ئالما كومپيۇتېرى ئاخىرى تۈگەشتى! تېخىمۇ كۈچلۈك نەشپۈتa
ئالدىنقى كۈنى، MunanSoft يەرشارى پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە ئەڭ يېڭى ئەۋلاد نەشپۈت لەپتوپلىرىنى بازارغا سالدى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ۋە يۇقىرى سەنئەت تۇيغۇسىغا ئىگە نەشپۈت لەپتوپلىرى بۇ كۆرگەزمىدە ئاخىرى دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت، ئالما، IBM قاتارلىق شىركەتلەرنى مەغلۇب قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورنىنى خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئاساسقا قىلدى…
تۆۋەندە بىز iPod، iPad لاردىن ئېشىپ چۈشكەن ۋە ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان نەشپۈت خاتىرە كومپيۇتېرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
قولغا ئەپلىك بولغان تاشقى لايىھە بىلەن سترولۇق مەھسۇلات ماركىسى بۇ لەپتوپنىڭ سەنئەتلىك تۇيغۇسىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرگەن!
يان تەرەپتىن كۆرۈنۈشىمۇ ئىنتايىن كۆركەم
3 دانە USB 5.0 ئېغىزى سەپلەنگەن، ئۇچۇر ئۇزىتىش سۈرئىتى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەدە بولۇپ، 1GB لىق فىلىمنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن پەقەت 30 سكونتلا ۋاقىت كېتىدىكەن!
DVD10 ئۆلچىمىدىكى نۇر دېسكا ئويغۇچ سەپلەنگەن، 780P ۋە 1080P لىك فىلىملەرنى ھېچ قىينالمايلا قوش يۈزلىك نۇردېسكىغا ئويغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ سۈرئەت ئىنتايىن تېز!
لەپتوپ گەۋدىسى دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ۋە ئاق رەڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تېخىمۇ ھەيۋەت تۈسكە كىرگەن، بۇ ئارقىلىق يەنە بىر رەقىبى iPad نىڭ يۈزىنى قاتتىق تۆكىۋەتكەن!
ئېلىكترونلۇق قەلەم سەپلەنگەن ۋە سىفىرلىق رەسىم سىزىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن، ئۆزىدە ARTRAGE 5.0 ناملىق رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن، رەسىم سىزىش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇپلا بىۋاستە ئېكرانغا رەسىم سىزىشقا بولىدۇ…
دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ۋە سۈزۈك 3D ئېكران سەپلەنگەن ۋە بۇ ئارقىلىق 3D فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن كۆزەينەك تاقايدىغان دەۋرگە ئاخىرى خاتىمە بەرگەن!
سەزمە ئېكرانلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئەلۋەتتە سىرتتىن سىمسىز مائۇس ئارقىلىق كونترول قىلىشقىمۇ بولىدۇ
MunanSoft شىركىتىنىڭ كۆپ خىل سېستىمىلىق ھالىتىنى ئۆزىدە قوللانغان بولۇپ، يەنە بازاردىكى مودا مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى تەڭلا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۆزىدە MunanSoft شىركىتى تۈزۈپ چىققان نەشپۈت مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە Doors سېستىمىسىنى تەمىنلىگەن!!
ئۈستەل يۈزىنى كۆرۈپ باقايلى، ۋاھ!!! نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرلىرى تاللاپ قاچىلانغان ئىكەن!!!
ھەرقايسى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى نەشپۈت لەپتوپى ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈپ بەرگەن IE10 تور كۆرگۈسى، 卡车司机 ۋىرۇسخورى قاتارلىق مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتاللار سەپلەنگەن!!!
ئامېرىكا FBI ئالاھىدە چەكلىك نۇسخىدىكى نەشپۈت لەپتوپلىرى!!!
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسى ۋە FBI تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنىپ مەخسۇس ئىشلەنگەن بولغاچقا، بىخەتەرلىكى ئالاھىدە يۇقىرى، AFIS بارماق ئىزى ئارقىلىق تونۇش تېخنىكىسى، AVIS ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسى ۋە كۆرۈش پەردىسىنى تونۇش تېخنىكىسى تەمىنلەنگەن!!!
ئېكران يۈزىدىن تولۇق بىر كۆرۈنۈش:
ئەلۋەتتە نەشپۈت لەپتوپلىرىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى MunanSoft تەرىپىدىن داۋاملىق تۈزىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئادەم تېنى تېمپراتۇرىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش، پلانېتلار ئارا ئورۇن بەلگىلەش، دۇربۇن شەكىللىك كامېرا قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ئەڭ يېڭى ئەۋلاد نەشپۈت لەپتوپلىرىدا ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىكەن. ئىچكى قىسىمدىكى ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، MunanSoft ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۇقىرى مائاش بىلەن. نەشپۈت لەپتوپلىرىنىڭ كېيىنكى نەشىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان خىزمەتچى خادىم ئىزدەۋېتىپتۇ، بەلكىم ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە چۈشلىرىمىز نەشپۈت لەپتوپلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى، ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ قورساق تويغۇزۇپ پۇل تاپالىشىمىز ۋە تاشقى پلانېتلارغا چىقىپ تاشقى پلانېت پۇقرالىرى بىلەن شاھمات ئويناپ رەسىمگە چۈشۈپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن، نەشپۈت لەپتوپلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، بىزنىڭ بۇ خىياللىرىمىزنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنە بىر تېزلەتكۈچى سىگنال ئۇرۇپ بەردى دېيىشكە جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تامامەن ھەقلىقمىز!!!
نوچىكەن ما نەشپۇت
كۇچانىڭ ئوخشىمامدۇ
بۇ لەپتوپنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورنى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەنمىدىمغۇ تەدبىركار؟
ئالمىخاننىڭ يولدىشى نەشپۈتجان ئوخشىمامدۇ بۇ. دەپتەردىن چىقىپ ئىشلەپچىقىرىلسا ئاندىن ياخشى بولاتتىكەن.
جۇڭگودىكى تالانتلىق ياشلار ياسىغان لەپتوپ ئىكەنغۇ؟ شۇڭا جۇڭگو خەلقى پەخىرلەنسە بولغۇدەك!
360 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىنى 720 دېگىنىگە بەك كۈلۈپتىمەن! تېخى 2012-يىلنىڭ 13-ئاينىمۇ كۆرسىتەلەيدىكەن
卡车司机 ، Very DVD
tarim722:
تەدبىركار سىز دىگەن شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ تور ئادىرىسى يوقما ؟
MunanSoft نى كىرگۈزۈپ ، ئىزدىسەم سىز يوللىغاندەك نەرسىلەر چىقىپ يۈرۈيدۇ ، ئالما ، مىكروسوفىتلارنىڭكىگە ئوخشاش شىركەت تور بەتلىرى يوقمۇ ؟ توردا مۇشۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق قانداق شىركەت ، قانداق مەھسۇلات ئۇ ؟
غا كىرىپ قاراڭ
ۋاي خۇدايىم، چاخچاق دېگەنمۇ مۇشۇنداق بولامدۇ دەيمەن

جەۋھەر...............................
usb 3.0 ئەمدى چىقسا 5.0 قاچان چىققان بولغىيتى دەپ، ھاڭۋېقىپ تۇرسام 720 ۋىرۇسخور دېگىنىنى كۆرۈپ، چاقچاق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. دەھشەت ئوخشىتىپتۇ، يەنە ئازراق ئىقتىدارى چالا قاپتۇ. ئەك يېڭى ئېنىرگىيە تېجەش تېخنىكىسى ئىشلتىلگەن بولۇپ ، قۇۋۋىتى 0 ۋات، مەڭگۇ توك ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھەقىقى يېشىل مەھسۇلات، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. ئەڭ يېڭى ئېنىرگىيە تېجەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، توك ئىشلەتمەيسىز، ھەقىقى يېشىل مەھسۇلات، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. تەدبىركار ئەپەندىم كەلگۈسىدە قۇرىدىغان يۇمىتال شىركىتىگە ئۆزى ئىنژىنىر بوپتۇ
خەلىقئارالىق بىر شىركەت شۇنداق قىلىپ يۇقالغانمىدۇ دىسەم ......
جايىدا بولغان چاقچاق كەن ....