Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 15:58:27

تاشقى پىرۋوتتىن ياردەم،

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئىزدىنىشتە چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ئاكا-ئاچىلار خىلى بارغۇ،سىلەردىن تاشقى پىرۋوتتىن ياردەم سورىماقچى ئىدىم،

ئادەتتە چەتئەلدىن بىرەرسى دۆلەت ئىچىگە پۇل ئەۋەتمەكچى بولساپۇل تاپشۇرۋالغۇچى تەرەپنىڭ قايسى ئۇچۇرلىرى كىتىدۇ؟قايسى بانكا بىر قەدەر قولايلىق؟

ئالدىن رەھمەت.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 16:46:40

西联汇款

westernunion

ۋە يەنە باشقىلارمۇ بار .ئەڭ قۇلايلىقى جوڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تارماق بانكىلېرى بولسا شۇ بانكىلار ئارقلىق ئەۋەتسە قۇبۇل قىلغۇچىغىمۇ قۇلايلىق بۇلدۇ.

بۇلارغا ئادەتتە كىملىكتىكى ئۇچۇرلار بولسىلا كۇپايە

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 16:55:19

西联汇款يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭغۇ دەيمەن،قايسىلا دۆلەتتىن بولسا بولامدا؟بۇنىڭ ئۇچۇن كارتا بىجىرىشىم كىرەكمۇ؟

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 16:59:41

مەن دائىم ئىشلىتىدىغىنى money gramme.ئەرزان تىز.شىنجاڭدا پەقەت ئۈرۈمچى نەنمىندىكى سودا سانائەت بانكىسىدىلا ئالغىلى بولىدۇ

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 17:10:04

yarxarilik:
مەن دائىم ئىشلىتىدىغىنى money gramme.ئەرزان تىز.شىنجاڭدا پەقەت ئۈرۈمچى نەنمىندىكى سودا سانائەت بانكىسىدىلا ئالغىلى بولىدۇ

قارشى تەرەپكە قانداق ئۇچۇرلىرىم كىرەك؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 17:22:22

western union دا سىزنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ھىسابات ئېچىشىڭىز ھاجەتسىز، پاسپورت ياكى كىملىكتىكىگە ئوخشاش قىلىپ يازسىلا تېگىدىغان ئادەمنىڭ ئۇچۇرىنى، بېرىپ شۇ كېنىشكە بىلەنلا ئېلىۋالىسىز،لېكىن بۇنىڭ رەسمىيەت ھەققىگە قارشى تەرەپ خېلى تۆلەپ قويىدۇ.

جوڭگو بانكىسىنىڭ RMB ۋۋە دوللارلىق ھىسابىدىن بىرنى ئېچىپ قويسىڭىز، شۇنىڭغىلا يوللىسا ھەممىدىن ئاسان بولمامدۇ،بولسا HSBC ياكى Hangseng دىگەندەك چەت بىلەن بىرلەشكەن شىياڭگاڭ ياكى شاڭخەي بانكىلىرىدىن ھىسابات ئېچىپ قويسىڭىز شۇنىڭغا قانداقلا پۇل بولسا توردىن بىر مىنۇتتىلا ئۇرغىلى بولىدۇ،لېكىن بۇنىڭ رەسمىيەت ھەققىمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەر بۇ بانكىلار سىز تۇرۇۋاتقان يەردە بولمىسا western union ئەڭ تىچ ئۇسۇل، جوڭگونىڭ نەرىدىن بولسا ئالالايسىز.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 17:28:12

espresso:

western union دا سىزنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ھىسابات ئېچىشىڭىز ھاجەتسىز، پاسپورت ياكى كىملىكتىكىگە ئوخشاش قىلىپ يازسىلا تېگىدىغان ئادەمنىڭ ئۇچۇرىنى، بېرىپ شۇ كېنىشكە بىلەنلا ئېلىۋالىسىز،لېكىن بۇنىڭ رەسمىيەت ھەققىگە قارشى تەرەپ خېلى تۆلەپ قويىدۇ.

جوڭگو بانكىسىنىڭ RMB ۋۋە دوللارلىق ھىسابىدىن بىرنى ئېچىپ قويسىڭىز، شۇنىڭغىلا يوللىسا ھەممىدىن ئاسان بولمامدۇ،بولسا HSBC ياكى Hangseng دىگەندەك چەت بىلەن بىرلەشكەن شىياڭگاڭ ياكى شاڭخەي بانكىلىرىدىن ھىسابات ئېچىپ قويسىڭىز شۇنىڭغا قانداقلا پۇل بولسا توردىن بىر مىنۇتتىلا ئۇرغىلى بولىدۇ،لېكىن بۇنىڭ رەسمىيەت ھەققىمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەر بۇ بانكىلار سىز تۇرۇۋاتقان يەردە بولمىسا western union ئەڭ تىچ ئۇسۇل، جوڭگونىڭ نەرىدىن بولسا ئالالايسىز.

جۇڭگۇ بانكىسنىڭ ھىساباتى بار لىكىن خەلىق پۇلىنىڭغۇ دەيمەن،باشقا ھىساب ئاچماي شۇنى ئۆزگەرتسەم بولامدۇ؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 18:17:06

ئەسلى بار بولغان RMB لىق ئاكاۋۇنتنى دوللارنىمۇ ئەۋەتىپۋە تاپشۇرىۋالالايدىغان قىلغىلى بولىدىغاننى بىلمەيدىكەنمەن، مەن بېجىرگەندە شۇ ئىككى خىللىقنى تاللاپ بېجىرگەن،ئۇنىڭغىمۇ ئۇزۇپ بوپ كەتتى،بەلكى ھازىر ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ مۇلازىمەت قوشقىلى بولۇش مۈمكىن.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 18:23:22

ھەممىڭلارغا رەھمەت خىلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 18:48:36

يىۋۇدا 西联汇款 پوچتا بانكىسىدا. ئۈرۈمچىدە يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا .

قارشى تەرەپكە كىملىكتىكى ئىسمىڭىزنىڭ پىنيىنچە تولۇق توغرا يېزىلىشىنى دەپ بېرىسىز. مەسىلەن ئالىم ئەھەت بولساALIMU AHAYTI

دىگەندەك . ئاندىن سىزنىڭ كىملىك نۇمۇرىڭىز كېتىدۇ . باشقا ھىچ نەرسە كەتمەيدۇ .

قارشى تەرەپ پۇل سالغاندا ،سىز پۇل سالغۇچىنىڭ تۇلۇق ئىسمى ھەم پاسپورىت نۇمۇرى كېتىدۇ . ئاندىن قارشى تەرەپ 10 خانىلىق بىر مەخپى

نۇمۇرنى دەپ بېرىدۇ . بانكىغا كىرسىڭىز بىر جەدەۋەلنى بېرىدۇ . شۇجەدەۋەلنى يۇقارقى ئۇچۇرلار بىلەن تولدۇرسىڭىلا بولىدۇ .

پۇل سېلىپ 10 مىنوتنىڭ ئىچىدىلا ئالغىلى بولىدۇ . مۇشۇ ئەڭ تېز ھەم ئەڭ ياخشى ئۇسۇل . نەچچە پۇل بولسا ئالغىلى بولىدۇ .

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 19:10:51

Sevinch:

yarxarilik:
مەن دائىم ئىشلىتىدىغىنى money gramme.ئەرزان تىز.شىنجاڭدا پەقەت ئۈرۈمچى نەنمىندىكى سودا سانائەت بانكىسىدىلا ئالغىلى بولىدۇ

قارشى تەرەپكە قانداق ئۇچۇرلىرىم كىرەك؟

ئاۋال سىز دۆلەتتە تۇرۇشلىق كارتىڭىز(ياكى پاسپورىت) بىلەن ماتىريالنى تولدۇرۇپ،قارىشى تەرەپنىڭ ئىسمىنىڭ پىنيىنچە تۇلۇق توغرا يېزىلىشنى يېزىپ سېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ،ئاندىن سىزگە بىر نۇمۇر چىقىرىپ بىرىدۇ،رەسمىيەت ھەققىنى پۇلنى سالغاندىلا تۆلىۋېتىسىز.سىز باياقى نۇمۇرنى قارىشى تەرەپكە بىرىسىز ،شۇ نۇمۇرنڭ ۋە كىملىكنى ئېلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ،پۇل 10 مىنۇتتا بېرىپ بولىدۇ،پۇلنى 30 كۈن ئىچىدە ئېلىۋالسا بولىدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 19:17:28

ئۈرۈمچىدىمۇ پوچتىخانىدىنمۇ ئالغىلى بولىدۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا قوشۇپ،ئۈرۈمچىدىن باشقا يەرلەردە پەقەت يېزا ئىگىلىك بانكىسىغىلا ۋاكالەت قىلغانغۇ دەيمەن.

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 19:28:16

western union دىگىنى 西联汇款كەندە ؟بىلىۋالدىم .ئۆتكەندە بىر تۆۋەن يىللىقتىكى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى چەتئەلدىن مۇشۇ western unionئارقىلىق پۇل ساپتىكەن ، بىز يا ئۇنىڭ قايسى بانكا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز ياكى ئۇلار دەپ بېرەلمەيدۇ ،،،،شۇنداقمۇرەككەپ ئىشلار بوپ كەتكەنتى شۇ چاغدا ،،،،،،

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-24 19:41:19

يىۋۇدا يېزا ئېگىلىك، ئۈرۈمچىدە پوچتا بانكىسى ئەمەس، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش. 西联汇款 WesternUnion دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە بانكا (يېزا ئېگىلىك بانكىسى، پوچتا بانكىسى، گۇاڭدا بانكىسى...) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار. ئادەتتە شۇ بانكىلارنىڭ كۆپ قىسىم ئىش بېجىرىش نوقتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بېجىرگىلى بولىدۇ. پەقەت بولمىسا شەھەرلىك باش تارماق بانكىسىدا چوقۇم بولىدۇ. بۇنىڭدا پۇل تاپشۇرىۋېلىش ئۈچۈن كىملىكتىكى ئىسىم بولسا بولدى. قارشى تەرەپ WesternUnion كەسىپ بېجىرەلەيدىغان بانكىغا كىرىپ، سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى توشقۇزۇپ رەسمىيەت ھەققىنى تاپشۇرۇپ يوللاپ بولغاندىن كىيىن، سىزگە 监控码 دىن بىرنى دەپ بېرىدۇ. سىز يېزا ئېگىلىك ياكى پوچتا بانكىسىغا بېرىپ جەدۋەلگە بايىقى نومۇر ۋە قارشى تەرەپ يوللاشتا ئىشلەتكەن ئىسىم، دۆلەت، پۇل سوممىسى قاتارلىقلارنى توشقۇزىسىز. تەپسىلاتىنى بانكا خادىملىرىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ. بۇ دۆلەت ئىچىدە بەكرەك ئوموملاشقان ھەم قولايلىقراق بولغان پۇل پېرىۋوت كەسپى.

سىزگە ئەڭ قولاي بانكا ئادرىسىنى ئۇچۇر قىلىۋەتتىم

kaysar_f1 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 13:00:47

ئۇچۇرلىرىڭىزغا رەخمەت..................... .ئۇنداقتا چەتئەلگە پۇل ئەۋەتسە قايسى ئۇسۇل ئەڭ مۇۋاپىق............. چەتئەلدىكىلەر قانداق ئۇسۇلدا قانچىلىك ۋاقىتتا ئالالايدۇ..............................................................

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 15:04:50

يەنە مۇشۇ. ئاۋۇ ئىنكاستىكى پۇل تاپشۇرغۇچى بىلەن پۇل ئىۋەتكۈچىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇڭ. ئەگەر چۈشىنەلمىسىڭىز كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى دۈم قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 15:33:07

پاسىبان.

قارشى تەرەپنىڭ بانكا ئۇچۇرىنى ئوبدان سورىۋېلىپ،جوڭگو بانكىسىدىكى دوللار ھىسابىڭىزدىن بىۋاستە پۇل يوللىسىڭىز بولىدۇ.

( پۇل ئەۋەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ چوقۇم جوڭگو بانكىسىدا ھىسابى بار دەپ ئويلىدىم)

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 18:48:19

تورداشلارنىڭ خاتىرجەملىكى، مۇنبەرنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىنكاس تەھرىرلەندى.

يېڭى چىققان \"ۋال كوچىسى:پۇل ئۇخلاپ قالمايدۇ\" دېگەن كىنونى كۆردۈڭلارمۇ بالىلار؟ پۈتۈن مۇشۇنداق چەتئەلگە پۇل سالىدىغاننىڭ گېپىكەن.

selma يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:02:31

ئەڭ ئاسان پۇل ئەۋەتىش ۋەستېرن يۇنىيون بىلەن مانېي گرەم.يەنى شىلىيەن خۇيكۈەن بىلەن سۇخۇيجىن.شىلىيەندىن ئەۋەتكەندە چوقۇم پۇلنى دوللارغا ئالماشتۇرىسىز.مىڭ دوللارغا تەخمىنەن 10 دوللار ئىش بىجىرىش ھەققى ئالىدۇ.سۇخۇيجىن (سودا سانائەت بانكىسىدىن ئەۋەتىدىغان ئۈرۈمچى نەنمېندا) چوقۇم خەلق پۇلى ئالىدۇ،دوللار ئەكەلسىڭىز زىيان تارتىسىز-ئۇنى يەنە خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرىسىز.ئىككىسى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.تېخى بۈگۈن پۇل سېلىپ كەلگەنتىم.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-25 20:08:01

مەنمۇ ئاڭلىۋالغان گەپلەرتى...پۇل يۇيۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغاندەك بوپ قالدىممۇ راس.
بەت: [1]
: تاشقى پىرۋوتتىن ياردەم،