قارا ئالتۇن تاغ شىركىتىگە خېرىدار چاقىرىمىز
شىنجاڭ قارا ئالتۇن تاغ سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ
خېرىدار چاقىرىش ئېلانى
شىركىتىمىز 2008 - يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق سودا - سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى توشۇش - تىرانسىپورت ساھەسىدىكى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك ، توشۇش - تىرانسىپورت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان ، سودا ، ئىشلەپچىقىرىش ، توشۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنۋېرسال ئىقتىدارى كۈچلۈك شىركەت .
شىركىتىمىز چوڭ تىپتىكى قاتناش ۋاستلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تىجارەت قىلىۋاتقان كەڭ خېرىدارلارنىڭ تىجارىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشى ، تېخىمۇ تىز باي بولۇشى ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى تىجارەت تۈرنى كىڭەيتتۇق :
شىركىتىمىز كۆمۈر توشۇش ئۈچۈن تىزدىن 50 دانە ئېغىر تىپلىق چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى سالماقچى، ئاپتوموبىلى بار سودىگەرلەرنىڭ مۇشۇ تۈرگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز .
1. شىركەت مۇشۇ تۈرگە قاتناشقان ئاپتوموبىللارنى 24 سائەت يۈك بىلەن تەمىنلەيدۇ .
2. شىركەت ئاپتوموبىللارنىڭ يۈك بىسىش ، يۈك چۈشۈرۈش ئىشلىرىنى يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق لايىھەلىگەن بولۇپ ، يۈك بىسىش ، يۈك چۈشۈرۈش ۋاقتى ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ 30 مىنۇت بولۇپ ، ۋاقىت زور دەرىجىدە تىجىلىدۇ .
3.شىركىتىمىز مۇشۇ لىنيىسىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ئۈچۈن بىردەك ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ ياتاق ، تاماق ، يول يۈرۈش ئىشلىرىغا شىركەت بىر تۇتاش مەسئۇل بولۇپ ، ھەر قانداق قېيىنچىلىق ئىشلىرىنى شىركىتىمىز ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدۇ .
4.شوپۇرلار شىركىتىمىزنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىگە بىردەك بويسۇنۇشى ، بىخەتەر يول يۈرۈش ئېڭى يۇقىرى بولۇشى كېرەك .
5. بىز بىلەن ھەمكارلاشقان قاتناش ۋاستلىرىنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىنى 50000 يۈەندىن (ئەللىك مىڭ يۈەن) يۇقىرى پايدا يەتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ .
6. شىركىتىمىز مۇشۇ تۈرگە تەستىقلانغان يۈك توشۇش ئاپتوموبىل سانى 50 دانە (سانى چەكلىك)، مۇقىم توشۇش مۆھلىتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدۇ .
7. شىركىتىمىزنىڭ مۇشۇ كۆمۈر توشۇش تۈر ۋەزىپىسىگە قاتناشقۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇر يىتىشمەسلىك مەسىلىسىنى شىركىتىمىز مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىپ بىرىدۇ .
تېخىمۇ ئېنىق تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولىسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ :
ئىشخانا : 2825130-0991
قول تېلېفون : 15999158894
تۇننا سانى قانچە بۇلۇشى كىرەك...؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئەڭ تۇۋەن بۇلغاندا قانچە تۇننىلىق ماشىنا لازىم. قارا ئالتۇن


5. بىز بىلەن ھەمكارلاشقان قاتناش ۋاستلىرىنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىنى 50000 يۈەندىن (ئەللىك مىڭ يۈەن) يۇقىرى پايدا يەتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ .
.....................................................................................ما پو نى ...........................
ئاخىرى نامى بىر شىركەتنىڭ ئىلانى روياپقا چىقىپتۇ دە بۈگۈن...
5. بىز بىلەن ھەمكارلاشقان قاتناش ۋاستلىرىنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىنى 50000 يۈەندىن (ئەللىك مىڭ يۈەن) يۇقىرى پايدا يەتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ .
مانا ماۋۇنىڭ جەلىب قىلىش كۈچى خىلى بار جۇما،ئادەمنى خىلى قىزىقتۇرىدىكەن...