ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-22 22:59:29

يۇمۇر ئېيتىشمامتۇق؟

   سالام ئىنقىلابى يولداشلار

ئايىغى چىقماس مۇنازىرىلەر بىلەن ساراڭ بولۇپ قالمايلى يەنا ، گەپ تالىشىۋەرمەي يۇمۇر ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ قويايلى[

1.شىياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا رەئىس خۇجىنتاۋ لىيۇدېخۇا بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تۇرۇپ :مەن سىزنى تونۇيمەن

لىيۇدېخۇا:بەك ھاياجىنلىنىۋاتىمەن

خۇجىنتاۋ:سىز جاڭ شۆ يۇۋ شۇغۇ

لىيۇدېخۇا:كۆزىگە لىق ياش تولدى

خۇجىنتاۋ:سىزنىڭ نىلۇپەر سۇپىسى دېگەن ناخشىڭىزنى بەك ياقتۇرمەن

لىيۇدېخۇا:رەھمەت ماۋجۇشى

2.بىر روھىي كېسەل دوختۇرخانىدىنقېچىپ كېتىپتۇ ۋە قانداق بولغان بىر تاپانچىنى قولغا چۈشۈرۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرىم كېچىدە كوچىغا چىقىپ ، بىر ياش بالىنى تۇتىۋاپتۇ ۋە تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئېيتە <<بىرگە بىرنى قوشسا قانچە؟>> دەپتۇ ، ھېلىقى ياش بالا بەك قورقۇپ كېتىپ نۇرغۇن ئويلىنىپ <<ئىككى>> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ، بۇنىڭ ئاڭلىغان ساراڭ ئىككىلەنمەستىنلا ئاۋۇ ياش بالىنى ئېتىۋېتىپتۇ ، ۋە تاپانچىنىڭ سىتىۋولىنى بىرنى پۈلەپ قويۇپ ياش بالىنىڭ ئۆلۈكىگە قاراپ قويۇڭ <<سېنىڭ بىلىدىغىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ>> دەپتۇدەك

3.بالنىڭ ئۆگنىشى ياخشى بولمىغاچقا ئاپسى قاتتىق ئەدەپلەپتۇ ، بالىنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازار يەپتۇ ، ۋە دادىسىغا قاراپ <<سەن نىمىشقىمۇ بۇنداق خوتۇننى ئالغان بولغيىتڭ>> دەپتۇ ، دادىسى جاۋابەن <<سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بولمامدۇ>> دېگۈدەك

Ay يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 00:43:29

1.زىلتار ،قاينام ۋە جېك ئۈچەيلەن پايانسىز كەتكەن قۇملۇقتا كېتىۋاتقىنىدا ئۇلارغا بىر بوتۇلكا ئۇچراپتۇ.بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىغا ئىس-تۈتەكلەر كۆتۈرۈلۈپ ئىچىدىن بىر ئادەم چىقىپ دەپتۇ:
-مەن ئەۋلىيا بولىمەن.نېمە تەلىپىڭلار بولسا ئېيتىڭلار،ھەر بىرىڭلاردىن ئۈچتىن تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن.
بۇنى ئاڭلىغان زىلتارئالدىراپ تېنەپ ئەۋلىياغا تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-ماڭا ناھايىتى كۆپ پۇل بەرگىن!
ئەۋلىيا ئۇنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن يەنە ئىككىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-يەنە ناھايىتى كۆپ پۇل بەرگىن!
ئەۋلىيا ئىككىنچى تىلىكىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن زىلتار ئۈچىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-ئەمدى مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويغىن.
ئەۋلىيا\"ئەلۋەتتە بولىدۇ.\"دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن زىلتار نۇرغۇن پۇللارنى ئېلىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ.
ئەۋلىيا ئەمدى قاينامنىڭ تىلىكىنى سوراپتۇ.
-ماڭا ناھايىتى چىرايلىق قىز بەرگىن!-دەپتۇ قاينام بىرىنچى تىلىكىنى ئېيتىپ.ئەۋلىيا ئۇنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن قاينام ئىككىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-يەنە ناھايىتى چىرايلىق قىز بەرگىن!
ئەۋلىيا ئىككىنچى تىلىكىنىمۇ ئورۇنداپ بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئۈچىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-ئەمدى مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويغىن.
ئەۋلىيا قاينامنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن جېكنىڭ تىلىكىنى سوراپتۇ.جېك بىرىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-ماڭا قېنىىىىىىىق دەملەنگەن بىر چەينەك چاي بەرگىن!
ئەۋلىيا ئۇنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، جېك ئىككىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-يەنە بىر چەينەك چاي بەرگىن!
ئەۋلىيا ئۇنىڭ ئىككىنچى تىلىكىنىمۇ ئورۇنداپ بېرىپ ئۇنىڭغا دەپتۇ:
-ئەمدى ئۈچىنچى تىلىكىڭنى ئېيت.
جېك:
-راستىمنى ئېيتسام زىلتار بىلەن قاينامنى تولىمۇ سېغىندىم.ماڭا ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگىن!

2.زىلتاربىلەن قاينام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جېكقا ئۆلگۈدەك غەزەپلەنسىمۇ ئاچچىقىنى ئىچىدە بىلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.ئۈچى ماڭا-ماڭا ئالدىغا يەنە بىر بوتۇلكا ئۇچراپتۇ.بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئاچقانىكەن ئىچىدىن بىر ئادەم چىقىپ ئۇلارغا ئېيتىپتۇ:
-مەن ھېلىقى ئەۋلىيانىڭ شاگىرتى بولىمەن.مېنىڭ سېھرى كارامىتىم ئۇستازىمنىڭكىگە يەتمەيدۇ،شۇڭا ھەربىرىڭلارنىڭ ئىككىدىن تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن.تىلىكىڭلارنى ئېيتىڭلار.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،زىلتار بىلەن قاينام ئالدىن مەسلىھەتلىشىپ،جېكنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۆزلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جېكنى ئاۋال تىلىكىنى دېگۈزمەكچى بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن جېك بىرىنچى تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-ماڭا بىر چەينەك چاي بەرگىن.
ئۇ كىشى جېكنىڭ تىلىكىنى ئورۇنداپ بېرىپتۇ.زىلتار بىلەن قاينام ئۇنى تېزرەك ئىككىنچى تىلىكىنى ئېيتىشقا زورلىغىلى تۇرۇپتۇ.جېك چېيىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىرىماي-تەمتىرىمەي ئىككىنچى تىلىكىنى ئېيتىپ ئەۋلىيانىڭ شاگىرتىغا دەپتۇ:
-ھە، بولدى ئەمدى باشقا ئىش يوق،بۇ يەردىن كەتكىن.

3.زىلتاربىلەن قاينام ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ ئامالسىز يەنە جېك بىلەن بىللە مېڭىپتۇ.ماڭا-ماڭا يەنە بىر بوتۇلكا ئۇچراپتۇ.ئاغزىنى ئاچقانىكەن ئىچىدىن يەنە بىر ئادەم چىقىپ دەپتۇ:
-مەن ھېلىقى ئەۋلىيانىڭ شاگىرتىنىڭ شاگىرتى بولىمەن.مەن ھەربىرىڭلارنىڭ پەقەت بىردىنلا تىلىكىنى ئورۇنداپ بېرەلەيمەن.تىلىكىڭلارنى ئېيتىڭلار.
زىلتار ئالدىراپ-تېنەپ تىلىكىنى ئېيتىپتۇ:
-مېنىڭ بۇ جېكنى كۆرە كۆزۈم يوق!
\"بولىدۇ.\"دەپتۇ ئۇ كىشى ۋە قاينامدىن تىلىكىنى سوراپتۇ.
-مېنىڭمۇ بۇ جېكنى كۆرە كۆزۈم يوق!-دەپتۇ قايناممۇ.
ئۇ كىشى\"بولىدۇ\"دېگەندىن كېيىن،بۇرۇلۇپ جېكتىن تىلىكىنى سوراپتۇ.
جېك:
-بۇ ئىككىسىنىڭ تىلىكىنى ئورۇنداپ بەرمىگىن.

4.زىلتار بىلەن قاينام يەنە چىشىنى چىشلەپ جېك بىلەن بىللە مېڭىپتۇ.ماڭا-ماڭا يەنە بىر بوتۇلكا ئۇچراپتۇ.ئاغزىنى ئېچىپتىكەن ئىچىدىن يەنە بىر ئادەم چىقىپ ئۇلارغا دەپتۇ:
-مەن ھېلىقى ئەۋلىيانىڭ شاگىرتىنىڭ شاگىرتىنىڭ شاگىرتى بولىمەن.ئۈچىڭلارنىڭ پەقەت بىرلا تىلىكىنى ئورۇنداپ بېرەلەيمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ زىلتار بىلەن قاينام تەڭلا توۋلىشىپتۇ:
-جېك نېمە دېسىمۇ ھەرگىز ئورۇنداپ بەرمىگىن!
ھېلىقى كىشى\"بولىدۇ.\"دەپتۇ ۋە بۇرۇلۇپ جېكتىن سوراپتۇ:
-سېنىڭ نېمە گېپىڭ بار؟
جېك:
-ئۇلارنى ئۆيىگە قايتۇرىۋەتكىن.

Baghrim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 02:02:31

مەلۇم بىر ئەرەپ ئوقۇغۇچى دادىسىغا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئەۋەتىپتۇ : \"' دادا ، بېرلىن ياخشى جاي ئىكەن ، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىمۇ ناھايىتى دوستانە ئىكەن . شۇغىنىسى ، مەن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان باشقىلار مېترودا ئولتۇرسا ، مەن بېنىز ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ يۈرسەم سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىكەنمەن '' .

دادىسى مۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ : '' بالام ، ساڭا ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتتىم ، مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرمەي دەرھال مېترودىن بىرنى سېتىۋال '' .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 03:29:56

بىرىنچى يۇمۇرنى ئوقۇپ ئۆزەم يالغۇز تازا كۈلۈۋاپتىمەن. لېكىن سۆزلەپ بېرەي دېسەم بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ليۇدېخۇا، جاڭ شۆيوۋ، نىلۇپەر سۇپىسى دېگەن گەپلەرنى چۈشەنمەيدۇ، ئاران خۇجىنتاۋ بىلەن ماۋجۇشىنى بىلىدۇ....

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 03:40:30

مەن سىزگە كۈلۈشۈپ بېرەي.

مەنمۇ كۈلىۋالدىم

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 04:38:41

ئا ئۈچىنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى قىياس قىلىپ ئوقىسا بەك قىزىق بىلىنىدىكەن ~   ھى ھى `

Typography يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 06:37:31

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 08:03:24

نىلۇپەر سۇپىسى كىمنىڭ ناخشىسىتۇ ئۇ ئەسلى؟ خەنزۇچە ئىسمى نېمە بۇ ناخشىنىڭ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 08:25:53

مەنمۇ تازا ئۇقۇپ كەتمىدىم بۇ ناخشا ئىسمىنى تەرجىمە قىلالىغىنىمغىمۇ ئىشەنچ قىلالمايمەن ، كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 08:32:57

جۈخۇاتەي . جوۋجيېلۈننىڭ ناخشىسى.  نىلوپەر سۇپىسى دېگەن تەرجىمە جايىغا چۈشمەپتۇ. ئەمما يۇمۇر ئوخشاپتۇ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 08:41:21

ئۇيغۇرچە ئىسمى نىمە ئا گۈلنىڭ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 08:43:00

سەبدە.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 09:33:55

ئادەتتە جۇخار گۈلى دەپ قويىمىزغۇ ، 周杰伦 نىڭ  ناخشىسى ،

يول ياقىسىدا بىر مەست كىكەچلەپ تۇرۇپ  بىرسىدىن سوراپتۇ :

-كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، يولنىڭ قارشى تەرىپى قەيەر ؟

-ئاۋۇ يەر ،

-قىززىق  ، بايام شۇ يەردە بىرسىدىن سورىسام بۇ يەرنى كۈرسەتكەنتى  ،

----------------------------------------------------------------------------------------

kawsar2000 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 13:43:44

مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە يۇقىردىن خىزمەت تەكشۇرۈش ئۆمىكى كىلىپ خزمەتلەرنى تەكشۇرۇپتۇ . 10مىنىۇتلۇق دەم ئىشتىن پايدىلنىپ بىر رەھبىرى يولداش كارىدوروردا ئويناۋاتقان بىر بالىدىن سوراپتۇ . بالام سەن قانچىنچى يىللىقتا ئۇقۇيسەن دەپتۇ .ھىلىقى ئۇقۇغۇچى ئىككىنچى يىللقتا  ئۇقۇيمەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئەمسە سەن  دەپ باققىنە ئاۋۇ رەسىمدىكىلەر نىمە ئادەملەر دەپ كۆرسىتىپتۇ ماركس ئېنگىلىس لىنىن قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتپ .  ھىلىقى ئۇقۇغۇچى دەرھاللا جاۋاپ بىرىپ مەن بەك ئۇقۇپ  كەتمەيدىكەنمەن مەن مەكتەپكە كىرگەندىلا بۇرەسىملەر باركەن بۇرەسىمدىكى بۇ مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى شوجاڭلىرىمىكىن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 13:57:28

ئاۋال ئېتوتتىن تۇتىۋالغان شېئىر ،(ئويلىساملا زىلتارنىڭ ئىمزاسىدەك بولۇپ قالىمەن)

خوتەنگە بېرىپ دەريا بولۇپ،

ئېقىتىپ كېتەي قاشتاشلىرىڭنى.

ئاۋۇ تۇرپانغا بېرىپ قۇم بولۇپ،

كۆيدۈرۋېتەي يانپاشلىرىڭنى.

قەشقەرگە بېرىپ ئانار بولۇپ،

ئېلىپ كېتەي ئارمانلىرىڭنى.

ئاقسۇغا بېرىپ كاۋا بولۇپ،

تولدۇرۋېتەي مانتىغا قاسقانلىرىڭنى.

كونا بولسىمۇ كۈلۈڭلار ھە!

بىز كۈنى ماۋۇ زىلتار ئالدىنقى كۈنى تۇنۇشقان قىز دوستىنى باشلاپ خوگو يەپتۇ،يەپ بولغاندىن كېيىن خوجاينغا يالۋۇرۇپ،ئۆزىنىڭ خوڭچىلۇدا كومپىيوتىر شېركىتىنىڭ خوجايىنى دەپ تۇنۇشتۇرۇپ،پۇلنى شېركەت <<ھېساباتىغا >>يازدۇرۇپ نېسى قىلىپ،ئاران يېنىپ چىقىپ،قىزنىڭ تاكسى توسىلى دېگەن تەلىپىنى ،ئۇدۇل كەلگەن ماشىنىنى كونىكەن دېگەن باھانە بىلەن قايتۇرۋېتىپ ئاران دېگەندە قىزنىڭ مەھەللىسىگە  پىيادە يېتىپ كېلىپ،قىزغا ئاغزىنى تەڭلەپ شاپىلاقتىن بىرنى يەپ،ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتىپ چىقىۋاتسا يوغان ئىتتىن ئۈچى چىقىپ قوغلاپ كېتىپتۇ،زىلتارجان يەرگە ئېڭىشسە بىرمۇ تاش يوق،شۇنىڭ بىلەن ئىت كېلىپ پاچاقتىن ئاپتۇ،زىلتار پاچىقىنى سىلاپ يىغلاپ تۇرۇپ ۋارقىراپتۇ:

-قانداق مەھەللە بۇ تاشلىرىنى باغلاپ قۇيۇپ،ئىتلىرىنى قۇيىۋىتىدىغان

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 16:00:40

بىر كۈنى مىكىيان تاۋۇزدەك بىر تۇخۇم تۇغۇپتۇ.  مۇخبىرلار مىكىياننى زىيارەت قىلغىلى كەپتۇ، مىكىيان خىيالىغا كەلمەي بېرىپ خورازنى ئىزىدەڭلار دەپتۇ .. مۇخبىرلار خورازنىڭ قېشىغا بېرىپ:  مىكىياننىڭ شۇنچىۋالا چوڭ تۇخۇم تۇققانلىقىغا قانداق قارايسىز

خوراز قاتتىق ئاچچىقىدا :  ماۋۇ تۆگە قۇش ھاراملىقنى بوغۇزلىۋەتمىسەم خەپ ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 16:05:18

بىر كۈنى زىلتار ئۆيىگە مۇنداق خەت ئەۋەتىپتۇ :

- دادا -ئاپا ياخشىمۇسىلەر ؟ بۇ قېتىم مەكتەپ ماڭا 300 يۈەنلىك \"چۇفىڭ\" بەردى  ، بۇنى تۆلەشكە ئامال قىلالمىدىم .

ئۆيدىكىلەر مۇنداق جاۋاپ يىزىپتۇ :

-- بالام ئۇنداق قىممەت نەرسىلەرنى ئىلىپ يىمە ، زىيان قىلىدۇ.

      

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 16:20:15

بىر كۈنى خامبازىرىغا ئۈرۈمچىدىن بىر نەچچە ساياھەتچى كەپتۇ ، ئارىسىدىكى بىر قىز سۆزلەپلا كىتىپتۇ :

-- ۋۇييۇۇۇۇۇۇۇۇ ... بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىر مو نىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىكىنا !؟

شۇ ئارىدا باققال ئەدەم ئا قىز غا :

-- شۇ ياخشى ئۈكەممممم ، سىلىگە ئوخشاش بىر موچەننى يوتقان قىلىپ يىپىپ بارسا ،  تولغۇقى تۇتىدىغان بولاپ قالىدۇ.

     ئوقويدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا شۇنداق بىر بەز گۇيلار بارتىچۇ ، دائىم ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بىر كۈي - ئىككى كوي سوراپلا تۇرىدىغان ، بىر كۈنى مېنىڭ ئالدىمغا كىلىپ قالدى :

-- ئاداش بىر كوي بولسا بىرىپ تۇرە .

   -- ئىدىششش ، داداڭلا مەكتەپكە ئۇزاتقاندا رۇسلانجانغا ئامانەت دەپ ئۇزاتقانما ئۆزلىرىنى

            

            

AL-AK يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 16:49:46

ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن يەنە ئېيتىڭلار ھە... ھەممىڭلار ئېيتىپ بولغاندىن ئاندىن مەن ئېيتىپ بېرەي.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-23 17:24:53

AL-AK:
ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن يەنە ئېيتىڭلار ھە... ھەممىڭلار ئېيتىپ بولغاندىن ئاندىن مەن ئېيتىپ بېرەي.

\"ناخشا\"نى بىز ئوقىساق ، \"ئايارەي \"سىنى سىلى دەپ بىردىكەنسىلەدە

بەت: [1] 2
: يۇمۇر ئېيتىشمامتۇق؟