hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 22:50:10

ئەقىل چىش

ئىككى كۈندىن بۇيان ئېغىزىمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئىچى ئاغرىپ تولىمۇ بىئارام قىلدى. بۈگۈن ئەتتىگەن ئوڭ يۈزۈم ئازراق ئىشىپ قاپتۇ. دەرھال چىش دوختۇرىغا كۆرۈندۈم. چىش دوختۇرى ئېغىزىمغا بىر قاراپلا سىزگە ئەقىل چىش چىقىپتۇ. شۇڭا ئاغرىغان گەپ دىدى. نېمە؟ 28ياشقا كىرگەندىمۇ چىش چىقامدا؟ سورىدىم دوختۇردىن. چىقىدۇ، ئەمدى تەخمىنەن 15كۈنلەرگىچە مۇشۇنداق ئاغرىشى مۇمكىن. ھەتتا يۈزىڭىز خېلىلا ئىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، قۇرامىڭىزغا يېتىپ بولغان بولغاچقا چىش مىلىكىڭىز قېتىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق چاغدا چىش چىقسا ئەلۋەتتە ئاغرىيدۇ. دوختۇر شۇنداق دىگەچ غار-غار سۈيى بىلەن يەنە بىر سۇيۇق دورىنى بەردى. چۈشتىن بۇرۇن چىشىم ئاغرىپ ئىشىلىرىمنىمۇ ياخشى قىلالمىدىم. چۈشتە ئۆيگە كەپ، ۋاي چىشىم دەپلا تاماققىمۇ قارىماي يېتىۋالدىم. ئايالىم دوختۇر نېمە دەيدۇ دەپ سورىدى. ماڭا ئەقىل چىشى چىقىپتۇ قاراڭ دېدىم ئۇنىڭغا ۋايسىغان ھالدا. ۋاي چىدىماس، قاراڭ قىزىمىزغا، شۇ تاپتا بىراقلا تۆت تال چىش، چىش مىلىكىنى يېرىپ كۆزگە كۆرۈنۈپ قاپتۇ.(قىزىم بىر ياش ئىككى ئايلىق بولدى. سەككىز تال چىشى چىقىپ بولدى، ئەمدى يەنى تۆت تال چىش يېڭىدىن چىقىۋېتىپتۇ) قىزىمىز ھەجەپ يىغلىماي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرسە سىزنىڭ ۋايساپ كەتكىنىڭىزنى. مەن ئۇنىڭغا دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. چۈشتىن كېيىن توردىن ئەقىل چىش ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدىدىم. بىر تور بەتتە ئادەمنىڭ 28-32غىچە چىشى بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تال چىشنىڭ ئەقىل چىشى ئىكەنلىكى، ئەقىل چىشنىڭ ئادەتتە 24ياشلاردا چىقىدىغانلىقى، بەزى ئادەملەردە ئەقىل چىشنىڭ بىر ئۆمۈر چىقمايدىغنلىقى ھەققىدىكى ساۋات بار ئىكەن. چۈشتىن كېيىن چىشىم بەكرەك ئاغرىدى. دەرھال دوختۇر بەرگەن سورىنى ئېغىزىمغا ئېلىپ، غار-غار قىلدىم. بىردەمدىلا خېلى پايدىسى بولدى(خالمۇرات غوپۇرنىڭ غار-غار سۈيى خېلى بولىدىكەن). گەپ ئۇزىراپ كەتتى ھە. مەقسەت مۇشۇ ئەقىل چىش نېمە ئۈچۈن بەزىلەرگە چىقىپ، بەزىلەرگە چىقمايدىغاندۇ؟ ئەقىل چىش نېمە سەۋەپتىن چىقىدۇ؟ ئەقىل چىش چىققاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟ مۇشۇ مەسىلىلەردە بىلىدىغانلار بىلەن ئورتاقلاشساق دىگەن ئويدىمەن.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 22:57:44

قايسى كۈنى بىر ئايال ئۆزىدە 32 چىشى بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى ،يەنە بىر ئايال مازاق قىلغاندەك ،سىز ھايۋانمۇ ،ئادەم دىگەنگە 28چىش چىقىدۇ دەپ كۈلۈپ كەتتى ،مەنمۇ ھەيران قاپتىمەن بۇ گەپكە ،چۈنكى مېنىڭمۇ 32 چىشىم بار ئىدى ،مەنمۇ ئۇلارغا 32 چىش توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسەم ئاندىن ھەيران قالمىغان ،ماڭا 18 ياش ۋاقتىمدا بىراقلا 4 تال چىش چىققان ،ئۇ ۋاقتىدا ئۇنچە ئاغىرىمىغان ،قانچە بالدۇر چىقسا شۇنچە ئاغىرىمايدىكەن .

قارىغاندا ،ئەمدى ئەقىل تاپقان ئوخشايسىز

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 23:03:43

مېنىڭ تولۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچۇمغا 29 يېشىدا ئەقىل چىشى چىقىپ ،15 كۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوڭشالغان .

رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ،ئەقىل چىش چىقىپ بەك ئاغرىپ كېتىپ ،ئېڭەكلىرىڭىز ئىشىشىپ كەتكەندە ،قوش كېزەل تۇغقان ئاياللار  تېپىپ قويسا ئوڭشۇلارمىش ،ئەمىليەتتىن ئۆتكەن رىۋايەتكەن

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 23:10:52

قارقاشلىقنىڭ 32 چىشى بار جۇما !

hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 23:15:02

نېمە دەيدىغانسىز تارىمى، شۇ تاپتا ئاغرىپ ئاران تۇرغاندا قوشكېرەك تۇغقان ئايال ئەمەس، قىزىم مۇنداقلا ئۇرۇپ قويغانتىمۇ خېلى ئاغرىدى. ئەمدى چىش چىقىپتىكەن، دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ دېسە نىمە سەتچىلىك دەيمەن. خۇدايىم ئۆزۈڭ شىپالىق بەرگەيسەن.

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 23:20:57

ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭼﯩﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯘ ﭼﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ : ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭼﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭻ ، ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ --- ﺩﯦﺪﻯ . ﻫﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭ ﻛﯚﭘﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﻪﻥ (ﺗﺎﻍ ﺋﯩﺴﻤﻰ) ﺩﯨﻦ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ  ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﯩﯖﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ~ ﭼﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .   ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺷﯘ .

kawsar2000 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 23:52:18

توخو سۈتى پايدا قىلامەكى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 05:03:37

مىنىڭ چىشىم ئۇتتۇز. يەنە ئىككىسى قاچان چىقار؟

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 05:40:35

kuyaxoghli:
مىنىڭ چىشىم ئۇتتۇز. يەنە ئىككىسى قاچان چىقار؟

ئەقلىڭىز توشقاندا چىقىدۇ، تېخى كىچىك تۇرسىڭىز.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 08:19:03

ئالدىنقى ھەپتە مەنمۇ چىشىپ ئاغرىپ دوختۇرخانىغا باردىم ، ئەزەلدىن چىشىپ ئاغرىپ باققان  بەندە ئەمەستىم ،  دوختۇر كۆرە - كۆرمەيلا يىڭىدىن چىش چىقىپ بۇرۇنقىسىنى تىپىۋىتىپتۇ ، تارتىۋىتىمىز دەيدۇ ، قورقۇپ كىتىپ يىنىپ كەلدىم ، ھازىر ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى بىر ئىككى قىتىم يىگەنتىم ، يامان ئەمەس ھازىر ،

زادى مۇشۇ چىشنى تارتىۋىتىش كىرەكمۇ ياكى ؟ بىشىڭلاردىن ئۆتكەنلەر دەپ بىقىڭلار ؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 08:27:23

ھەممە چىشنىڭ ئورنى بار ،ئۆز ئورنىغا چىقمىغان چىشنى تارتىۋەتسە بولىدۇ ،لىكىن ئاۋۇ دوختۇردەك يېڭىسى كونىسىنى يەكلەپتۇ دەپلا تارتىۋەتسە قانداق بولىدۇ ..ئەقىل چىشى دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم قويۇلۇشنىڭمۇ ئاساسى باردۇ ،شۇڭا تارتىۋېتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقمىكىن،مېنىڭكىمۇ ھېچقايسسى بىر بىرنى يەكلىمەيدىغۇ .

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 08:28:33

مىنىڭ 2 يىلىڭزى 2سى چىقىپ بولدى،لىكىن سىزنىڭكىدەك بەك ئاغرىمىغان.

شۇ نىمىلا يىسەم شۇ يەرگە بىرۋىىلىپ.سوغۇقلۇق يىمەڭ،بەك ئاغرىيدۇ،مۇمكىن بولسا ئايالىڭىز كۇندىلا دىگۇدەك يۇمشاق تاماق ئىتىپ بەرسۇن.نەچچە كۇندىن كىيىن چىش يىرىپ چىقىپ بولسا ياخشى بولۇپ كىتىسىز ئىنشائاللاھ.

hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 09:18:44

ئايالىم بوۋىيىنى كۈتكەندەك كۈتىدىغان بولدى دە ئەمدى. لەغمەنلەرنى بەكرەك پۇشۇرۇپ، يىسسىلاپ سېلىپ دىگەندەك. ئاخشام چىشىمنىڭ شۇنچە ئاغرىشىغا قارىماي، ئىزدىنىشقا بۇ تېمىنى يازغانتىم. كېچىچە چىشىم ئاغرىپ ۋايجىنىمنى چىقاردى. خۇداغا شۈكرى بۈگۈن خېلى ياخشى. ئەمدى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى يەي دەۋاتىمەن.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 09:33:21

خۇداغا شۇكۇر،مىنىڭ سىزدەك بەك ئاغرىمىغان.دورا ئىچمىسىڭىز ياخشى بولارمىكى.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 09:52:21

مەن بۇ توغرىسىدا تازا بىلمەيدىكەنمەن.لېكىن  كەلسىڭىز چىش دوختۇرخانىسىدىكى دوستلىرىمغا دەپ ئۇلارغا دەرس بېرىدىغان ئەڭ ئۇستا پروففېسورلارغا كۆرسىتىپ قويىمەن.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 09:56:52

قورقۇتماڭلا ئادەمنى ھېي بالىلار، يېشىم چوڭىيىپ كەتتى، چىشىم تېخى 28

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:38:20

منىڭ 32-سىنىڭ ئىچكى تەرىپى ئازراق گۆشنىڭ ئېچىدە ،شۇيەر داۋامىلىق ياللۇغلىنىپ قالىدۇ،قانداق قىلسام بولا؟

raul113 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 20:28:12

چىشىڭلارنى قانداق سانىدىڭلار ؟  {:92:}

raul113 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 20:28:17

چىشىڭلارنى قانداق سانىدىڭلار ؟  {:92:}

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 20:38:32

راس مىنىڭ قانچە تال چىشىم بادۇ ساناپمۇ باقماپتىمەن \"\" ،،قانداق ساندىڭلار چىشىڭلانى

؟  {:92:}
بەت: [1]
: ئەقىل چىش