kizilpaqak يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 15:45:45

ئاتا-ئانىلارغا يىزىلغان بىر پارچە خەت

      يىقىندا ئامېرىكىلىق بىر مائارىپ مۇتەسسسى بالىلارنىڭ نامىدا ئاتا-ئانىلارغا بىر پارچە خەت يىزىپ ئېلان قىلغان، خەتتە مۇندادق دىيىلگەن:

   1. مىنىڭ قولۇم ئىنتايىن كىچىك، مەيلى قانداقلا ئىش قىلماي، مەندىن مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلماڭ: مىنىڭ پۇتۇم تولىمۇ قىسقا، سىزگە يېتىشىۋېلىشىم ئۈچۈن، ئاستىراق يۈرۈڭ.

      2. مېنىڭ كۆزۈم سىزنىڭكىگە ئوخشاش كۆپنى كۆرمىگەن، مىنى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئاستا- ئاستا كۆزەتكىلى قويۇڭ، ماڭا كۆپلەپ چەكلىمە قويماسلىغىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

      3. ئائىلە ئىشلىرى بەك كۆپ،بىراق مېنىڭ بالىلىقىم تولىمۇ قىسقا، ئائىلە ئىشلىرىدىن بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ، ماڭا دۇنيادىكى قېزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىڭ، مىنى ئۆزىڭىزنى خۇش قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالماڭ.

      4. مېنىڭ كۆڭلۈم تۇلۇمۇ نازۇك، مېنىڭ ئىنكاسىمغا سەگەكرەك بولۇڭ، ھەرگىزمۇ كۈنبۇيى ئەيىپلەۋەرمەڭ، ماڭا خۇددى ئۆزىڭىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماڭ.

       5. مىنى ئاسراڭ،دائىم مېنىڭ باشقىلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشىمنى تەكىتلەپ تۇرۇڭ، ئىش قىلىشىمغا يىتەكچىلىك قىلىڭ، نېمىگە تايىنىپ تورمۇش كۆچۈرۈش ھەققىدە تەربىيە بېرىڭ.

      6. مەن سىزنىڭ مىنى دائىم تەنقىد قېلىشىڭىزغا ۋە قورقىتىشىڭىزغا ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىشىڭىزغا موھتاج، مىنىڭ خاتا قىلغان ئىشىمنى تەنقىد قىلسىڭىز بۇلۇدۇ، بىراق،ئەيىپلەۋېرىشىڭىزنى خالىمايمەن.

       7. ماڭا بىرئاز ئەركىنلىك بېرىڭ، بەزى ئىشلارنى ئۆزۈم قارار قىلاي، مېنىڭ مەغلۇپ بولىشىمغا يول قويۇڭ، مەن مەغلۇبىيەت ئىچىدىن ساۋاقنى قوبۇل قىلاي، ھامان بىر كۈنى مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش يۇلۇمنى ئۆزۈم بەلگىلەيمەنغۇ.

       8. مەن سىز بىلەن بىللە كۆڭۇل ئاچاي، خۇددى سىلەرنىڭ مەندىن خۇشاللىق تاپقىنىڭلارغا ئوخشاش، مەنمۇ سىلەردىن خۇشاللىققا ئېرىشىشكە مۇھتاج.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 17:01:08

توغرا ،يۇقارقىلار ئاتا-ئانا بولغۇچى دائىم ئەستىن چىقارماسلىغى لازىم.بولۇپمۇ تۇنجى بالىنى تەربىيلەشتە تەجىربە بولمىغانلىغى ئۇچۇن دائىم خاتالىشىدىغان گەپكەن.ئىكىنچى بالىنى تەربىيلەپ ئەمدى بىر تەجىربە توپلىغاندا تولىمۇ كېچىدىكەنسىز.

Micheal-17 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 11:51:27

نىمە دىگەن گۈزەل جۈملىلەر بۇ،بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،يىڭىدىن بالىلىق بولغانلار تامغا چاپلاپ قويسا بولغۇدەك...
بەت: [1]
: ئاتا-ئانىلارغا يىزىلغان بىر پارچە خەت