UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 13:10:37

تارىختا بۈگۈن (31-ئۆكتەبىر )

1651-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى <چېڭتىيەنمېن 承天门>نىڭ ئىسمىنى <天安门تىيەنئەنمېن>قىلىپ ئۆزگەرتكەن .

1864-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نىۋادا شىتاتى(،内华达州,State of Nevada) ئامېرىكىنىڭ 36-شىتاتى بولۇپ قالغان .قىمار ئىشلىرى ئىنتايىن گۈللەنگەن شىتات .

1887-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جىياڭ جېشى تۇغۇلغان .(1975-يىلى تەيۋەندە ئۆلگەن).

1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئاۋسىتېرىيە جۇمھۇريەت ئىلان قىلغان .

1940-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيە ئەنگىلىيەگە بولغان ھاۋا ھوجۇمىنى توختاتقان .

1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە<جۇڭگو تېلۋىزىيە شېركىتى> قۇرۇلۇپ ،ئاڭلىتىشنى باشلىغان .جۇڭگو تېلۋىزىيە شېركىتى تەيۋەن ئۆلكىسىدە  بولۇپ تولۇق ئىسىمى 中国电视事业股份有限公司.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا تېلۋىزىيە ئىستانسى قۇرۇلغان .بۇمۇ تەيۋەن ئۆلكىسىدە.

1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ج ك پ كاڭشېڭ(康生) شىېفۇجى(谢富治) قاتارلىق ئىككى ئادەمنى پارتىيەدىن قوغلىۋەتكەن .

كاڭشېڭ پارتىيەدىن قوغلىنىش ئالدىدا ج كپ مەركىزى كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان .مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغىىغان ئاساسلىق شەخىسلەردىن بىرى.

شىېفۇجى ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان .ئىلگىرى ج خ مېنىستىرلىكىنىڭ مېنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .1981-يىلى لىنبىياۋ ئەكسىيەتچىل گورۇھىنىڭ ئاسالىق جىنايەتچىسى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان .ئەمما 1972-يىلى ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن .

1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىستاننىڭ زوڭلىسى يىڭدىلا گەندى  قەسىتكە ئۇچۇرغان .بۇ ئايال ھېنسىتاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەشھۇر بولغان شۇنداقلا تالاش-تارتىش كۆپ بولغان شەخىسنىڭ بىرى .سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرشى مەزگىلىدە ھېندىستاننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تۆھپىسى چوڭ.سىياسەت يۈرگۈزۈشتە قاتتىق قوللىقى بىلەن داڭىق چىقارغان بولۇپ ،كىشىلەر تەرپىدىن ھېندىستاننىڭ تۆمۈر ئايالى دەپ ئاتالغان .

1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مىسىرنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئامېرىكا كېنىدى خەلىقئارا ئايرىدۇرۇمىدىن قوزغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتلانتېك ئوكيانغا چۈشۈپ كىتىپ 217ئادەم ئۆلگەن .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى ۋە تارىختا بۈگۈن تورى .

dolkun731 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 14:10:02

2010-يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى كۆپلىگەن ئىشسىزلار \"ئوقۇتقۇچى \"لىق ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ ئىز ئىزدىگەن

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 14:55:20

dolkun731:
2010-يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى كۆپلىگەن ئىشسىزلار \"ئوقۇتقۇچى \"لىق ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ ئىز ئىزدىگەن

بۈگۈنكى بۇ ئىنتىھاننى بېرىدىغان ئادەم ئاز بولۇپ قالغاندەك،كېلەر يىل 6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈردىغانلارمۇ بېرىپتۇ.(بۈگۈنكى ئىنتىھان مەيدانىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا 应届毕业生مۇ تەڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدىكەن )نىمە قىلىدۇ دەيمەن قىستا قىستاڭ قىلىپ،سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە بەرىبىر قالدۇرۋېتىدىغان تۇرسا ،نەچچە يىلنىڭ بېرى ئىنتىھان بېرىپ ئۆتەلمەي قالغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ قېتىمدا بېرىپ ئۆتىۋالسا ،خىزمەت ئىزدەيدىغانلار ئازراق بولسىمۇ ئازلىسا ئاندىن ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە رەسمى بېرىۋالسا بولمامدۇ دەيمەن.

应届毕业生لىرىمىز بۇ قېتىمقى ئىنتىھاننىڭ نۇمۇر چېكىنى ئۆرلىتىپ قۇيۇپ،يا ئۆزى ئۆتەلمەي،يا ئىش كۈتىۋاتقانلارنى ئۆتكىلى قويماي

ئاندىن ئۆزى ئىنتىھان بەرگەندە يەنە شۇ بۇرۇنقى قېلىپ قالغانلار بىلەن بىللە بېرىپ قىستا-قىستاڭنى يەنە داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن <<ھەقىقى رىقابەت،ئادىل ئىنتىھان>>غا ئاۋاز قوشقىنىدىن پەخىرلىنىدىغان ئوخشايدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 14:55:49

ئىندىرا گەندى يىڭدىلا ئەمەس ...........................

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 15:27:36

Erktekin:

ئىندىرا گەندى يىڭدىلا ئەمەس ...........................

ئېنگىلسچىسى يوقكەن ،خەنزۇچىسىغا قاراپ تەرجىمەقىلغان ئىدىم .

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(31-ئۆكتەبىر)