UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 04:53:37

تارىختا بۈگۈن (26-ئۆكتەبىر )

1863-يىلى بۈگۈنكى كۈندە  ئەنگىلىيە پۇتبول جەمئىيتى لوندوندا قۇرۇلغان، بۇ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان  .

1905-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە نورۋىگىيە  شىۋىتسارىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان .

1930-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بىرازىليەدە سىياسى ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن .

1947-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى خانىمى ھېلارى كېلىنتون تۇغۇلغان .

1955-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە ئاۋېستىرىيە مەڭگۈ بىتەرەپ ئورۇننى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان .ئۇرۇشتىن كىيىن ئاۋېستىريەنىڭ زىمىنىنى سوۋېت ئىتتىپاقى،ئامېرىكا،ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۆلۈشۈپ باشقۇرغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى شەرتنامىگە ئاساسەن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى يۇقارقى تۆت دۆلەت چىكىنىپ چىقپ كەتكەن ،ئۇ كۈنى ئاۋىستېريە ھۆكۈمىتى بۇندىن كىيىن ھەرقانداق ھەربى گورۇھقا قاتناشمايدىغانلىقىنى ،ئۆزدۆلىتىنىڭ زىمىنىدا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .يۇقارقى تۆت دۆلەتمۇ بۇنى قوللىغان .

1955-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ۋېيتنام دۆلىتنىڭ نامى ۋېيتنام جۇمھۇريىتىگە ئۆزگەرتىلگەن .

1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو پىدائىيلار قوشۇنى چاۋشىيەندىن چىكىنگەن .

1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۇبا باشقۇرۇلدىغان بومبا  كىرزىسى يۈز بەرگەن .يەنى خېرشىنوف ئامېرىكا  تۈركىيەدىن باشقۇرۇلدىغان بومبىسنى ئېلىپ چىقىپ كەتسە ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ كۇبادىن باشقۇرۇلدىغان بومبىسىنى ئېلىپ چىكىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ، ئەمما لىكىن بىراق ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچۇرىغان .

1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندا تىكئۇچار ئايروپىلاننىڭ كەشپىياتچىسى شىكىرسىج ۋاپات بولغان .

1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندا مىسىرنىڭ سابىق زوڭتۇڭى سادەت ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان .بۇ مىسىر رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ .

1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندا دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى چېچەكنىڭ يوقۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىغان .

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جىياڭ زىمىن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان .

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى ۋە بەيدۇ  تورى

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 07:49:51

بەزى ئىسىملەردە سەل چاتاق با چىراي~~~

1905-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە نورۋىگىيە  شىۋىتسارىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان .

مانىڭدا دىيىلگىنى شىۋىتسىيەدۇ؟

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(26-ئۆكتەبىر)