Qunek يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 15:09:41

ئىزدىنىشتىكىلەرگە قوشاق

قۇناخۇنكاڭلاردىن سالام باللىرىم

ئىزدىنىشنى كۆرۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولاپ كەتتى ئەمما يېقىندا ئەزا بولدۇم ، شۇڭا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تېما يوللاپ باقاي دەپ ، بۇ قوشاقلارنى تورداشلىرىمغا ئاتاپ يېزىۋىدىم ، تورداشلارغا كۆرسىتىپ باقاي دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم ، باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەستىقلاپ قۇيۇشارلا ...

ئىزدىنىشقا

ئالدىراشمۇ  ئىزدىنىش غوجام ،

يىلدا ، ئايدا كىرىپ قالىدۇ .

تاشلاپ بىرىپ مىھمانغا ئۆينى ، ( ئۆي دىگىنىمدە ئىزدىنىشنى كۆزدە تۇتماقچىمەن)

مانا كۆر دەپ يالغۇز قويىدۇ .

جەۋلانغا

كوڭكا مىنپ يۈرەرمىش جەۋلان ،

پىيادىگە قالارمىش ھەيران .

كۇچا بىلەن جۇڭغار ئارلىقى ،

يۈرىكىگە ساپتۇمىش ھىجران .

مەتوغا

شوخ بىر يىگىت ئىدى ئىلگىرى ،

توختىماستىن كۈلەتتى ئۇزۇن .

قىزلارغا زەپ مەيلى بار ئىدى ،

ئۆزگەرتىپتۇ ھەممىنى خوتۇن .

ئۆزھالغا

پەيزى باركەن نەزمە ئوقۇشقا ،

دۇتتارنىمۇ سايرىتارمىش خوپ .

مۇڭلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن ،

كۈز شامىلى سەگىتسۇن سوقۇپ .

ئۆردەككە

يۈرىكى ياش ، ئويناپ تۇراركەن ،

مەنزىرىگە ئەجەپ خۇماركەن .

قىزلارغىمۇ قاش ئېتىپ گاھى ،

بوۋايلىقنى ئۇنتۇپ قالاركەن .

سالام دۇنياغا

بىرنى ئىككى دىمەيدۇ ئېزىپ ،

قايناپ قويار پات -پاتلا كىرىپ .

قىززىق پاراڭ ئىزدەپ يۈرۈيدۇ .

ئۈرۈمچىدە ئاشپۇزۇل كىزىپ .

بىرزاتقا

تومۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرەركەن ،

پەرەڭچىنى ئوبدان بىلەركەن .

بىكەت قۇرۇپ ئېنتىرنېتتا ھەم ،

دورىسىغا ئېلان بىرەركەن .

جېكقا

ئەجنەبىيچە ئىسمى بار . لىكىن ،

تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى .

ئامرىكىدا ياشىغان بىلەن .

خوتەننىلا سۆزلەيدۇ چۈشى .

پىنھانغا

ئەجەپ سەپرا ، قېنى ھەم قىززىق ،

گەپ قلىشىنى بىلمەيدۇ سىيلىق .

يامانلىق يوق بىراق كۆڭلىدە ،

ياش تۇرۇپلا كەتتىغۇ قېرىپ .

ئاپلا ..... لەڭپۇڭ ئىچىدىغان خېرىدار كىلىپ قالدى ، كەچتە غالتىكمنى ئۆيگە ئەكىرۋىتىپ خاتىرجەم يازاي ....

(داۋامى بار)

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:45:41

80خالتىغا

ھورۇن مۈشۈك مازاردا ، چايان تۇتۇپ يۈرۈپتۇ،

سەكسەن خالتا ئاتىقى، بىر زاتلىققا ئۆسۈپتۇ.

جېكقا

ئۇيغۇرچە نام گۈزەلتى، ھاشىماخۇن بولسىمۇ ،

ئامېرىكا ئايلىرى يۇپيۇمىلاق تولسىمۇ.

قويۇۋالسا ئىسىمنى ئۇيغۇرچە قىپ جېكاخۇن،

يا بولمىسا ئاتايلى، سىزنى ئەمدى قۇناخۇن.

پىنھانغا

پىنھان ئۆزى خوپ بالا، كۆپچىلىككە ياقىدۇ،

تورغا چىقسا ھەركۈنى ئىزدىنىشنى ئاچىدۇ.

مۇنازىرە تېمىغا ئامراق ئۆزى ۋە لېكىن،

بەزى چاغدا سەت گەپنى پاك ئاغزىغا ئالىدۇ.

كۆڭلىغۇ تۈز ، سەمىمىي ، ھەققە چاپان ياپىدۇ.

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:50:21

مۇزىكىچى سازەندە، ئىزدىنىشتا سەركەردە،

ئۇنۇتمايدۇ كۆپچىلىك پولو- لەغمەن يىگەندە.

كىچىك- پېئىل، خۇشچاقچاق، كۆڭۈلچەكلىك ئادىتى،

ئۇنتۇمايدۇ \"ئاكا\" نى ، پىشقەدەمنى كۆرگەندە.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:52:25

لەڭپۇڭنى ئىچمەي ئەمسە پولونى ئىچەمدا باللا ؟

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 19:03:26

ziyali:

سىزلەرنىڭ مەكىتتە قۇناخۇندەك قوشاقچىلار بارما

مەكىتنىڭ قوشاقچىلىرى يامان جۇما  ، ئادىل ھوشۇر چاڭگا مەيداندا 60 كۈن تۇرۇپ رىكورىت ياراتقاندىن كىيىن ،  ئادىلكا دەپلا مۇقامدىن بىرنى توقۇۋەتتى قوشاقچىلا ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 19:06:33

مۇقامدىن بىرنى توقىۋەتكەن

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 17:46:05

ۋاپادارىم ..ئوخشىغان قوشاقكەن ..بىر چوكا تەككۈزۈپ قويدۇم ........ھا ھا   پۇچاڭۋى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 17:49:56

Mehmut:

koklam29:

مەخمۇتنىڭ تاپانچىسى بامىكەن ؟

ئۇف.....بولدى ئەمدى 实况ئوينىمايمەن  ، ئەمدى يەنە يىڭىۋالسام بولمىغۇدەك .....

ھېلىمۇ بەك يول قويۇپ ئويناپ بەردىم، بەشتە بىر بۇلۇپ ئۇتتۇرۋەتكىنىڭلار ئىسىڭلىدە يوقما؟   ھە راس ۋارتارىڭلارنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارسىدىن كىرىپ كەتكەننى ھىسابلىماپتمەن تېخى. ئەمدى ئوينىغاندا ھەرگىز يول قويمايمەن جۇمۇ.

راسىت ،مەھمۇد بەك يول قويۇپ ئوينايدىكەن

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 16:48:29

ئاپلا ..... لەڭپۇڭ ئىچىدىغان خېرىدار كىلىپ قالدى ، كەچتە غالتىكمنى ئۆيگە ئەكىرۋىتىپ خاتىرجەم يازاي ....

(داۋامى بار)

\"لەڭپۇڭ ئىچىدىغان\" دىگىنىگە قارىغاندا قۇناخۇنكام ئاقسۇ ئاۋاتتىن ئوخشىمامدۇ؟

sharaf يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 16:54:39

ھەي قۇناخۇن، قۇناخۇن

سېتىپ بولدۇڭلىمۇ لەڭپۇڭ.

تېز يېزىڭلا ئاخىرىنى،

غالتەك سۆرىمەي تاكىراڭ-تۇكۇرۇڭ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 17:14:01

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 17:53:21

ئاقسۇنىڭ ھەممە يىرىدە شۇنداق دەيدىغۇ..

freebird يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:17:36

ئىچكىنىگە قارىغاندا تېخى قاتمىغان لەڭپۇڭ ئوخشىمامدۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:26:05

قۇناخۇن

لەڭپۇڭچى

ھەي..............

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:28:14

بىزمۇ لەڭپۇڭ ئىچىش دەيمىز ... مەكىتتە

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:34:40

سىزلەرنىڭ مەكىتتە قۇناخۇندەك قوشاقچىلار بارما

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 18:41:51

قايسى يۇرۇتتا يىيىش دەيدۇلەڭپۇڭ ئىچىپ كىرەي مەن. پۇرچاقنى جىق سالدۇرۇپ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 19:50:37

Toghrak731:
قايسى يۇرۇتتا يىيىش دەيدۇلەڭپۇڭ ئىچىپ كىرەي مەن. پۇرچاقنى جىق سالدۇرۇپ

قەشقەردە لەڭپۇنى يەيدۇ ، دوغ نى ئىچىدۇ .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 19:51:37

kainam:
لەڭپۇڭنى ئىچمەي ئەمسە پولونى ئىچەمدا باللا ؟

ئازراق سۇ قۇيۇپ شوگىروچ قىلىپ ئىچسە بولاۋىردۇ

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 20:15:43

ruslan007:

Toghrak731:
قايسى يۇرۇتتا يىيىش دەيدۇلەڭپۇڭ ئىچىپ كىرەي مەن. پۇرچاقنى جىق سالدۇرۇپ

قەشقەردە لەڭپۇنى يەيدۇ ، دوغ نى ئىچىدۇ .

قەشقەرگە بارغاندا دوسلارغا، ماڭە گۇيلا لەڭپۇڭ ئېچىمىز دىسەم، سەن لەڭپۇڭ ئېچىش ئۈچۈنلا كىلەمسە دەيدۇيا ئەمىسە

بەت: [1] 2 3 4 5
: ئىزدىنىشتىكىلەرگە قوشاق