UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 09:34:42

تارىختا بۈگۈن (23-ئۆكتەبىر )

1856-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيە يالۇ ناملىق پاراخوت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ گۇاڭجۇغا ھوجۇم قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن 2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغان .

1911-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئاتالىيە ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئايروپىلاننى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن .

1917-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسىيە بولشىۋېكلار(كۆپ سانلىقلار)پارتىيسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى قوزغاشنى قارار قىلغان .

1917-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ئارمىيسى 1-دۇنيا ئۇرشىغا قاتناشقان .

1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەدە ھامبۇرۇگ قوزغىلىڭى بولغان .

1940-يىلى  بۈگۈنكى كۈندە 1-ئەۋلاد پۇتبول شاھى پىلى تۇغۇلغان .پىلى پۇتبول مەيدانىنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا ئۆز ئالاھىدلىكىنى جارى قىلدۇرالايدۇ .ھەتتا ۋارتارمۇ بولالايدۇ .ئۇ جەمئى تۆت قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىگە قاتناشقان بولۇپ ھازىرغا قەدەر بىردىنبىر ئۇچ قېتىم دۇنيا چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن توپچى ھېسابلىنىدۇ .باشقلار تەرىپىدىن <قارا مەرۋايىت><قاغا ئېغىز><دۇنيا توپ شاھى>قاتارلىق ناملاردا ئاتىلىپ كەلمەكتە.

1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە 2-دۇنيائۇرىشىدا 2-قېتىملىق ئالامەن ئۇرىشى بولغان .

1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت قۇرۇلتىيى نىيويورىكتا تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئاچقان .

1954-يىلى بۈگۈنكۈ كۈندە ئىتتىپاقداش گىرمانىيە ش ئا ئە ت غا ئەزا بولۇپ كىرگەن .

1956-يىلى ۋېنگىرىيە پايتەختى بوداپشىتتا ئوقۇغۇچىلار ۋە خەلىق ئاممىسى  يىغىلىش ئېلىپ بارغاندا قۇراللىق ساقچىنىڭ توسىشىغا ئۇچىرىغان .شۇنىڭ بىلەن ۋېىنگىرىيە ئۆكتەبىر ۋەقەسى بولغان . بۇ ۋەقە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى سىياسەتلىرىگە رازى بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان پۈتۈن دۆلەت خاراكتىرلىك ئېنقىلاب بولۇپ ،ئەڭ ئاخىرىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ باستۇرىشى بىلەن  11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاياغلاشقان .

1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقى چىقارغان .4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى ئاياغلاشقان. (4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى .قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ).

1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە  لېۋان ئىچكى ئۇرۇشى بولىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ،پايتەخىت(باشكەنىت) بىيروتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتىرلىك ماشىنا پارتېلتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇ يەردە تىنىچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىدىن بولۇپ جەمئى 299ئەسكەر ئۆلگەن .

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئەراپات بىلەن سۆھبەتلەشكەن .

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مۇسكىۋادا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ،چېچىنىيە قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى مۇسكىۋادىكى بىر تىياتىرخانىدا 700نەچچە ئادەمنى تۇتقۇن قىلىۋالغان .

مەنبە:ۋىكپىدىيە قامۇسى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن (23-ئۆكتەبىر)