ئىنتايىن ئاددى تېپىشماقلار
1.بەش ئالمىنى بەش ئادەم بەش مىنۇتتا يەپ بولغان بولسا ،يۈز ئالمىنى يۈز ئادەم نەچچە مىنۇتتا يەپ بولىدۇ؟
2.بىر شاختا ئون قۇشقاچ بار بولۇپ بىرىنى مىلتىقتا ئېتىپ چۈشۇرۋەتسە ،يەنە نەچچە قۇشقاچ شاختا قالىدۇ ؟
3.بىر پوتۇلكا پىۋا 3 كوي ،10 قۇرۇق قۇتىنى بىر قۇتا پىۋىغا ئالماشتۇرغۇلى بولىدۇ ،مەندە 100 كوي بولسا مەن نەچچە قۇتا پىۋا ئالالايمەن؟
4. مەن بۇگۇن پىياز ئالماق بولۇپ بازارغا باردىم ،سېتىقچىدىن پېيازنىڭ باھاسىنى سورىسام بىر كويغا بىر كىلو دەپ جاۋاپ بەردى ،جەمئي قانچىلىك چىقا دىسەم 100 كىلو چىقىدۇ ھەممىنى ئالساڭ يۈز كوي دېدى،مۇنداق قارىسام بۇ پىيازلارنىڭ كۆكىنىمۇ بېشىنىمۇ ئايرىم قىلىپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ ،مەن يەنە كۆكى نەچچە پۇل بېشى نەچچە پۇل دەپ سورىسام كۆكى 3 موچەن بېشى 7 موچەن ئۇكام دەپتى ،مۇنداق بىر ئويلاپلا 50 كويغا 100 كىلو سېتىۋىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ،سىزمۇ مەن ئالغاندەك ئالالامسىز؟
يەنە داۋامى بار تاپالىساڭلار ھە
ماتىماتكىلىق تىپشماقكەنغۇ بۇ ،،،،ئاللا ئاللا
1.يۈز مىنۇت بولامدۇ يا؟
2.بىرسىمۇ قالمايدۇ.كونا
3.سىنىڭ جاۋابى 36بولىدىغۇ دەيمەن.90.يىللاردا بېيجىڭدا ئىككى قۇرۇق قۇتىغا بىر پوتولكا بېرىدىكەنتۇق.
4.سىنىڭ جاۋابى سودىغا ھەقىقەتەنمۇ پىششىقكەنسىز.
1.سىنىڭ جاۋابى خاتا بولۇپ قاپتۇ ئەسلى 5مىنۇتتا يەپ بولاتتىكەن،لېكىن ئالمىنى تارقىتىپ بولغۇچە كەتكەن ۋاقىتنىچۇ قوشىمىزمۇ يا؟
1.بەش مىنۇت ،
2. باشقىسى ئۇچۇپ كىتىدۇ ،
3. قۇتىلىق پىۋىنىڭ باھاسى قانچە ؟
4.كۆكىدىن بىشىنى ئاز ئاپسىز.
1-سوئالغا جاۋاب: 5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.2-سوئالغا جاۋب: شاختىكى قۇشقاچلار گاس بولمىسلا ، شاختا قۇشقاچ قالمايدۇ.
3-سوئالغا جاۋاب: ئەڭ كۆپ بولغاندا 36 قۇتا پۋا سېتىۋالالايسىز. ئاخىردا يېنىڭىزدا 1 يۈەن پۇل ۋە 6 قۇتا ئېشىپ قالىدۇ. ھەر بىر قۇتىنىڭ باھاسى 3 مو بولغانلىقتىن، جەمئىي سىزدە 2 كوي 8 مو ئېشىپ قالغان بولىدۇ. دۇكاندارغا بەكراق يالۋۇرۇپ بېقىڭ، 36 قۇتا سېتىۋالغاندىنكىن، ماۋۇ 2 كوي 8 موغا يەنە بىر قۇتا بەر دەپ. ئەگەر بېرىپ جەمئىي 37قۇتا سېتىۋالغان بولىسىز، يېنىڭىزدا بىر پۇڭمۇ قالمايدۇ. ئەمدى ئۈيىڭىزگە پىيادە قايتىسىز شۇ.
4-سوئالغا جاۋاب: پىيازنىڭ بېشىدىن 50 كىلو، كۆكىدىن 50 كىلو سېتىۋاپسىز.
شاھماتچى ئۇستىكەن دەششەت
خوارزدىكى خو باللا ،ئەمدىكى مەسىلە
1.بىر تېز پويىز ۋە بىر ئاستا ئا ۋە ب جايدىن بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى ھالدا يولغا چىققان ،12 سائەتتىن كېيىن ئۇلار ئۇچىراشقان ،تېز پويىز داۋاملىق 8 سائەت ماڭغاندىن كېيىن ب شەھەرگە يېتىپ كەلگەن بولسا ،ئاستا پويىزنىڭ ب شەھەردىن ئا شەھەرگە بېرىشى ئۈچۈن قانچە سائەت كېتىدۇ ؟
يەنە بار ھە
جاۋابى شۇكى، ئاستا پويىزنىڭ ئا شەھەرگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن 18 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دېمىسەممۇ بولا. ئۈزىڭىز ھېسابلىۋېلىڭ.1-سىنىڭ جاۋابى بىر مىنۇتتا يەپ بولىدۇ.
ئىشلەش جەريانىڭىزنى دەپ باقمامسز؟ ئاداش مەسىلنىڭ تەلىۋىنى تەپسىلى ئۇقۇڭ ،شۇڭىمۇ سېنى باشلانغۇچتىن تارتىپلا ئۆپكىسى يوق دەيدىغان بىزbotlaq:
1-سىنىڭ جاۋابى بىر مىنۇتتا يەپ بولىدۇ.

ما جاۋابىڭزە ئادەم قايىل قىلىدۇ.xahmatqi:
ۋاي ئاۋۇ 12 سائەتنى قوشماپتىمەن. ئەسلىدە ب دىن ئا غا بېرىش ئۈچۈن 30 سائەت كېتىدىكەن. ئەمەسما .
يەنە بىرسى كەتتى ھە
بىر مەيداندا ئا ۋە ب ئادەم بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۇگۈرۈپ 8 منۇتتىن كېيىن ئۇچىراشقان،6 منۇتتىن كېيىن ئا ئادەم ب نىڭقوزغالغان ئورنىغا كەلگەن ھەم 10 منۇت داۋاملىق يۈگۈرۈپ ب بىلەن يەنە ئۇچىراشقان بولسا ،ئا ئادەمنىڭ بۇ مەيداننى ئايلىنىپ بولۇشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

غەيرەتجون ما تېمىنىڭ ئىسمغا بىر قارىسلا!!!xahmatqi:
تەسراق سوئاللىرىڭ يوقما؟ كىچىك بالىنىڭ سوئالىنى چىقىرىدىكەنسەن ۋاي . قېنى باشقىلار ئىشلەپ باقسۇن .
28مىنۇتتا يۈگرەپ بولىدىغۇ دەيمەن -توغرىمۇ؟ جەريانى:-
30مىنۇتتا يۈگۈرەپ بولىدۇ