UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 12:37:56

تارىختا بۈگۈن (29-ئۆكتەبىر )

1878-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەلىك ماتېماتىك Gottfried Wilhelm Leibniz تۇنجى قېتىم ماتىماتىكا ساھەسىدە ئېنتېگرال بەلگىسىنى ئىشلەتكەن .

1859-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپانىيە ماراكەشكە جەڭ ئىلان قىلغان .

1863-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خەلىقئارا قىزىل كىرسىت جەمئىيتى قۇرۇلغان .

1889-يىلى بۈگۈنكى كۈندا ئېنقىلابچى لىداجاۋ تۇغۇلغان .

1902-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى قىزلار مەكتىپى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان .

1914-يىلى تۈركىيە ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھىغا ئۇرۇش ئىلان قىلشقا مەجبۇر بولغان .

1916-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەرەبلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ ،ئوسمانىلار ئېمپىريەسىگە قارشى قوپقان .قوزغىلاڭنىڭ نامىنى 汉志دەيدىكەن .تەرجىمىسىنى ئۇقمىدىم.

1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە جۇمھۇريېتى قۇرۇلغان .مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك (Mustafa Kemal Atatürk)تۈركىيەنىڭ تۇنجى جۇمھۇرباشى بولۇپ سايلانغان .

مۇستاپا كامال 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ 1938-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغۇچە زۇڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نىيوۋيورىك پايچىك بازىرى ھالاك بولغان .بۇ دۇنياۋى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان .

1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن .2-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى پارتىلىغان .

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ چىققان .بۇ كۈندە يەنە تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپ چقارغان تۇنجى ئاپتۇموبىل Devrim زوڭتۇڭ جامال گۇرسەلCemal Gürsel'  گە سوۋغات قىلىپ بېرىلگەن .

1962-يىلى ب د ت باش كاتىپىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن ،ئامېرىكا كۇبانى قامال قلىشىنى توختاتقان .

1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ARPANET ئارقىلىق دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىككى كومپىيوتېرنى ئۇلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئېراندا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .ئامېركىلىقلارنى تۇتقان ئوخشايدۇ ،ئامېرىكا ئارمىيسى فىلورىدادا تىكئۇچار ئايروپىلان بىلەن تەقىلىدى قۇتقۇزۇش مانۋېرى قىلۋاتقاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قۇرال كۈچى ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشتىن ۋاز كەچكەن .

بۇ كۈندە يەنە بېيجىڭ ۋوگزالىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ توققۇز ئادەم ئۆلگەن 81ئادەم يارلانغان .

1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە يەرتەۋرەپ 1300ئادەم ئۆلگەن .

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مارادونا پۇتبول مەيدانىدىن چىكىنگەن .

2006-يىلىدىكى مارادونا.

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا زەنجىرسىمان پارتېلتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،61ئادەم ئۆلگەن 188ئادەم يارلانغان .

2007-يىلى بۈگۈنكى كۈندە Googleشېركىتى دۆلىتىمىزدە تارىختىكى ئەڭ قىسقا تور نامى بولغان g.cnنى تىزىمغا ئالدۇرغان .

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ جۇمھۇريەت بايرىمى.Cumhuriyet Bayrami .

mansixteyin يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 13:06:04

تۈركىيىنى تەبرىكلەيمەن .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 14:18:44

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئايرىلىپ چىققان .
______________________________________-
خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە، سۈرىيە بىلەن مىسىرنىڭ بىرلىشىپ كېيىن ئايرىلىپ كەتكىنى راست، بىراق بىرلەشكەندىن كىيىنكى نامى «ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى» ئەمەستۇ.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 14:43:52

Bayawan:
  1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئايرىلىپ چىققان .
______________________________________-
خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە، سۈرىيە بىلەن مىسىرنىڭ بىرلىشىپ كېيىن ئايرىلىپ كەتكىنى راست، بىراق بىرلەشكەندىن كىيىنكى نامى «ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى» ئەمەستۇ.

بۇنى تۈرىكچە مەنبەدىن تەرجىمە قىلغان ئىدىم ئەسلىسى :

Suriye, Birlesik Arap Cumhuriyeti'nden ayrildi.

29.Ekim,1961

<span onmouseover=\"this.style.backgroundColor='#ebeff9'\" title=\"Birleşik Arap Cumhuriyeti\" style=\"BACKGROUND-COLOR: #ebeff9\" onmouseout=\"this.style.backgroundColor='#fff'\">Birlesik Arap Cumhuriyeti نىڭ خەنزۇچىسى 阿拉伯联合共和国بولىدىكەن . بۇ ئەمىسە ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇريىتى بولامدۇ ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇريىتى باشقا-باشقا ئىككى دۆلەتمۇ ؟ مەن خەنزۇچىسىغا قارىساممىغۇ ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇريىتى دەپ ئالساق توغرا بولاتتىكەن .لىكىن ھازىرغىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەپلا ئاڭلاپ باققان ئىدىم .شۇڭا ئاشۇنداق يازغان .

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 15:27:38

شۇ ئەرەپ بىرلەشمە جۈمھۈريىتى دىسەك توغرىكەنغۇ،تۈركچە،خەنزۇچىسىدىمۇ شۇنداقكەن دىيىلىپتۇ، سىز دىگەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى دىگەننى 阿拉伯联合酋长国دەيدۇ،ئېنگىلىزچىسى The United Arab Emiratesدەيدۇ،(قارىغاندا مۇشۇ دۆلەتنى ئەسلى ئەرەپ بىرلىشمە ئەمىرلىگى دىسىمۇ بولاكەن،) ئەبۇزەبىي،دۇبەي قاتارلىق يەتتە ئەمىرلىكتىن تەركىپ تاپقان.
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(29-ئۆكتەبىر)