خانىملار، سىلەر زەيتۇن يېغىدا قانداق قورۇما-تائاملارنى 3
زەيتۇن مېيىنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ، ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﻣﺮﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ دېگەندەك بولۇپ ﺑﯘﻧﻰ 12 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭘﺎﻟﻪﭺ ،ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﭺ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىغا ئەگىشىپ ھازىر بازارلاردا تۈركىيە، ئىتالىيە، ئىسپانيەلەردىن كىرگۈزۈلگەن زەيتۇن مايلىرى كۆپىيىپ قالدى. ئاڭلىسام زەيتۇن مېيىدا قورۇما ۋە ھەرخىل تائاملارنى، سوغۇق سەيلەرنى تەييارلايمىش. ئائىلىدە تائاملارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىش تەجىربىسى بار خانىم - چوكانلار تەلىم بەرگەن بولساڭلار! زەيتۇن مېيىنى قانداق قورۇما-تائاملارغا ئىشلەتسە تائامنى ئوخشىتىدۇ؟ زەيتۇن مېيىنى تائامغا ئىشلەتكەندە ئادەتتىكى مايلار بىلەن ئوخشاش نىسبەتتە ئىشلىتىلەمدۇ ياكى پەرق قىلامدۇ؟؟؟
زەيتۇن مىيىدا پولۇ بىلەن ھالۋا قىلسىڭىز ئەڭ ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر خىل سالاتلارنى قىلسا بەك ياخشى، چوقۇم يىرىم تال لىمۇن سىقىۋەتسىڭز كاتتا بولۇپ كىتىدۇ سالاتلىرىڭىز. مەن ئادەتتە نورمال مايدىن سەل ئازراقلا ئىشلىتىمەن. لىكىن باشقا قوروملارنى بۇ مايدا قورۇشنى ياخشى كۆرمىدىم سەۋەبى بۇ ماي بەكلا كۈچلۈكتەك ھېس قىلدىم.
راس زەيتۈن مېيىنى ھەرگىز قاتتىق قىزدۇرۋەتمىگەيسىز.
زەيتۇن مېيىنى خام ھالەتتە ئىستىمال قىلىۋېردىكەنغۇ !!!! خام پېتى ئىشلەتسىڭىزمو بولىۋىردۇ. مەسىلەن، سالاتقا خام ماي ئىشلىتىمىز. ياخشى تېما . ھەدىلەر داۋاملىق داۋاملاشتۇرسا بوپتىكەن . بولىدۇ،قورداقلارغا ئادەتتىكىدىن ئاز قۇيۇپ،سىز دىگەندەك لىمون سىقىپ قورۇلسىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.كالا ياكى توخۇ گۆشلىرىگە،قوي گۆشى مايلىقراق بولغاچقا بىر خىل مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ سىناپ باقمىدىم.ئىشقىلىپ ئەرەبلەردەك ھەممە نىمىگە لىمون سىلىپ باقىمەن
مەنمۇ سالاتلارغا قۇيۇۋېتىمەن، ئىشقىلىپ ھەممە سالاتقا دېگۈدەك، بەزى سالاتلارغا لىمون سىقىمەن، بەزىلىرىگە سىقمايمەن. مەسىلەن تۈنۈگۈن پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدە سالات قىلدىم، لېكىن ئۇنىڭغا لىمون سىقسام تەمى بۇزۇلۇپ كېتەتتى. مەن چېچىمغا سۈركەيمەن. يەنە قولۇمغا سۈركەيمەن ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ.
ھېلىقى ئىتالىيە لەغمىنىگە ئازراق قۇيىۋەتسە تەمى ياخشى بولىدىكەن
زەيتۇن مېيىنى تاللاشنى بىلەمسىز؟
⑴ قاراش. ئەلا سۈپۈتلىك تەبىئىي زەيتۇن مېيى پارقىراق، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بولىدۇ، زەيتۇن مېيىنىڭ رەڭگى قانچىكى قېنىق بولسا سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ؛
⑵ پۇراش. سۇس مېۋە پۇراقلىق، ئۆرۈك مېغىزىدەك پۇرايدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ؛
⑶ تېتىش. تەمى زەيتۇندەك چۈچىمەل بولىدۇ.
调和油 دېگەننى ئالمىسىڭىزلا، باشقا ئۆسۈملۈك مايلىرىدا مەسىلە يوق. مەن ياغدا پىشۇرىدىغان نەرسىلەرگە زىغىر يېغى ئىشلىتىمەن. مەسىلەن كۇمۇلاچ پىشۇرسام، بېلىق پىشۇرسام دېگەندەك. باشقا مايلار تەمنى بىر خىل ئاچچىق قىلىپ قويىدىغاندەك بىلىنىپ ماڭا. باشقا تاماقلارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىمەن. مەتۇ سىلى يەنە قازان بېشىدىما ؟
饱和脂肪,不饱和脂肪دەپ تەركىپلىرى باركەن باشقا ئۆسۇملۇك مايلىرىنىڭمۇ؟ ئۇلارمۇ بولىۋىرەمدۇ؟
مەستۇرە قارىغاندا ھېلىقى گەپنى زادى مودا قىلمىساق بولماپتۇ
مۇزىكفان سىزگە دىسەم دىگەننى دەيمەن
بولمىسا ما ئادەم مەتو دەپ ئۆزگەرتىپ مودا قىلۋەتكىدەك

سالاتقىمۇ لىمون قوشامسىلەر؟غەيرىلا بوپ قالار؟
مۇسىكفەن،چوققىنىڭ چاخچىغىنى قىلىۋېرىپ ھەممە نىمىنىڭ بېشىدا بولۇپ قالدۇق.
ziyali:
ھېلىقى ئىتالىيە لەغمىنىگە ئازراق قۇيىۋەتسە تەمى ياخشى بولىدىكەن
بۇنى تەسەۋۇر قىلالمىدىم...
ئەسلى لىمون دېگەن سالاتقا قوشىدىغان نېمىدۇ ميۇزىكفەن؟قورۇمىغا سالسىڭىز قورۇمىنى قورۇپ بولۇپ ئۈستىگە سىقىڭ، بولمىسا ئوزۇقلۇق تەركىبى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
espresso:
ziyali:
ھېلىقى ئىتالىيە لەغمىنىگە ئازراق قۇيىۋەتسە تەمى ياخشى بولىدىكەن
بۇنى تەسەۋۇر قىلالمىدىم...
مۇزىكفەن سىزگە دىسەم
ئالدىنقى كۈنى ئاغىنەم تاماق قىلۋاتقاندا كىرىپ قاپتىكەنمەن، ئازراق قۇي دەپ ئەكىلىپ بېرىۋىدى،ئىشقىلىپ خېلى يېقىشلىق بولدىغۇ
بولمىسا بىر خىل قۇرۇق، گەلنى موخوركىدەك قىرىپ ئۈتىدىغان ئۇ تاماقنى مەن بىر قېتىممۇ تويغىدەك يەپ باقمىغان