Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 10:24:21

StarCraft پىلانتلار ئۇرۇشى

StarCraft پىلانتلار ئۇرۇشى

بۇ ئۇيۇننى ئوينايدىغانلار ئىزدىنىشتا بارمىدۇ، بۇنىڭ بىرىنچى نەشىرىنى ئويناپ ئالىي مەكتەپنى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپى ھازىر خىزمەتكە چىقىپ بولدى، ئىككىنچى نەشىرىنى قانداق ھېسىياتتا ئوينايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن...

بۇ ئۇيۇن Terran، Protoss،Zerg قاتارلىق ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن.

(Blizzard Entertainment) بلىزىردشىركىتى 1991- يىلى قۇرۇلغان. باش شىتابى كالفورنىيىدە. ئۇنىڭ ئالۋاستىلار ئۇرۇشى، پىلانىتلار ئۇرۇشى قاتارلىق مەشھۇر ئۇيۇنلىرى بار.
1998- يىلى StarCraft نى ئېلان قىلدى. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن بىر مىليون نۇسخا تەييارلاندى. ئاۋال Windows قا، ئاندىن Macintosh قا چىقىرىلدى.
1999- يىلى، StarCraft كورىيىنى تەۋىرتىۋەتتى، Blizzard مۇسابىقە مۇكاپاتقا 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە ماددىي بۇيۇم تەييارلىدى.
2010- يىل 7- ئاينىڭ 27-- كۈنى StarCraftⅡ (ئىككىنچى نەشىرى) نى ئېلان قىلدى..

freebird يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 10:52:26

StarCraft بىلەن WarCraftئېسىل ئويۇنلار ئىدى .

ئالىي مەكتەپتە باللا بىلەن تولاراق WarCraft ئوينايتتۇق ، ئاجايىپ قىزىپ قوياتتى جۇما! Kanji بەك ئۇستا ئىدى!

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 11:09:57

مېنى قىزىقتۇرالمىدى بۇ ئويۇن.

بۇنداق تاكتىكا ئويۇنلىرنىڭ ئىچىدە Red Alred3 红警3 نىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوقمىكىن دەيمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 11:19:48

قىزىل تىۋىركا3 نى ئۇقمايمەن.ئەمما 2 دە بىر گە ئىككى يەڭمەك بەس مۈشكۈل.

مانىڭدا 1 گە قارشى يەتتىنى تاماكىنى قېڭغىر چىشلەپ ئولتۇرۇپ ياسىۋېتىدىغانلارنى بەك جىق ئاڭلايدىغان

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 11:35:20

شىركەتتە ئوينايدىغاندا قىزىل تېروگادا مەن تولاراق ياسايىتتىم ئالتە- يەتتىمىز تورلىشىپ ئويناپ.. StarCraft نى كىچىك بالىلارنى يىغىۋېلىپ ئويناپ بېقىپتىمەن 256*256 لىك مەيداننى تاللاپ، ئاتوم بومبىسى دىگەننى ياغدۇرۇپ تازا! UN نىڭ كۈچى بىزگە يەتمەيىتتى چوڭلار بىلەن بىرەر قېتىم ئويناپ باقمىدىم.

يەنە كۆك رەڭلىك تېروگا مۇ بار، كىشىنىڭ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى بەك سىنايدۇ..

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 12:20:40

مۇشۇ ئىستراتېگىيە ئويۇنلىرى ئىچىدە مەن ھەممىدىن Generals نى ياخشى كۆرىمەن. بۇرۇن ئاغىنىلەر بىلەن بەك ئوينايتۇق. ھازىرمۇ ئۆزەم ئېچىپ پات-پات ئويناپ قۇيىمەن. بۇرۇن ساپلا ئامېرىكىنى تاللاپ ئوينايتىم، مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئەڭ ئاجىز، قۇراللىرىمۇ ئەڭ ئىپتىدائى بولغان مۇسۇلمان ئارمىيەسىنى تاللاپ ئالدىمغا چىققان ھەممىسىنى يېڭىپ، خۇددى راس جەڭدە غەلىبە قىلغاندەك خوش بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە بىر توپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ گۇينىڭ قۇلىغا كالاش تۇتقۇزۇپ قويسا بەك يامانلىشىپ كېتىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 12:49:06

قىزىل تېرۋوگا 3 تە ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتنى خېلى ياخشى ئىپادىلەپتۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى بىلەن ھاۋا ئارمىيىسى بەك كۈچلۈك.

ياپونىيىنىڭ ماشنا ئادەملىرى بەك تەرەققى قىلغان، ئۇچقۇچىلىرى ساموراي روھى بويىچە ئايرۇپىلاننى نىشانغا سوقۇپ ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىدۇ. ياپۇنىيىنى تاللىسا پۇلنى ئاسان تاپقىلى بولىدۇ.

رۇسىيەنىڭ يادرو قۇرالى بەك يامان. يەنە ئالەم بوشلۇقى قوراللىرى بار.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 12:57:42

كورىيىلىكلەر كىرىشتۈرگەن بىر مۇزىكىسى بارتى، بەك ياخشى كۆرەتتىم، شۇنداق جۇشقۇن، يوقىتىپ قويدۇم ئەپسۇس

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 14:11:25

بۇنىڭ 2-سىنى مەن 3-ئايدا ئوينىغانتىما؟ ھېلىمۇ كومپىيۇتېرىمدا تۇرىدۇ. 1-سىنى ئويناپ كۆنمىگەچكە 2-سىگىمۇ بەك قىزىقالمىدىم. يەنىلا قىزىل تېرىۋوگاغا ئامراقكەنمەن

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 14:13:09

قىزىل تېرۋوگانى مەنمۇ مۇشۇ يازدىن باشلاپ ئويناشقا باشلىدىم.دەسلەپتە ياپونىيەنى قەتئى قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالمىغان ئىدىم كىيىنچە ئۇنىمۇ يامان ئەمەس ئوينايدىغان بوپ قالدىم ،ئىشقىلىپ قىزىل تېرۋوگا3 پەيزى بىر خىل~~~~

mux يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 14:48:00

مەن ماۋۇ جۇڭگۇنىڭ رىۋايەت(传奇私服 )ئۇيۇننى ئانچە - مۇنچە ئويناپ قويمەن!~~~

rock يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 16:15:20

red3 نى ئويناپ باقماپتىمەن، لېكىن مەرداننىڭ گېپى ياپونلۇقنى ئاففانلىق قىلىپ قويغاندەك تۇيغۇ بەردا.

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 16:54:17

روك، مېنىڭ دېگىنىم بىلەن سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلار بىر ئەمەس. مەن Red Alert نى ئەمەس Generals نى دەۋاتىمەن. مېنىڭ دىگىنىمدە ياپۇنلۇق يوق. ئامېرىكا، جۇڭگو، خەلقئارالىق مۇسۇلمان ئارمىيەسى دەپ 3 خىل كۈچ بار.
بەت: [1]
: StarCraft پىلانتلار ئۇرۇشى