغان پونىتىكا قايىدىلىرى بىلەن گرامماتىكا بىزنىڭ تىلىمىزدا قايسى تىلنىڭ تەسىرى كۆپرەك سىڭسە شۇ تىلسىمان ئۇسۇل ئوينىغان، شۇ تىل ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىپ بەرگەن ئىكەن.

تۆۋەندىكى ئىنكاسىمنى كۆرمىگەنلەرئېنىق كۆرسۇن دەپ،قايتا تەھرىرلەپ چوڭايتىپ قويدۇم.

تىلشۇناسلىق بىلەن نان يەۋاتقانلارغا دەيدىغىنىمبۇنىڭدىن كېيىنتىلىمىزنى باشقا تىللارنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ قالايمىقانئۇسۇل ئويناتماڭ، ئۇ ھازىرقىلارنىڭلا ئەمەس، ئىلگىركىلەرنىڭمۇ، كېيىنكىلەرنىڭمۇ تىلى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 19:21:05

bikarchi:

كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلۋاتىسىز.ف، ژ ھەرپلىرىنى قالدۇرىۋەتسەكمۇ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان ئىپادىلەشكە ھېچبىر تۇسالغۇلۇق قىلمايتتى. ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ لەرنىڭ بېشىدىكى ئ (ئەمزە)نى ئېلىۋەتسەكمۇ يېزىقىمىز كاملاپ قالمايتتى. ئەينى چاغدا ئىملا بېكەتكەنلەر قانداق بېكەتتىكىن تاڭ، مانا ئەمدى ئوڭشاشمۇ تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

ئادەم= ادەم

ئەر- ەر

ئوغۇل - وغۇل.....

بەزىلەرنىڭ كۆزىگە ادەم، ەر، وغۇل لار سىغمايۋاتقان بولىشى مۇمكىن، كۆزىمىزگە سىغماسلىقى ئۇنىڭ \"سىغمايدىغانلىقى\"دائەمەس، پەقەت ئادەتلەنمىگەنلىكىمىزدە.

maniac يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 20:10:05

ما گەپ بولمىدى.كۆپرەك تاۋۇش قوشۇلسا قوشۇلسۇنكى،ھەرگىز كاملاپ قالمىسۇن.بولمىسا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئىنگىلىز تىلى،رۇس تىلى ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالىدۇ.ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەن داۋاملىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە تاۋۇشلىرىنىڭ كۆپلىكىدە.شۇنداق بولغاچقىلا بىزدە تىل ئۆگىنىشتە باشقا مىللەتلەردىن ناھايىتى ئۈستۈن تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىق بار.شۇنداق ئەۋزەل ئارتۇقچىلىقنى نېمىشقا بىكاردىن بىكار تاشلىۋەتكۈدەكمىز؟مېنىڭچە،ئۇيغۇر تىلىدا يوق،ئەمما باشقا تىللاردا بار بولغان ئىسىملارنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.زىيادە مىللەتچىلىك مىللەتنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارسا بارىدۇكى،ھەرگىز ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 20:15:13

بۇ قېتىم دۆلەتلىك كۇتۇبخانىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كۇتۇبخانا خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇپ بېرىشىچە، كۇتۇبخانىدا جۇڭگودىكى يېزىقى بار بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرى ساقلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىنىلا مەخسۇس تىلشۇناس ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا ئۆرۈپ بەرمىسە، ئوقۇرمەن بىۋاسىتە ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىكەن. باشقا مىللەتلەر ، ھەتتا ھازىر ھېچقانداق نەشىر بويۇمى يوق بولغان يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى پۈتۈلگەن ئەسەرلىرىنى بىمالال ئوقۇپ پايدىلىنالايدىكەن. بۇ بىزنىڭ يېزىق ئەھۋالىمىزدىكى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋالكەن.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:05:23

Yuksel:
بۇ قېتىم دۆلەتلىك كۇتۇبخانىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كۇتۇبخانا خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇپ بېرىشىچە، كۇتۇبخانىدا جۇڭگودىكى يېزىقى بار بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرى ساقلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىنىلا مەخسۇس تىلشۇناس ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا ئۆرۈپ بەرمىسە، ئوقۇرمەن بىۋاسىتە ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىكەن. باشقا مىللەتلەر ، ھەتتا ھازىر ھېچقانداق نەشىر بويۇمى يوق بولغان يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى پۈتۈلگەن ئەسەرلىرىنى بىمالال ئوقۇپ پايدىلىنالايدىكەن. بۇ بىزنىڭ يېزىق ئەھۋالىمىزدىكى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋالكەن.

ئۇستاز بىدار قۇتلان ئوبدان بىر تېمىنى تاشلاپتۇ. بۇ پەقەت ئەينى دەۋردە تىلنى ئىشچى دىھقانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەن چاقىرىق بويىچە بولۇپ كەتكەن ئىش. بۇنىغۇ زاماننىڭ زورى دەيلى، ئاپەتلىك ئاشۇ يىللاردا دەيلى، ئاپەت تۈگىگەن 80- يىللاردىن كېيىن ئىملانى تولا ئۆزگەرتىشمۇ زاماننىڭ زورىمۇ؟ قازاقلاردەك كاللا ئىشلىتىپ، چاغاتاي ئۇيغۇرچە بىلەن ئىزچىللقنى ساقلىماي، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بېشىدىكى ئوشۇقچە ھەمزەنى بىكاردىن قوشۇپ قويۇشنى نېمە دەيمىز؟ تېخى خۇپسەنلىك قىلىپ كومپىيۇتىر تونىمايدۇ دەپ يېزىق ئۆزگەرتىشنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى نېمە دەيمىز؟ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد زىيالىلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان يىرىڭلىرى ئاز ئەمەس، توھپىلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە.

يۈكسەل بۇرادەر

بۇ گېپىڭلار سەل كېتىپ قاپتۇ. دۇنيادا ھەر قانداق مىللەتنىڭ تىلى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرەيدۇ. باشقىنى قويۇپ مۇشۇ خەنچىگە قارايلى، قەدىمكى خەنچىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان خەنلەرمۇ ئوبدان بىلمەيدۇ. شۇڭا خەن زىيالىرى چۇقان سېلىپ تۇرىدۇ بۇ ھەقتە. مەن ئالى مەكتەپ تىل ئەدەبىياتى دېگەن دەرسنى ئۆتۈپ باققان خەن تىللىق ئازسانلىقلارغا ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن. جوڭگۇدا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە يېزىقى بار مىللەت پەقەت بىر ئۇيغۇر. شۇ سىز دەۋاتقان دۆلەتلىك كۇتۇپخانىمۇ شۇنچە ئۇيغۇرچە قول يازمىنى بېسىپ ياتقان بىلەن بىر ئۇيغۇرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغان يوق.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:11:59

خەتچۈك

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:14:51

يۇقارقىسى مېنىڭ گېپىم ئەمەس، كۇتۇبخانا خادىمىنىڭ سۆزى . مېنىڭچىمۇ بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ تىكىشى زادى توختىماي قويدى ...

ئېنىق بىلىدىغىنىم، دۆلەتلىك كۇتۇبخانىدا 2 ئۇيغۇر ( بىر ئايال (قىز) ، بىر ئەر(يىگىت) ) ئىشلەيدۇ. باشقا قازاق ، قىرغىز، شىبە، موڭغۇل قاتارلىق يېزىقى بار مىللەتلەردىن 1 دىن ئادەم ئىشلەيدىكەن. 3 يىلدىن بېرى تېبەتلەردىن ئادەم ئېلىپ توختىتالماپتۇ. ئيېتىشلارغا قارىغاندا، تېبەتلەر كۆپىنچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ، ئاساسەن ئۆز دىيارىغا قايتىپ كېتىدىكەن.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:24:20

ئېنىق بىلىدىغىنىم، دۆلەتلىك كۇتۇبخانىدا 2 ئۇيغۇر ( بىر ئايال (قىز) ، بىر ئەر(يىگىت) ) ئىشلەيدۇ. بارىكاللا! بولسا ئوننى ئالسىمۇ ئازلىق قىلمايدۇ، يازمىلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىگە.

سىزگە شۇنداق دېگەن بولسا خاتا دەپتۇ.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:27:44

gulen:

سىزگە شۇنداق دېگەن بولسا خاتا دەپتۇ.

ئۇنداقتا ، مەن قەشقەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن كۇتۇبخانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 3 يىللار بولغان يەڭگەمنىڭ مىللىي كىملىكىنى قايتا تەھقىقلەپ باقسام بولغۇدەك ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:29:19

maniac:
ما گەپ بولمىدى.كۆپرەك تاۋۇش قوشۇلسا قوشۇلسۇنكى،ھەرگىز كاملاپ قالمىسۇن.بولمىسا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئىنگىلىز تىلى،رۇس تىلى ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالىدۇ.ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەن داۋاملىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە تاۋۇشلىرىنىڭ كۆپلىكىدە.شۇنداق بولغاچقىلا بىزدە تىل ئۆگىنىشتە باشقا مىللەتلەردىن ناھايىتى ئۈستۈن تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىق بار.شۇنداق ئەۋزەل ئارتۇقچىلىقنى نېمىشقا بىكاردىن بىكار تاشلىۋەتكۈدەكمىز؟مېنىڭچە،ئۇيغۇر تىلىدا يوق،ئەمما باشقا تىللاردا بار بولغان ئىسىملارنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.زىيادە مىللەتچىلىك مىللەتنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارسا بارىدۇكى،ھەرگىز ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ئۆز تىلغا زورلاپ باشقا تىلنىڭ تاۋۇشىنى قوشمىسىمۇ باشقا تىلنى ئۆگەنگىلى بولىۋېرىدۇ، خەنزۇتىلىدىكى sh, ch, zhلار ئۈچۈن، بۇ مۇبارەك يېزىقىمىزدا مەخسۇس ھەرپ يوق بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆزىمىزدىكى بار ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەپ كىلىۋاتىمىز، shanghaiنى شاڭخەي دەپ يېزىۋاتىمىز، خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەندە ئۇ ھەرپلەرنىڭ بولمىغانلىقى بىلەن تىلىمىزنىڭ ئاشۇ تاۋۇشلاردىكى ئەۋرىشىملىكى كەملەپ قىلىۋاتامدۇ؟ ئېنگىلىزچىدىكى C ھەرىپى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ھەرپ يوق، Canadaنى كانادا دەپ يېزىۋاتىمىز،ئېنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ Cنى تەلەپپۇز قىلىشىتەسكە توختاپ قىلىۋاتامدۇ؟ بىرقانچە ھەرپنى ئارتۇق يىغىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەۋرىشىم بولۇپ قالغان تىل ئەمەس بۇ، ئۇلارسىزمۇ يەنىلا ئەۋرىشىم بولىۋېرىدۇ. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم مىللەتچىلىككە ياتسا، مەن مىللەتچى بولۇشقا رازى، لىكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مىللەتچىلىك دېگەن ئۇنداق ئاسان كەيگىلى بولىدىغان قالپاق ئەمەس. ھەم بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىمۇ ئەمەس.

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: ئانا تىلىمىزنى قانچىلىك چۈشۈنىسىز؟