xahmatqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 15:41:13

نەس باسقان راھىبلار - فىزىكىلىق تېپىشماق

رەسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: بۇ يەردىن كۆرۈڭ

يۇقىرىقى رەسىمدىكى، ئەڭ مەركەزدىكى بىر دانە قىزىل نۇقتا راھىبكالانغا، قالغانھەر بىر نۇقتىلار راھىبلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ راھىبلار دۈمبىسىنى راھىبكالانغا قىلىپ، ھەر قايسىسى ئۆزلىرى تەۋە بولغان تۈز سىزىق ئۈستىدە يۈزىنى ئۆزى تەۋە تۈزسىزىقنىڭ مەركەزدىن يىراقلىشىش يۆنىلىشىگە قارىتىپ ئىستىقامەتتە ئولتۇرغان.
بۇ ۋاقىتتا راھىبكالان راھىبلارغا ، سىلەر ياكى يۆنىلىشڭلارنى ئۆزگەرتمەي ئۆزەڭلار تەۋە تۈز سىزىق بويىچە تۈز ھەم ھەممىڭلار ئوخشاش تېزلىكتە مېڭىپ خالىغان ۋاقىتتا مېنىڭ ئايلىمغا قايتىپ كېلىسىلە، ياكى يەنىلا يۆنىلىشڭلارنى ئۆزگەرتمەي ئۆزەڭلار تەۋە تۈز سىزىق يۆنىلىشىبويىچە تۈزھەم ھەممىڭلار ئوخشاش تېزلىكتە مېڭىپخالىغان ۋاقىت ۋە خالىغانجايدا بىر قانچە توپ بولۇپ يىغىلسىلە. ئەگەر مۇشۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرەرسىنىمۇ ئورۇندىيالمىساڭلار،بۇدسادۋانىڭ غەزىبىدىن قېچىپ قۇتىلالمايسىلەر. قېچىپ نەگە باماڭلار رۇلەيپۇ(تاتىھاگاتو بۇتسادۋا) نىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ قالىسىلەر، دەپ ئەمىر قىلىپتۇ.
راھىبلا يۇقىرى تەلەپلەرنى ئورۇندىيالامدۇ-ئورۇندىيالمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن، قانداق قىلىشكېرەك؟


oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 16:07:08

بۇنىڭغا جۇغراپىيە بويىچە جاۋاب بەرسەك بولغۇدەك.

راھىبكالان ئولتۇرغان ئورۇننى بىر يەر شارىنىڭ مەلۇم قۇتۇبىغا ئوخشاتساق،راھىبلار ئولتۇرغان يۈنىلىشتىكى سىزىنقنى مېردىئان سىزىقى دېسەك راھىبلار شۇ مېردېئان سىزىقىدىن چىقىپ كەتمەي مېڭىۋەرسە يەر شارىنى جەنۇپ-شىمال يۆنىلىشتە 360گرادۇس ئايلىنىپ چىقسا ئاندىن قايتىپ كېلەلەيدۇ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 16:36:55

مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچتىن پايدىلانسا بولامدىكىن ،

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 17:06:14

ئەگەر بۇ مۇتلەق تۈز تەكشىلىكتىكى رەسىم بولساراھىپلارنىڭ بىرىنچى شەرتنى ئورۇندىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى راھىپلارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشى راھىپ كالانغا قارشى يۆنلىشتە.

ئىككنچى شەرتكە كەلسەك بۇ تامامەن مۇمكىن چۈنكى راھپىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مېڭىشى شەرت ئەمەسكەن پەقەت ئوخشاش سۈرئەتتە ماڭسىلا بولىدىكەن. مەسىلەن بىرىجى ھالقىدىكى راھىپلار ئاۋال ئوخشاش سۈرئەتتە مېڭىپ بەشىنجى ھالقىدىكى راھىپلارنىڭ ماس ئورنىغا كېلىپ توختىسا، ئاندى ئككىنچى ھالقدىكى راھىپلار بىرىنچى ھالقىدىكى راھىپلار مېڭىپ بەلگۈلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئوخشاش سۈرئەتتە بەشىنجى ھالقىدىكى راھىپلارنىڭ ئورنىغا كېلىپ توخىتسا مۇشۇ بويىچە ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى ھالقىدىكى راھىپلارمۇئىلگىرى كېيىن بولۇپ يولغا چىقىپ خالىغان ۋاقىتتا بەشىنچى ھالقىدىكى ماس ئورۇنغا كېلىپ يىغىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە چوقۇم ھالقىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ توختىشى شەرت ئەمەس.ئەلۋەتتەبىرىنچى ھالقىدىكى راھپلارنىڭ بەشىنچى ھالقىغا يېتىپ بېرىپ بولۇشى ئۈچۈنكېتىدىغان ۋاقىت ئككىنچى ھالقىدىكى ۋە ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى ھالقدىكى راھپلارنىڭ بەلگۈلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقتىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بەشىنچى ھالقىغا كەلسەك ئۇ راھىپلار باشقا ھالقىدىكى راھپىلار كېلىپ بولغۇچە ماڭماي تۇرسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا يىغىلىشنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كېيىن ئۇلار ماڭامدۇ ماڭمامدۇ بۇ مۇھىم ئەمەس.

مەسىلەنگە بىرىنچى ھالقا بىلەن بەشىنچى ھالقىنىڭ ئارلقىنى4 مېتىردېسەك بىرىنچى ھالقىدىكى راھىپلار 1m/s تېزلىك بىلەن ماڭسا 4 سىكونتتىن كېيىن بەشىنچى ھالقىدىكى راھپىنىڭ ئورنىغا يېتىپ بارىدۇ. ئاندىن ئىككىنچى ھالقىدىكى راھپىلار بىرىنچى ھالقىدىكى راھىپلار مېڭىپ بىر سىكونت ئۆتكەندىن كېيىن 1m/s سۈرئەت بىلەن ماڭسا 3 سىكونتتىن كېيىن بەشىنچى ھالقىدىكى راھپلارنىڭ ئورنىغا يېتىپ بارىدۇ..............

بۇ يەردە بىرىنچى ھالقىدىكى راھىپلارنىڭ قوزغلىش ۋاقتىنى باشلىنىش ۋاقتى قىلساق بولىدۇ. ھەربىر ھالقىدىكى راھىپلار بىر سىكونت پەرق بىلەن 1m/s

بىلەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ يولغا چىقسا تامامەن يغىلالايدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 17:19:15

يۇقاردىكى \"بىر قانە توپ بولۇپ يىغىلىسىلەر\" دىكى ھەر بىر توپ بىر نۇقتىنى كۆرسىتەمدۇ ياكى ؟

xahmatqi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 18:55:39

خاپا بولماڭلار تورداشلار، مەن راھىب كالانغا سىلەرنىڭ يۇقىرىدا دېيىشىۋاتقان گېپىڭلارنى يەتكۈزىۋېدىم، راھىب كالان ئاچچىقلاپ، مەن بۇيرۇق قىلسام ھەممىسىنىڭ تەڭ بىرلا ۋاقىتتا بۇيرۇقنى ئىجارا قىلماسلىققا نېمە ھەددىكەن ، دەپ . رۇلەيفۇ (تاتىھاگاتو بۇدسادۋا) نى شىپى كەلتۈرۈپ بىر مۇنچە ئاچچىقلاپ كەتتى. ئۇ ئېيتتىكى ، ھەممىسى بۇيرۇق ئاڭلىغان ھامان بىر ۋاقىتتا
يۇلغا چىقىپ ، ئوخشاش تېزلىك بىلەن مېڭىپ پەرماننى ئورۇندىغاي.
سىلەرمۇ خاپا بولماي بۇنى توغرا چۈشەنگەن بولساڭلار، ھەممىسى مېنىڭ سانسكرچە تىللارنى ياخشى بىلمىگەنلىكىمدىن كېلىپ چىقتى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 19:49:24

مىڭىپ مىڭىپ دەرياغا ئۇچراپ قالغاندا دەريادىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۆۋرۈكتە يىغىلىپ قالارمىكىن بۇ تاقىرباشلار. يەنە بىر مەسلە بار. ئەگەر ئادەم مۇشۇنداق بىر يۈنۈلۈشكە قاراپ ماڭغان بىلەن ئوڭ پۇت بىلەن سول پۇتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمايدۇ شۇڭا ئۇزۇن ئارىلىققا ماڭغاندا تەبىئىلا بىر تەرەپكە قىيىپ كېتىدۇ مۇشۇنداق قىيىپ قىيىپ بەلكىم راھىپكالاننىڭ ئالدىغا كېلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن.

tashkent يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 20:58:03

قارا ئۆڭكۈرنى راھىبكالاننىڭ ئورنى دىسەك تامامەن بىر نۇختىغا يىغىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 14:26:39

شۇنداق قېلىپ ماۋۇ تاقىر باش راھىپلار يېغىلىپ بولدىمۇ شاھماتچى؟

بەت: [1]
: نەس باسقان راھىبلار - فىزىكىلىق تېپىشماق