ئۇرۇمچىدە يەر-زىمىن باھاسىدىن ياردىم سورايمەن
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار.تىنىڭلار سالامەت،تۇرمۇشۇڭلار خاتىرجەم،خىزمىتىڭلار ئۇتۇقلۇق،ئوزەڭلارمۇ ئوبدان تۇرۇۋاتامسىلەر.
پىقىرنىڭ ئۇرۇمچىدىكى دوسلارغا،بولۇپمۇ ئۆي -زىمىن،يەر -مۈلۈك سودىسىدىن ياكى باھاسىدىن خەۋىرى بار تورداشلارغا ھاجىتىم چۇشۇپ قالدى.
گەپنىڭ ئوچۇقنىلا ئىيتاي: شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ يىنى،3-دوختۇرخانىنىڭ ئارقىسىدا كۆلىمى خىلى چوڭ بولغان
(تەخمىنەن 500-600كۇۋادىرات مىتردىن ئارتۇق)زىمىنلىق ئۆي بارتى(ئۆي بىر قەۋەتلىك ئادەتتىكى ئۆي)،مۇشۇ زىمىننى سىتىشقا توغرا كىلىپ قالسا (ئۆينى ھازىرچە قويۇپ تۇرساقمۇ بولىدۇ،چۇنكى ئۆي بەك يىڭى ئويمۇ ئەمەس.ئاساسلىقى زىمىننى دىمەكچى)ھەر كۇۋادىرات مىتىرى ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى باھاسىدا قانچە پۇلغا يارايدىغانلىغىنى سوراپ بىقىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالدى.بەك يۇزدە يۇز توغرا بولمىسىمۇ ئاساسەن شۇنۇڭغا يىقىنراق باھا بولسىمۇ بولىدۇ،ئەلۋەتتە ئاشۇ يەردىكى زىمىنلارنىڭ ئىنىق باھاسىنى بىلىدىغانلار بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ھەر قايسىڭلارنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.ئالدىن رەخمىتىمنى بىلدۇرۋالاي قۇرۇق بولسىمۇ.
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ تېمىدىن سەكرەپ يەنئەن باغچىنىڭ ئالدىغا چىىقىدىغان تار كوچىدىنىڭ باشلىنىش ئېغىزىدا كەندە؟ ئەجەپمۇ بىرسېغىندىم ئاشۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ..........تازا ئىنىق بولمىدىمۇ ئورنى، مۇنداق دەي: شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتىنى قويۇپ،3 -دوختۇرخانىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىغا توغرا كىلىدۇ.
1مىليۇن 300مىڭ دىن 1مىليۇن 500مىڭغىچە بولىشى مۇمكىن .
تارىمى خانقىز،سىزنىڭ باھايىڭىز 500 كۇۋادىرات مىتىرنىڭ باھاسىمۇ؟مەن ھەر كۇۋادىرات مىتىرنىڭ باھاسىنىڭ قانچە پۇلدىن بولىدىغانلىغىنى بەكمۇ بىلگۇم بارتى، مىنىڭچە ئىزدىنىشتىن بۇنى بىلىدىغان دوسلارنى تاپالايمەن.
ئۇچقۇن سىز مىلىيادېر ئىكەنسىز ..........................سىزنىڭ تەخمىنى ئۆيىڭىزنىڭ باھاسى ،.
تەخمىنى ئۆيىڭىز قانچىلىك بولسا ،شۇنى مېنىڭ دىگەن سانىمغا بۆلسىڭىز ،ھەر بىر كۇادىرات مېتىرنىڭ باھاسى چىقىدۇ .بۆلۈپ بېرەي دىسەم يېنىمدا ھېساپ كىتاۋىم يوقكەن .
دىمەك ھەر كۇۋادىرات مىتىرنىڭ باھاسى تەخمىنەن 3000يۇەن ئىكەندە.رەخمەت سىزگە .
يەنە باشقا بالىلارنىڭمۇ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
1 مىليۇنىدىن كۆپ پۇلىغا يارايىدۇ ،مەن ئۈرۈمىچلىك بولمساممۇ ئۆزەم قەشقەرلىك بىزنىڭ يەنى دادامنىڭ ئۈرۈمىچى سەيماچاڭ تەرەپكە كېتىدىغان يول ئۈستىدە بىر ئورۇن بار بولۇپ تەخنمەن كۆلىمى 500----600 كۇۋادىرات متىرلىق يەر ئىدى ھۆكۈمەت چاقىدىغان يەر بولۇپ قىلىپ ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىرىغا 4500يۈەنىدىن بەرىگەن ئەمىدى گەپ سىزنىڭ ئۇ يەر قانداق يەر ئۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمسى قانداق مۇشۇ يەرلەرىنى بىلسەك بولىدۇ ئەگەرىدە ئۇ يەرىنى ساتماقىچى بولسڭىز ھساپىلاش تەرتپنى سىزىگە مەن تەمنلەپ بەرىسەم شۇ بويىچە ساتسڭىز سىز ھەرگىز زىيان تارتمايىسز مېنىڭ تەكپلكىم بولسا ساقىلاپ قىلىڭ ئەگەرىدە ئۆيڭىزنىڭ بارلىق رەسميتى تولۇق بولسا 2 مىليۇنىدىن ئارتۇق پۇلىغا يارايىدۇ ،ئەمما قۇرۇلمسى قانداق بۇلارنى بىلمەي قالىدىم ........... ئەگەر چېقىلىشقا چۈشىدىغان ئىش بولسا،ئىككى يۈزمىڭ مەبلەغ سېلىپ قاتلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەسىلامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مەتۈ ئەپەندى سىزىدىن سوراپ باقسام سىز ئۆي مۈلۈك ئىدارسىدا ئىشلەمىسز ياكى ؟ چۈنىكى مېنىڭ بۇنداق سورشمىدىكى سەۋەب مۇنداق ئۈرۈمىچىدىكى ئۆينىڭ چىقىش ئىشى بىلەن دادام بۇ يىل بىلمەي ئاز پۇل ئىلىپ قالغان كېين بولسا سىياسەتنىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىش سىياستى بىلەن كېين ئىمىزا قويغانلار بولسا پۇلىنى يۇقىرى ئالغان يەنى دىمەكىچى بولغۇنۇم بولسا دادامنىڭ بىنا ئۆي بولۇپ 5 قەۋەتلىك ئاز پۇل ئالغان يەنە بىر ئادەمنىڭ بولسا بىنا 4 قەۋەتلىك يەر كۆلەم جەھەتتە 5 قەۋەتنىڭ يۇقىرى ئەمما بۇنداق بويىچە دادام كۆپ ئالالماي قالىدى 4 قەۋەتلىك بىناسى بار ئادەم بولسا دادامىدىن 100مىڭ يۈەن تۆۋەن ئالىدى بۇ پەقەت ئادىل بولماي قالىدى بىز ئەرىىز قىلساق ئاقامىۇ ياكى شۇلارىغا دىسەك بولامىدۇ مۇشۇ ھەقىتە بىلسڭىز جاۋاب بەرسڭىز رەھمەت !بىلمەيدىكەنمەن كەچۈرۈڭ،يولداش تارىمى كەسپى بۇ جەھەتلەردە،سىزگە چوقۇم ياردەم قىلالايدۇ،بۇنداق ئىشلارنى شۇنداق كەسىپ ئەھلىگە ھاۋالە قىلغىنىڭىز تۈزۈك.
ئىمزا قويۇپ بولۇپ،پۇلنى ئېلىپ بولۇپ رازى بولماي قالدىڭلارما ؟
ئاقمايدۇ .
چۈنكى سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىمزا قويۇپ بولغان .
ئادىل بولۇش بولماسلىق ،خەقنىڭ سەۋر تاقىتى ئوبدانكەن ،جاھان كۈزىتىپتۇ .ئۆينىڭ باھالىرىنى ئوبدان بىلىدىكەن ،شۇڭا جىق ئاپتۇ ،سىز تېخىچە ھازىرغىچە ئۆي باھاسىنىڭ قانچىلىكلىنى بىلمەي يۈرۈپسىز ،ئەرزان سېتىۋەتكەىنىڭىز مانا مۇشۇ مەسلىدىن كېلىپ چىققان ....بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بولماسلىقى ئەمەس ،كىم چېچەن بولسا شۇ پايدا تاپىدىغان جاھان بۇ .
4000--6000 ئەتراپىدا . ئەڭ كام ئەڭ كام 4000 دىن كام بولمايدۇ . دوسلارغا كوپتىن-كوپ رەخمەت.بۇ زىمىننىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق، راستىنى دىسەم ھەر كۇۋادىرات مىتىرى 8000سومغىمۇ چىققان، تىخى شۇ باھادا ساتماقچىمۇ بولغان، لىكىن كىيىن بەزىلەر ئۇ باھا بەك تۆۋەن بولۇپ قاپتۇ دىگەچكە توختاپ قالغان،بۇنىڭغا تىخى ئۇزۇن بولمىدى. شۇڭا ئۈرۈمچىدىكى دوسلاردىن يەنە بىر سوراپ بىلىپ باققۇم كەلدى، شۇڭا بىلىدىغانلار بولسا ياردىمىنى ئايىماسلىغىنى ئۇمىد قىلىمەن. يەرنىڭ ئورنى مىنىڭچە خىلى ئوبدان يەردە، ئىگىز قەۋەت ئولتۇراق ئوي سىلىپ قالسا بولۇپمۇ مىللىلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا تازا ماس كىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، كۆلىمى 700كۇۋادىرات مىتىرغا يىقىن. ئورنىمۇ خىلى بولىدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى ئۆي باھاسىغا نىسبەتەن 8000 سوم بوپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا ساتماي تۇتۇپ تۇرسىڭىز بولىدىكەن.