UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 11:30:29

تارىختا بۈگۈن (24-ئۆكتەبىر )

1844-يىلى  بۈگۈنكىن كۈندا فىرانىسيە بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا يەنەبىر تەڭ ھوقۇقسىز شەرىتنامە <خۇڭپۇ شەرىتنامىسى>ئېمزالانغان.

1857-يىلى بۈگۈنكى كۈندا دۇنيادىكى تۇنجى پۇتبول كۇلۇبى ئەنگىلىيەنىڭ Sheffieldشەھرىدە قۇرۇلغان .

1860-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چىڭ ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە بىلەن <جۇڭگو-ئەنگىلىيە بېيجىڭ شەرىتنامىسى>نى ئىمزالىغان .

1877-يىلى بۈگۈنكى كۈندە زوزوڭتاڭ ۋە لىيۇجىنتاڭ قوشۇنلىرى ياقۇپبەگ ئىگدارچىلىقىدىكى شىنجاڭنىڭ مۇھېىم شەھىرى ئاقسۇغا ھوجۇم قىلغان .ليۇجىنتاڭ شىنجاڭ 1884-يىلى ئۆلكە بولغاندىن كىيىنكى تۇنجى باش ۋالى .

رەسىمدىكى ياقۇپبەگ

رەسىمدىكى زوزۇڭتاڭ

1895-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جىياۋۇ ئۇرۇشى بولغان .ياپونىيە جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن .

1898-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پېڭدېخۈي تۇغۇلغان .

1901-يىلى كېداك شېركىتى柯达公司 تۇنجى رەسىم تارتىش ئاپاراتىنى بازارغا سالغان .

1922-يىلى ماۋزېدونىڭ ئوغلى ماۋئەنيىڭ تۇغۇلغان .1950-يىلى چاۋشىيەن ئۇرىشىدا ۋاپات بولغان .

1930-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە بىرازىلىيەدە قان ئاقمىغان سىياسى ئۆزگۈرۈش بولۇپ ،بىرىنجى جۇمھۇريەت تەخىتتىن چۈشكەن .

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە  ب د ت رەسمى دۇنياغا كەلگەن .

1960-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ P-16ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبىسى پارتىلاپ كەتكەن .100دىن ئارتۇق خىزمەتچى ۋە ئالىملار قازاغا ئۇچىرىغان .

1973-يىلى 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى رەسمى ئاياغلاشقان .

1991-يىلى جۇڭگو شاھمات جەمئىيتى قۇرۇلغان .

2001-يىلى ۋەكپىدىيە قامۇسىنىڭ خەنزۇچە نەشىرى رەسمى ئېچىۋىتىلگەن .ئادىرسى :http://zh.wikipedia.org/

2003-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سوڭمىيلىڭ(جىياڭ جېشىنىڭ خوتۇنى ۋە دېپلۇماتىيە ياردەمچىسى) ۋاپات بولغان .

2007-يىلى چاڭئې 1 ناملىق ئاينى تەكشۈرۈش سۈنئى ھەمرائى مۇۋەپپىقيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن .

مەنبە:ۋىكپىدىيە قامۇسى

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 12:24:53

ياقۇپبەگنىڭ يەنە بىر رەسىمى بارتىغۇ، كۇرسىدا ئولتۇرغان...

Esyankar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 15:12:01

ئىككىلىسى ياقۇپ بەگمۇ ياكى ،،،،،، يەنە باشقا رەسىملىرى بولسا يوللاپ قويىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن . نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دىيارىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرنى توپلاۋاتاتىم . شۇڭا باشقا رەسىملىرى بولسا ،،،،،،،،،،،،،دىگەنتىم .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 16:13:23

زوزۇڭتاڭنىڭمۇ ئاشۇنداق ساقىلى بارمىكەنتۇق ؟  ھىچ ئىشەنمىدىم ئا زوزڭتاڭ دېگەن رەسىمگە .  قوش قاپاق ، ئېگىز بۇرۇن تېخى !

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 22:09:26

kainam:
زوزۇڭتاڭنىڭمۇ ئاشۇنداق ساقىلى بارمىكەنتۇق ؟  ھىچ ئىشەنمىدىم ئا زوزڭتاڭ دېگەن رەسىمگە .  قوش قاپاق ، ئېگىز بۇرۇن تېخى !

سىزگە ئاشۇنداق كۆرنىۋاتامدا؟

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(24-ئۆكتەبىر)