OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 17:24:06

كومپىيوتىرىمغا دىئاگىنۇز قۇيۇپ بەرسەڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت سەللىمازا تۇردۇڭلارمۇ ؟ ئەمما لىكىن مىنىڭ ماۋۇ كومپىيوتىرىم سەللىمازا تۇرماي مىنى بەك جىلە قىلىۋەتتى شۇڭا بۇ ئەبجەقكە بىر دىئاگىنۇز قۇيۇپ بەرسەڭلار زادى نىمە كېسەل تەگدى بۇنىڭغا .

گەپكە كەلسەك كومپىيوتىرىمغا ئىچكى ساقلىغۇچ تۆۋەن بۇلۇپ قالدى دەپ بازاردىن   DDR800 2GB  لىك ئىچكى ساقلىغۇچ  سەپلىگەن ئىدىم. دەل مۇشۇ ئىشتىن كىيىن بۇ كاساپەت تازا سەللىمازا بۇلالمايۋاتىدۇ .

سېستىما قاچىلىسام قاچىلانماس بۇلىۋالدى . گوس ھۆججەتلەرنى ياندۇرسام 60-70% قاچىلىنىپ قاچىلانمايدۇ بەزى تۇلۇق گوس يانغانلىرى بولسا قاتتىق دىتال تۇنۇيدىغان يىرىگە كەلگەندە قېتىۋېلىۋاتىدۇ ۋىندوۋىس 7 نىڭ باشتىن قاچىلىنىدىغان نۇسقىسىنى قاچىلاي دىسەممۇ ئوپتىك دىسكىدىن قاچىلىيالمىدى . بىر كۈن جېدەللىشىپ ئاخىرى توردىن چۈشىرىۋالغان بىر xp نىڭ گوس ھۆججىتى تۇلۇق قاچىلانغان بولدىيۇ لىكىن قاچىلىنىپلا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ كۆك ئېكران چىقىۋېلىپ بەك بىئارام قىلىۋاتىدۇ . شۇڭا ماڭا بىر يوك كۆرسەتسەڭلار زادى نىمە چاتاق چىققاندۇ .

كومپىيوتىرىمنىڭ ئاساسىي سەپلىمىسى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك :

ئۈزۈم wendows优化大师  دا تەكشۈرۈپ كۆرسەم ماسلىشىچانلىقى يامان ئەمەس چىقىۋاتىدۇ .

نىمە ئىش بولدى بىر دىئاگىنۇز قۇيۇپ باقساڭلار ..

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 19:37:58

قاتتىق دېسكىنىڭ سىمى مىدىراپ كەتكەن ئوخشايدۇ. يەنىلا سۇغۇرۇپ سېلىپ بېقىڭ.

ئۇنداقتا ساقايمىسا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىگە قارىغاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ p4 كەن. غول يول (总线) سۈرئىتى يىتىشمىگەندەك. ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 667 ياكى 533 مىگا گىرتىسلىقىنى سىناپ بېقىڭ.

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 19:34:14

باچكىنى ساقلاۋاتىمەن .ئۇياق كىلىپ ئوڭشىسۇن  .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 19:46:09

ئەسلى ئىچكى ساقلىغۇچقا قايتۇرۇپ كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ چىڭ چۈشمىگەن ئىشلار بارمۇ؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:06:14

باچكا بۇرادەر، سىز دىگەن mbr نى ئوڭلايدىغان ھېلىقى سېستىمىنى چۈشۈرۈپ دىسكىغا ئويدۇرۇپ قوزغاتساممۇ كومپىيوتېرىم ساقايمىدى، بىراقلا دىئاگىنوز قويۇۋېتىڭە . رىمونىت قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ دىۋەتمەمسىز؟

turkex يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:09:31

مۇشۇ كاشىلنى يەنىلا ئىچكى ساقلىغۇچتىن كۈرۈشكە بۇلىدۇ سىز ئاۋال باشقا ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى سېلىپ سىناپ كۈرۈپ بېقىڭ يەنە ماۋۇ بىزنىڭ ئەمدى ئۇچۇندى بولغان باچكىنىڭ گىپىنىڭمۇ ئاساسى بار بۇرۇنقى كونىسىنى قايتا سېلىپ بېقىڭ ياكى ئىچكى ساقلىغۇچ نى چۈشۈدىغان ئورنىغا ياخشى سالماي قالمىغانسىز

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:15:04

سىز ئۇنى دېسكىغا قانداق ئويدىڭىز، دىمەكچى بولغىنىم، پۈتكەن دېسكىدا ئاشۇ بىرلا ھۆججەتنىڭ ئۆزى كۆرۈنسە بولمىغىنى، image  ھۆججەتنى ئويۇش قىلىپ چىقارسىڭىز، دېسكىدا بىر نەچچە ھۆججەت كۆرۈنگەن بولسا نورمال قوزغىلىدۇ، سىزنىڭ قانداق ئەھۋالكەن؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:26:58

مەن بۈگۈن دەپتىرىمىنىڭ بېسىم ئۆزگەرتكۈچىنى كۆيدۈرىۋالدىم، ھەي ئېسىت!

ئاۋۋال كومپيوتىر كۆيۈپ قالغانمىدۇ دەپ قورقۇپ كەتكەن، كېيىن باتارىيەنى سالسام ئېچىلدى، ئۇھ!... شۈكرى دېدىم.

دۇكانغا بارسام ئەسلى سەپلىمىسى 500سومدىن تۆۋەن ئەمەسكەن، باچكا ئەپەندىم، ئەرزانراقلىرى بولسا تەۋسىيە قىلىڭە بىر. compaqنىڭ CQ40دېگەن مودېلى ئىدى.

كۆيدۈرۈپ بولۇپ يەنە خىيالىمدا يوق باتارىيە تۈگىگىچە ئىزدىنىشتا زوڭزىيىپ ئولتۇردۇم دېسە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:52:56

بىسىم تەڭشىگۈچ قۇۋۋىتى ئەسلى نەچچە ۋات ئىكەن؟ 30 ۋات، 40، 65، 90 ۋاتلىقلىرى بويىچە باھاسى ئوخشىمايدۇ، ۋات ۋانى، Mini مۇ، زېرەكمۇ، نېپىزمۇ.. شۇلارغا قارىتا باھاسىمۇ پەرق قىلىدىكەن، بۇلارنىڭ چىقىرىش بېسىمى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، يەنە، مۇھىمى سىزنىڭ باتارىيىڭىز نەچچە مېغىزلىق، 6 مۇ، 8 مۇ.. بۇلارغا ماس كېلىدىغان بىرىنى تۈۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈپ بېقىڭ، ئاندىن تاۋباۋ ياكى ئالى بابا دا مۇۋاپىقلىرى ئۇچراپ قالامدۇ ئېھتىمال..

بۇ ئادرىسقا كىرىپ، تەڭشىگۈچتىن بىرەرنى چېكىپ، چىققان بەتتىن 参数 غا كىرىپ تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق تىپىنى تاللاپ چىقسىڭىز بولىدۇ..

http://product.pconline.com.cn/notebook_zb/hp/c5930/

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 21:03:44

باچكا بۇرادەر، سىز دىگەن سېستىمىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن پىرىستىن يەشسەم ghost-82.nrg  دىگەن بىر ھۆججەتلا كۆرۈندىكەن، ئەمما پىرىستىن يەشمەي كۆرسەم باشتا يۇقىردىكى ھۆججەت، ئاندىن ezboot دىگەن ھۆججەت خالتىسى، ئاندىن cdmenu.ezb ۋە ghos.imgدىگەن 2 ھۆججەت كۆرۈندىكەن، ئەمما قانداق قىلىپ شۇ ئىككى ھۆججەتنى كۆرۈندىغان قىلىپ دىسكىغا ئويۇپ ئىجرا قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

بۇ توغرىسىدا كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياردىمىڭىزنى  ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 21:28:06

رەھمەت جۇما ئاغىنەم!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 22:01:22

ghost-82.nrg دىگەن ھۆججەتنى NERO دا مۇنداق ئۇسۇلدا ئويسىڭىز توغرا بولغان بولىدۇ:

لېكىن تەكلىپىم، باشقا دېسكىغا زاپاسلاپ بولغان بولسىڭىز بۇنى خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، شارائىت بولمىسا، بالىلار ئېيىتقاندەك، “fdisk /cmbr نى سىناپ كۆرۈڭ، لېكىن مەن ئىشلىتىپ كۆرمىگەن..

http://wangxinyang1290.blog.163.com/blog/static/1899376620079170414604/

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 22:35:18

بوغدا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ س ت غا سەپ باقسىڭىز ، ئاندىن سەللىمازا دىئاگنوز قۇيالايتۇق ....

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 08:59:30

Baqka:

ئەسلى ئىچكى ساقلىغۇچقا قايتۇرۇپ كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ چىڭ چۈشمىگەن ئىشلار بارمۇ؟

ئەسلى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئۈستىدىن پۇل قۇشۇپ ماۋۇ ئىچكى ساقلىغۇچقا تىگىشكەن ئىدىم .

باشقا ئىچكى ساقلىغۇچ سېلىپ سىناپ باقسام بۇلامدۇ نىمە ...

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 09:18:36

ئېنقىلا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشى.

يەنە sata قاتتىق دېسكا بولسا قاتتىق دېسكىنىڭ توكقا چېتىلدىغان ئېغىزى مىدىراپ كەتتىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئازراقلا مىدىراپ كەتسە ۋىندوۋس قاچىلىنىپ يېرىم يولغا كەلگەندە كاشلا چىقىدۇ، ياكى سىستېما قوزغالمايدۇ. sata قاتتىق دېسكىنىڭ توكقا چېتىلدىغان ئېغىزى بەك نازۇككەن، مېنىڭ كومپىيۇتېرىم بەزىدە قوزغالمايدۇ، ئاشۇ يەرنى چىمداپ قويسام ئاندىن ئوڭشىلدۇ.

بەت: [1]
: كومپىيوتىرىمغا دىئاگىنۇز قۇيۇپ بەرسەڭلار