تارىختا بۈگۈن (30-ئۆكتەبىر )
1735-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېركىنىڭ 2-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى جون ئادامىس (John Adams)تۇغۇلغان .
1905-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسيەنىڭ تۇنجى ئاساسى قانۇنى ئىلان قىلىنغان . بۇ كۈنى يەنە ئاسپىرىن تۇنجى قېتىم سېتىلىشقا باشلانغان .
1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە قىزىل كېرىست جەمئىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرى دۇنانىتJean Henri Dunant ۋاپات بولغان .
1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئوسمانىلار ئېمپىريەسى تەسلىم بولغان .
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پاراۋۇزغا <ماۋزىدوڭ ناملىق>دەپ نام بېرىلگەن .بۇ پاراۋۇز دۆلىتىمىزدىكى رەھبەرلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى پاراۋۇز .
1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مارادونا تۇغۇلغان .بۇ كۈننى يەنە ئەنگىلىيەدە دۇنيا بويىنچە تۇنجى بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى مۇۋاپپىقيەتلىك بولغان .
1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىنچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان .
1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە 7.2بال يەر تەۋرەپ 800نەچچە ئادەم ئۆلگەن 300دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان.بۇ يەر تەۋرەش 20-ئەسىر ئىچىدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن چوڭراق يەر تەۋرەشنىڭ 37-سى .
1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە<ئۆمىد قۇرۇلىشى> باشلانغان .
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەدە ئەڭ بۇرۇنقى دىنازاۋۇر تاشقاتمىسى بايقالغان .
1735-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﻨﯩﯔ 2-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﻭﯕﺘﯘﯕﻰ ﺟﻮﻥ ﺋﺎﺩﺍﻣﯩﺲ (John Adams)ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .
----------------------------------------------------------
ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﻮﻥ ﺋﺎﺩﺍﻣﯩﺲ ﻣﺎﺳﺴﺎﭼﯘﺳﯧﺘﺲ ﺷﯩﺘﺎﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﺮﺍﻳﯩﺘﯩﺮﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . 1751 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﺎﺭﯞﺍﺭﺩ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . 1755 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﯞﯗﺳﺘﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . 1764 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1771 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .1774 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﺎﺳﺴﺎﭼﯘﺳﯧﺘﺲ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .1776 - ﻳﯩﻠﻰ << ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﺑﻨﺎﻣﯩﺴﻰ >> ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . 1779 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﺳﺴﺎﭼﯘﺳﯧﺘﺲ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . 1780 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .1785 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ، 1797 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .
1960-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﺎﺭﺍﺩﻭﻧﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ
--------------------------
ﻣﺎﺭﺍﺩﻭﻧﺎ ﺋﺎﺭﮔﯧﻨﺘﯩﻨﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 13 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . 1989 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ، ﻣﺎﺭﺍﺩﻭﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻳﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺧﻪﺟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﺎﺭﺍﺩﻭﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﻛﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ 250 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯘﺋﯧﻨﯩﺲ - ﺋﺎﻳﺮﯦﺴﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﺍ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 500 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺗﻮﺭ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ 80 ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻛﯧﺴﺘﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻣﺎﺭﺍﺩﻭﻧﺎ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ .
بۇكۇندە خرلى ئۇلۇغ ئىش لار بوپتىكەندە ....
مەنمۇ مۇشۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىزدىنىشنى زىيارەت قىلىۋاتىمەن.....ھې ھې ھې .....
ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن بىلىپ قويغاننىڭ زىينى يوق.
بۇ سەھىپە يەنە ئەسلىگە كەپتۇدە؟ ياخشى