alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 19:33:31

FDISK /MBR بۇيرۇقىنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئىشلىتىلىشى

MBR بولسا fdisk.exe نىڭ بىر تۈرلۈك ئاشكارىلانمغان ئېغىزى، ms dos 3.30 دىن تارتىپ ms dos 8.0(windows me) غىچە يۇشۇرۇنغان. ئەمەلىي قوللىنىشتا، قاتتىق دېسكا يېتەكلىگۈچى ئۇچۇرىنى رېمۇنت قىلىنىدۇ. مۇھىم نوقتا MBR دا قاتتىق دېسكا يېتەكلىگۈچى پروگراممىسى ساقلىنىدۇ.

fdisk /mbr بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا بولۇش جەريانى ئىككى تۈرلۈك:

قاتتىق دېسكا يېتەكلەش سېكتورىدىكى aa55h بەلگىسى بار ئۇرۇننى ئوقۇيدۇ. مەشغۇلاتى ئاددى، پەقەت يېتەكلىگۈچى سېكتورىدىكى 0-1bdh بولغان ئارىلىققا سېستىمىنىڭ مۇقىم يېتەكلىگۈچى پروگراممىسىنى يازىدۇ.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى ، قاتتىق دېسكا يېتەكلەش ئۇچۇرىدىكى باشقا بۆلەكچىلەر(رايۇن جەدۋىلى، تەكشۈرۈش بەلگىسى)  گە ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى DOS يېتەكلەش ئۇچۇرى، ھۆججەت تەقسىمات جەدۋىلى، غول مۇندەرىجە قاتارلىقلارغا چېقىلمايدۇ.

ئەگەر aa55h بەلگىسى بولمىسا، يېتەكلەش پروگراممىسى يازىدۇ، رايۇن جەدۋىلى ۋە كىرىش ئۇچۇرىنى دەسلەپلەشتۈرىدۇ. ms dos 7.0 - 8.0 مۇھىتى شارائىتىدا، ئاساسىي DOS رايۇنىغا ئادەتتىكى سېستىما قوللايىغان ئەڭ چوڭ سېغىمنى تەقسىملەپ بېرىدۇ.

fdisk /mbr بۇيرۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. قاتتىق دېكسا يېتەكلەش پروگراممىسىنى رېمۇنت قىلىش

بۇ دائىم كۆرىلىدىغان كاشىلىلاردىن قاتتىق دېسكىدىن قوزغىلالماسلىق، قېتىپ قېلىش، سېستىمىنى يېڭىدىن قاچىلىسىمۇ، DISK BOOT FAILURE Insert SYSTEM DISK AND PRESS ENTER دەپ چىقىۋېلىش قاتارلىق كاشىلىلار.بۇنىڭدا كومپيۇتېرنى يۇمشاق دېسكا ياكى ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق قوزغىتىپ DOS مەشغۇلاتىغا كىرىپ، fdisk /mbr ئىجرا قىلساقلا كۇپايە.

2. قاتتىق دېسكا يېتەكلىگۈچى پروگراممىسىغا قىستۇرىلىدىغان ۋىرۇسنى تازىلاش

بۇ خىل ۋىرۇس دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇخىل ۋىرۇس پەقەت يېتەكلەش پروگراممىسىغىلا يۇقىدۇ، قاتتىق دېسكا رايۇن جەۋۋىلى ۋە باشقا قسىمىلارغا چىقىلمايدۇ. ئىشقىلىپ سېستىمىنى قانچە قېتىملاپ قايتا قاچىلىسىمۇ ۋىرۇسنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئەڭ قارام، ئاددىي، ئىشەنچىلىك ئامال يەنىلا ئۈستىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق fdisk /mbr بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش.

3. بەزى قاتتىق دېسكىلارنىڭ رايۇن جەدۋىلى بۇزۇلۇپ، رايۇنلار بىرلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللارنى تۈزىتىش

بەزى قاتتىق دېسكىلارنىڭ رايۇن جەدۋىلى بۇزۇلۇش، رايۇنغا ئايرىش يۇمشاق دېتاللىرى قاتتىق دېسكا رايۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكتەك قاشىلىلار يەنىلا ئاددىي، ئىشەنچىلىك ئامال fdisk /mbr بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش.

4. linux ئۇچۇرىنى تازىلاش

linux سېستىمىسى قوزغىلىش جەريانىدا ھەر قېتىم يېتەكلىگۈچى رايۇن ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن linux قوزغىلىدۇ.

لازىم بولغاندا linux رايۇنىنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كېيىن، fdisk /mbr بۇيرۇقى ئارقىلىق ئەسلىدىكى يېتەكلىگۈچى رايۇن ئۇچۇرىنى يېڭىلىغان ياخشى.

دوستلارغا سەمىمىي ئەسكەرتىش:

1.  پېقىر (مەن ئالىمجان) 1- 2- تۈرلەردىكى كاشىلىلارنى بىر نەچچە قېتىم تۈزىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. يەنى، سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇلدۇر.

2. fdisk /mbr بۇيرۇقى ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بۇيرۇق، خاتا ئىشلىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: http://www.qatil.net/article.asp?id=374

atella يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 19:51:55

توغرا مەن ئلگىرى كۆپ قېتىم مۇشۇ بۇيرۇقنى ئىشلتىپ 10گىگابايىت ئەتىراپىدىكى كونا قاتتىق دىسكىلارغا سېستما قاچىلىغان ۋاقتىمدا ghost ھۆججىتى نورمال قايتۇرۇلۇپ بولۇپمۇ سېستىما قوزغىلالمىسا مۇشۇ بۇيرق ئارقىلىق قاتتىق دېسكنىڭ قوزغىلىش رايون سېكتورىنى قايتا يېزىپ سىناپ باققان...بىراق خەتىرىمۇ بارغۇ دەيمەن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 08:34:12

ياخشى تېما بوپتۇ، مىننەتدارمەن، كومپىيوتېرىمنى قايتا سىناپ باقاي، رەھمەت .

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 13:35:18

شۇنداق، فورمات ۋە ئېفدىسىك دېگەن بۇيرۇقلار دوسنىڭ سرتقى بۇيرۇقى. سىز دوسقا قانداق كىرگەن؟ ئا دىسكىنى ئېچىپ ئىچىدىكى ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، فورمات، فدىسىك دېگەندەك ھۆججەتلەر بارمىكەن. شۇنداق ھۆججەتلەر بولسا ئاندىن بۇ بۇيرۇقلار نورمال ئىشلەيدۇ.

------------------------------------
ﯞﺍﻗﺘﻰ: 2010-10-24 2:52:12
ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯜﭼﻰ: HX1
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯞﺍﻟﻐﯘﭼﻰ: alimjan15
ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ: FW: RE: ياخشىمۇ سىز




------------------------------------
ﯞﺍﻗﺘﻰ: 2010-10-23 23:59:49
ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯜﭼﻰ: alimjan15
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯞﺍﻟﻐﯘﭼﻰ: HX1
ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ: RE: ياخشىمۇ سىز

بۇ بۇيرۇقنى س دىسكا ئاستىدا تۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇ بۇيرۇق دوسنىڭ سىرتقى بۇيرۇقى بولۇپ، ئادەتتىكى گوست دېسكىلىرىنىڭ دوس قۇراللىرى تۈرىنى تاللاپ ئىجرا قىلىسىڭىز بولىدۇ.

ياخشىمۇ سىز ، مەن سىز دىگەندەك ئا دىسكىدىكى بۇيرۇقلارنى كۆرسەم فورمات، ف دىسىك دىگەن بۇيرۇقلار يوق ئىكەن، ف دىسىك \ م ب ر بۇيرۇقىنى س دىسكىدا ئىجرا قىلدۇرساممۇ ئىجرا بولمىدى، ئەمدى قانداق ئامال بار ؟

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 15:14:46

ئادەتتە ۋىندۇۋىس xp  ياكى 7 بولسۇن قاچىلىغان ۋاقىتتا رايۇن خارەكتىرىنى NTFS قا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ لىكىن DOS سېستىمىسىدا NTFS رايۇن كۈرۈنمەيدۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىپ C رريۇندا بۇ بۇيرۇقنى بەرگىلى بۇلىدۇ ؟

يەنە بىر سۇئال بۇ بۇيرۇقنى بەرگەن ۋاقىتتا قاتتىق دىسكىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە تەسىرى بۇلامدۇ ؟

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 17:26:17

مەن CrystalDiskInfo دىن پايىدىلىنىپ كۆچمە دېسكامنى تەكشۈرسەم مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىۋالدى ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟ قاتتىق دېسكىنى قايتا فورماتلىساممۇ ئوڭشالمىدى .

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 18:13:19

ئادەتتە ۋىندۇۋىس xp  ياكى 7 بولسۇن قاچىلىغان ۋاقىتتا رايۇن خارەكتىرىنى NTFS قا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ لىكىن DOS سېستىمىسىدا NTFS رايۇن كۈرۈنمەيدۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىپ C رريۇندا بۇ بۇيرۇقنى بەرگىلى بۇلىدۇ ؟

بۇ بۇيرۇقنى C رايۇندىلا بېرىش ھاجەت ئەمەس ھەم مۇھىممۇ ئەمەس، قايسى رايۇندا بۇيرۇق ئىشلىسە شۇ رايۇندا بېرىش كېرەك. يەنى FDISK بۇيرۇقى قەيەردە نورمال ئىشلىسە شۇ يەردە بېرىش كېرەك.  ئادەتتىكى دېسكىنى fdisk, Dm, pq ۋە windows xp نى قاچىلاش داۋامىدا رايۇنغا ئايرىغان ھەرقانداق فورماتتىكى قاتتىق دېسكدا يۇقاردا دىيىلگەندەك كاشىلا كۆرۈلسە بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. windows vista/7  قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاش داۋامىدا رايۇنغا ئايرىغان ياكى فورماتلىغان دىسكىدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن.

يەنە بىر سۇئال بۇ بۇيرۇقنى بەرگەن ۋاقىتتا قاتتىق دىسكىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە تەسىرى بۇلامدۇ ؟

قاتتىق دېسكىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە تەسىرى بولمايدۇ. يۇقاردا دىيىلگەندەك كاشىلىلار كۆرۈلمىسە بۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىشنىڭ ئەسلا ئەھمىيىتى يوق ھەم ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن.

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 18:23:08

مەن CrystalDiskInfo دىن پايىدىلىنىپ كۆچمە دېسكامنى تەكشۈرسەم مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىۋالدى ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟ قاتتىق دېسكىنى قايتا فورماتلىساممۇ ئوڭشالمىدى .

بۇ قاتتىق دېسكىدا فېزىكىلىق خاتالىق( بۇزۇق سېكتۇر) كۆپ كۆرۈلگەندە چىقىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش. ئادەتتە قاتتىق دېسكىدا لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەندە كومپيۇتېرنىڭ باشلاش (开始) تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش (运行) نى ئېچىپ  chkdsk /f  بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ ئاسانلا ئوڭشاشقا بولىدۇ. فېزىكىلىق خاتالىق كۆرۈلسە كۆپىنچە قاتتىق دېسكا رېمۇنت قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى بۇزۇق سېكتورنى پىچەتلىۋېتىدۇ. (ئەمەلىيەتتە ئوڭشىيالمايدۇ). قاتتىق دېسكا سانلىق  مەلۇماتلارنى يېزىپ بۇزۇق سېكتورغا كەلگەندە ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېسكا ئوڭشىلىدۇ. ناۋادا بۇزۇق سېكتور كۆپ بولۇپ  كەتسە ئەتراپتىكى سېكتورلارغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

تەۋسىيە: ھازىردىن باشلاپ مۇھىم ھۆججەتلەرنى باشقا ساقلىغۇچلارغا يۆتكەڭ.

بەت: [1]
: FDISK /MBR بۇيرۇقىنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئىشلىتىلىشى