پۈتۈنلەي سۈزۈك بولغان ئاساسىي ماشىنا ساندۇقى
بىر دوستۇم تاۋباۋدىن تۆۋەندىكى پۈتۈنلەي سۈزۈك بولغان يەنى ئىچىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىغان ئاساسىي ماشىنا ساندۇقىنى (主机箱) ئالىمەن دەپ ماڭا ئادرىسىنى ئەۋەتىپتىكەن. قارىسام خېلە ياخشى ساندۇق ئىكەن.
كېچىسى سەت چىرايلىق يورۇپ قويدىكەن. كۆزنى قاماشتۇرۇپ. كومپيوتىرنىڭ ئىچىنى كۆرۈپ تۇرالايدىكەنمىز. بەزىدە كومپيتىرىم قانداق خىزمەت قىلىۋاتقاندۇ دەپ ساندۇقنىڭ يان تەرىپنى چىقىرىۋاتاتتىم. مانداق ساندۇقنى ئىشلەتسەك ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرالايدىكەنمىز
350 كويغا ئالغىلى بولىدىكەن. كېلەر قېتىم كومپيتىر ئالسام مۇشۇنداق ساندۇقنى ئېلىشنى ئاۋال ئويلىشىمەن. بىلىمىدىم شىنجاڭدا بارمىكىن.
ياخشى تەرىپى: مودا، يېڭىلىق
يامان تەرىپى: ئاخشىمى كۆزىڭىزنىڭ دىققىتىنى بەك چارچىتىدۇ، رادىئاتسىيە سۈزۈش رولى يوق.
كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ يان تەرىپىنى ئاچقاندا كۆردىڭىزمۇ، كومپىيۇتېرىڭىز قانداق خىزمەت قىلدىكەن؟ مەنغۇ كومپىيۇتېرنىڭ قېپىنى ئاچسام شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلانغىندىن باشقىنى كۆرەلمەيمەن.
كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيمىزدا يوغان ئېلېكتىرون لامپىلىق رادىئو بارتى. پاشا ئىشان ناخشا ئېيتسا بۇ ساندۇقنىڭ ئىچىگە ئادەم قانداق پاتقاندۇ دەپ ئەقلىم لال بولاتتى. پات-پات تۈشۈكلىرىدىن ئىچىنى ماراپ باقاتتىم. بىر كۈنى زادى چىدىيالماي چوڭلار ئىشقا كەتكەندە ئىچىدىكى ناخشا ئېيتىۋاتقان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن قېپىنى ئېچىپ بۇزۇپ قويغانتىم.
ئىچىدە بېلىق باقسىمۇ بۇلامدۇ نىمە ؟
مەن بەش قېتىم قايتا قۇراشتۇرغان داڭ سائەت ھازىر بىر كۈندە ئون مىنۇتچە ۋاقىت پەرقى چىقىرالايدۇ..alipenwer:
كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ يان تەرىپىنى ئاچقاندا كۆردىڭىزمۇ، كومپىيۇتېرىڭىز قانداق خىزمەت قىلدىكەن؟ مەنغۇ كومپىيۇتېرنىڭ قېپىنى ئاچسام شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلانغىندىن باشقىنى كۆرەلمەيمەن.
گەرچە ئىچىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاننى كۆرەلمىسەممۇ ئەمما ئۆزۈمچە ئاساسىي تاختىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتتەتتىم. ئىشقىلىپ ھەربىر قېتىم قارىغاندا بەكلا قايىل بولاتتىم. تورلا بولسا مۇشۇ ساندۇق بىلەن ھەرقانداق يەردىكى كىشلەر بىلەن ئالاقىلشقىلى بولىدىغانلىقنى، ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىشنى قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قايىللىغىم ھەسسللەپ ئاشاتتى. بەك پايلاپ قويدى كومپيتىرىم. كۆز قارچۇغۇمنى ئاسىرغاندەك ئاسرايمەن كومپيوتىرىمنى.
abdullaev:
ئىچىدە بېلىق باقسىمۇ بۇلامدۇ نىمە ؟
سۇسىز باقامدا؟
ما ئىنكاستىن بىر ئىلھامغا ئېرىشتىم، سۇ قاچىسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرسا رادىئاتسىيىنى كېمەيتىشكە بولىدۇ، كېيىنچە، ماشىنا ساندۇقۇمنى بېلىق قاچىسىنىڭ كەينىگە قويسام.. بەك پەيزىكەن يان تىلفۇننىڭ ئاشىندىغى بارمىدۇ ؟مېنىڭچە يېپىق ،سىرلىق بولسا ياخشى،گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
نەقىل ئالالماي بەك ئاۋارە بولدۇم،قانداق ئالىدۇ؟ دەپبېرىڭلار بىر.
muzatd:
مېنىڭچە يېپىق ،سىرلىق بولسا ياخشى،گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
نەقىل ئالالماي بەك ئاۋارە بولدۇم،قانداق ئالىدۇ؟ دەپبېرىڭلار بىر.
ياق دەپ بەرمەيمىز
ھەقىقەتەن چىرايلىق لاھىيەلىنىپتۇ....................................
Baqka:
ما ئىنكاستىن بىر ئىلھامغا ئېرىشتىم، سۇ قاچىسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرسا رادىئاتسىيىنى كېمەيتىشكە بولىدۇ، كېيىنچە، ماشىنا ساندۇقۇمنى بېلىق قاچىسىنىڭ كەينىگە قويسام..
سىزمۇ شۇنداق ئويلاپتىكەنسىز دە؟
خلى بوپ قالىدىكەن . يىڭىلق . باچكىنىڭ باش سۈرىتى چىقسا بالام بەك ئامراق توپ چىقتى دەپ